مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا تالاق نىزامى

 تالاق
(ئەرنىڭ نىكاھ توختامىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تۈزىدىغان توختامى)

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەدىمە
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەرنىڭ، ئايالىنى يا چىرايلىقچە نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىشى لازىمدۇر…»- (بەقەرە 2/229).
ئايەتنىڭ «تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى ئەتتالاقۇ مەررەتانى «الطَّلاَقُ مَرَّتَانِ» دۇر. ئەتتالاقۇ «الطَّلاَقُ» كەلىمىسىنىڭ بېشىغا قوشۇلۇپ كەلگەن ئەلىف لام «ال» ئەھد «العهد» ئۈچۈن بولۇپ، «بىلدۈرۈلگەن» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ ئەلىف لام «ال» نىڭ جىنس «الجنس» ئۈچۈن بولۇشىغا يەنى تالاقنىڭ ھەممىسىگە دالالەت قىلىشىغا بۇ ئايەتتىن كېيىنلا كېلىدىغان ئايەتنىڭ بېشىدىكى فەئىنتەللەقەھا «فَإِن طَلَّقَهَا (ئەگەر ئەر ئايالىنى يەنە بىر قېتىم تالاق قىلسا…» دېگەن ئىپادە توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىپادە ئۈچىنچى قېتىملىك تالاقنى كۆرستىدۇ. ئۈچىنچى قېتىمى بولغان ئىككى قېتىمنىڭ، قېتىملارنىڭ ھەممىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنى ھەر كىم بىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ: ئەتتەلاقۇ مەررەتانى «الطَّلاَقُ مَرَّتَانِ» دېگەن سۆزىنىڭ توغرا مەنىسى: «بىلدۈرۈلگەن تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ  بۇ سۆزىدە بىلدۈرۈلگەنلىكى ئەلىف لام  «ال» بىلەن ئىپادىلەنگەن تالاق، قۇرئان كەرىمنىڭ 65- سۈرىسى بولغان تالاق سۈرىسىدە ئېنىق بىلدۈرۈلمەكتىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۇ سۈرىدە بىر قېتىملىك تالاقنىڭ شەكلىنى ۋە بۇ بىر قېتىملىق تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان.
دېمەك، ئاللاھ تەئالا تالاق سۈرىسى دەپ بىر سۈرە نازىل قىلىپ، بۇ سۈرىدە تالاقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى تەپسىلىي بىر شەكىلدە بىلدۈرگەن. يۇقىرىدىكى ئايەتتە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ئايىتىدە بولسا، بۇ تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ تالاقنى ئەينەن ئىجرا قىلغان.
ئەپسۇس! ئىسلام دىنىنىڭ كىتابى ئوتتۇرىغا قويغان، پەيغەمبىرى ئىجرا قىلغان تالاق سىستېمىسى بىلەن، مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن تالاق سىستېمىسى بىر-بىرىگە ھېچ ئوخشىمايدۇ. قۇرئان-ھەدىستىكى تالاق سىستېمىسى بىر ۋادىدا، مەزھەپلەردىكى تالاق سىستېمىسى باشقا بىر ۋادىدىدۇر.
توغرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى خاتانىڭ داۋاملىشىشىغا، ئەڭ مۇھىمى توغرىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنىڭ قۇرئان-ھەدىستىكى توغرىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆزىمىزگە بىر دىنى ۋەزىپە دەپ بىلىپ بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ باردۇق.
ئىشىنىمىزكى، تەتقىقاتىمىزنى دىققەت بىلەن ئوقۇغان ھەر ئەقىل ئىگىسى ئاللاھ تەئالا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىجرا قىلغان تالاق سىستېمىسىنىڭ «مۇكەممەل بىر نىزام» ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
1- تالاقنىڭ شەكلى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار، رەببىڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقمىسۇن؛ ئۇلار ئوچۇق پاھىشە قىلسا ئەھۋال باشقىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدۇر. كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىلمەيسەنكى، ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىش مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
  ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىڭلار. سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىڭلار. ئاللاھ ئۈچۈن توغرا گۇۋاھلىق بېرىڭلار. مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىم ئاللاھدىن قورقسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ ۋە ئويلىمىغان يېرىدىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى»- (تالاق 65/1-3).
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە تالاقنىڭ شەكلىنى، تالاقتىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان ھۆكۈملەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ» دەپ، بۇ ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇشنىڭ بىۋاسىتە ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى» دەپ، تالاقنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆزىنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229 – ئايىتىدە بولسا، بۇ شەكىلدە قىلىنغان تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىمدىن كېيىن ئەرنىڭ خوتۇنى بىلەن قايتا يارىشىشىغا يول بارلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 230 – ئايىتىدە، ئەر ئايالىنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلغان تەقدىردە ئۇنىڭ بىلەن يارىشىشقا يول قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئايالىنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ ھالدا تالاق قىلغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە قاتتىق ئاچچىقلىغانلىقى (بۇخارى، ئەھكام 13) ۋە ئۇنىڭغا ئايالىنى تالاق قىلش ئۈچۈن ئارتۇقچە بىر پاكىزلىق دەۋرى كۈتۈش جازاسى بەرگەنلىكى تالاقنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۆلچىمىدىن باشقا بىر ئۆلچىمىنىڭ يوقلىقىغا، شۇنداقلا باشقا شەكىلدە قىلىنغان تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
تالاق سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىنىڭ «كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دېگەن قىسمى، پەيغەمبىرىمىز ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە بەرگەن جازانىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئۇ، ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە تالاق قىلالايتتى. لېكىن ئۇ ئالدىراپ كېتىپ ئايالى ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە تالاق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىدىن ئۆتتى ۋە پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن يۇقىرىدىكى جازاغا ئۇچرىدى، شۇنداقلا «ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولدى».
مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلغان ئىدى. دادىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالى بىلەن ياراشسۇن. ئۇنى، ھەيزدىن پاكىزلانغۇچىلىك يېنىدا تۇتسۇن. ئاندىن قايتا ھەيز كۆرۈپ پاكىزلانغۇچە ساقلىسۇن. ئايال ھەيزدىن پاكىزلانغاندا خالىسا ئۇنى نىكاھىدا تۇتسۇن، خالىسا ئۇنى بىر تۆشەكتە بولماستىن تالاق قىلسۇن. مانا بۇ تالاق سۈرىسىدە بايان قىلىنغان ئىددەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا تالاق قىلىنماقچى بولغان ئاياللارنى ئۇنىڭ ئىچىدە تالاق قىلىنىشىغا ئەمر قىلغان»- (بۇخارى، تالاق 1، 3، 44، 45؛ ئەھكام 13، تەفسىر، تالاق 1؛مۇسلىم، تالاق 1، 14؛ مۇۋاتتا، تالاق 53؛ ئەبۇ داۋۇد، تالاق 4؛ تىرمىزى، تالاق 1؛ نەسەئى، تالاق 1، 2، 3، 4؛ ئىبنى ماجە، تالاق 1).
دېمەك، ئايالنى «ئىددىتى ئىچىدە» تالاق قىلىش ئۈچۈن ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى، ئەگەر پاكىزلىق مەزگىلىدە بولسا، ئۇ پاكىزلىق مەزگىلى ئىچىدە ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولۇشى شەرتتۇر. قۇرئان-ھەدىستىكى تالاق شەكلى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت.
  2- تالاقنىڭ شەرتى
ئا- تالاق قىلىنىدىغان ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى،
ئە- ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە بولۇشى،
ب- ئەرنىڭ تالاق مەيدانىغا ئادىل ئىككى گۇۋاھچى ھازىر قىلىشى.
تالاق سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىنىڭ بېشىدىكى «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار» دېگەن ئىپادە ئاۋۋالقى ئىككى شەرتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى ھەيز كۆرۈۋاتقان ياكى ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولغان پاكىزلىق ئىچىدىكى ئايال «ئىددەت ئىچىدە» ھېسابلانمايدۇ.
ئۇ سۈرىنىڭ (تالاق سۈرىسىنىڭ) 2- ئايىتىدىكى «سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىڭلار» دېگەن ئىپادە، تالاقنىڭ 3- شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى بۇ ئىپادە «تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتىنى توشقۇزغان چاغدا، ئۇنى چىرايلىقچە نىكاھدا تۇتۇش ياكى ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىش» ئەسناسىدا ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشنىڭ شەرتلىكىگە دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئايالنى تالاق قىلىدىغان چاغدىمۇ ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشنىڭ شەرتلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ، تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى» دېيىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
3- تالاقتىن كېيىنكى ئىشلار
بىر ئەر ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا تالاق قىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئەر-ئايال تۆۋەندىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىدۇ:
ئا- ئەر ئايالنىڭ ئىددىتىنى سانايدۇ،
ئە- ئەر ئايالنى ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ،
ب- ئايال ئىددىتى چىقىپ بولغۇچە ئۆزىنىڭ ئۆيى ھېسابلىنىدىغان ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.
پ- ئايال ئىددىتى توغرۇلۇق ئېرىگە توغرا مەلۇمات بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارغا (ئاياللارغا)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەچچىدانلىرىدا ياراتقان نەرسىنى يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ»- (بەقەرە 2/228). بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئايال ھەيز كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمىدىم دېسە گۇناھكار بولىدۇ.
ت- ئايال ئىدەت مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ بارغاندا، ئەر خالىسا ئۇنىڭ بىلەن «چىرايلىقچە» يارىشىپ قالىدۇ، خالىسا ئۇنىڭدىن «چىرايلىقچە» ئايرىلىپ كېتىدۇ. – (بەقەرە 2/231، تالاق 65/2).
ج- ئەرنىڭ، قىلغان تالىقىدىن ئايالغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ ئىددىتىنى ئۇزارتىش نىيىتى بىلەن قايتىشى توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددەت مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، ئۇلارنى يا چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى چىرايلىقچە قويۇۋېتىڭلار. ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا، ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلماڭلار…»-(بەقەرە 2/231).
يەنى ئەر قىلغان تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن قايتا يارىشىۋالماقچى بولسا، «چىرايلىقچە» يارىشىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ «چىرايلىقچە» نى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«…ئەگەر ئەرلىرى ئىسلاھ قىلىشنى خالىسا، ئىددەت ئىچىدە ئۇلارنى نىكاھىغا قايتۇرۇشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر…»- بەقەرە 2/228). بۇ ئايەتتىكى «ئىسلاھ قىلىشنى خالاش» ئەرنىڭ بۇ يارىشىشتىن ئەر-خوتۇنلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئائىلىسىنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىدە بولۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.
  ئەگەر ئايال، ئېرىنىڭ يامان نىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، ئۇنىڭ قايتىشىنى قوبۇل قىلمىسا بولىدۇ. يامان نىيەتنى ئىسپاتلاش قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «… ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا، ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ…»- بەقەرە 2/231).
4- تالاق نىزامىنىڭ ھېكمەتلىرى
ئا- ئەر كىشى ھەيز كۆرۈۋاتقان ئايالى بىلەن بىر تۆشەكتە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە بولىدۇ. ئايال ھەيزدىن پاكىزلانغاندا ئېرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇش ھەۋىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقىدۇ، بىر تۆشەكتە بولسا ئۇ ھەۋىسى تۆۋەنلەيدۇ.
ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى، كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە بولۇۋاتقان چېغىدا ياكى ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىشى تۆۋەنلىگەن چېغىدا ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدىلا يەنى ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇش ھەۋىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىققان چاغدىلا تالاق قىلالايدىغانلىقى، تالاقنىڭ ئالدىدا تەبىئىي بىر توسالغۇ شەكىللەندۈرىدۇ.
ئە – تالاق قىلىنغان ئايال تالاق بىلەن بىرلىكتە ئېرى بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشىغان ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا باشلايدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ: «ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار» دېگەن سۆزىدىكى «ئۆيلىرىدىن» ئىپادىسى ئۇ ئۆينىڭ، ئىددىتى توشقۇچە ئايالنىڭ ئۆيى ھېسابلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇپ بولغۇچە ئېرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشى ۋە ئىددەتنى ئەرنىڭ سانىشى، بۇ ئەر-خوتۇننى بىر-بىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا زورلايدۇ، شۇنداقلا ئەرگە ئەھۋالنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ تېخىمۇ توغرا بىر قارار بېرىش پۇرسىتى، ئايالغا ئېرىنى قايىل قىلىپ، ئۇنى تالىقىدىن ياندۇرۇش پۇرسىتى بېرىدۇ. چۈنكى ئىددەت ئىچىدە ئايالنىڭ ئېرىگە قىلىدىغان سۆز-ھەركەتلىرىدە بىر چەك-چېگرا يوق. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت ئۆتتىمۇ ئەر ئايالىغا قايتقان يەنى قىلغان تالىقىدىن يانغان بولىدۇ.
ئەگەر ئايال ئۆيىدىن چىقرىلسا ياكى ئۆزى چىقسا، بۇ ئەر-خوتۇن باشقا بىرىگە دەردىنى تۆكۈپ، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پىتنە-پاسات تېرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قايتا يارىشىپ قېلىشلىرى تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭ زىيىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا: «كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، چوقۇم ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دەپ ئۇلارنى بۇ زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
 خۇلاسە
نىكاھ بىر توختام بولۇپ، ئۇنى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا تۈزىدۇ. ئەسلىدە پۈتكۈل توختام ۋە كېلىشىملەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ، ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ بۇ توختامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرۈشى بىلەن تۈزىلىدۇ. شەرتلىرىگە رىئايە قىلىنىپ تۈزۈلمىگەن نىكاھ توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. مەسىلەن:
بىر ئەر يولدا كېتىۋاتقان ياكى بىر جايدا تۇرۇۋاتقان بىر ئايالغا: «مەن سىزنى ئالدىم» دېسە، ياكى  بىر ئايال يولدا كېتىۋاتقان ياكى بىر جايدا تۇرۇۋاتقان بىر ئەرگە: «مەن سىزگە تەگدىم» دېسە، بۇ سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. يەنى ئۇ سۆزلەر بىلەن ئۇلار ئەر-خوتۇن بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ سۆزلەر دېيىلگەندە نىكاھنىڭ شەرتلىرى تېپىلمىغان.
بۇ ئەھۋال، پۈتكۈل توختام ۋە كېلىشىملەردە مۇشۇنداقتۇر. قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمايلا: «مەن سىزنىڭ پالانى مېلىڭىزنى مانچە پۇلغا ئالدىم، مەن سىزنىڭ پالانى ئۆيىڭىزنى ياكى پۇستانى دۇكىنىڭزنى ئايلىقى مانچە پۇلدىن، مانچە يىللىق ئىجارىگە ئالدىم…» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. يەنى بىر تەرەپنىڭ ئۇنداق سۆزلىرى بىلەن ھېچبىر توختام تۈزۈلمەيدۇ.
تالاقمۇ ئەنە شۇنداق بىر توختام بولۇپ، ئۇ نىكاھ مۇناسىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. تالاق توختامىنىڭ باشقا توختاملارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، بۇ توختامنى نىكاھ توختامىنى تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى بولغان ئەر، ئىككى تەرەپنىڭ يەنە بىرى بولغان ئايالنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن ئەمەس، ئاللاھ تەئالانىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن يەنى ئاللاھ بەلگىلىگەن يول بويىچە تۈزىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ تۈزگەن تالاق توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
ئاللاھ بەلگىلىگەن يول يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغىنىدەك، تالاق سۈرىسىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بىر كىشى ئايالىنى بۇ يول بويىچە ئىككى قېتىم تالاق قىلالايدۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە شۇ يول بويىچە تالاق قىلسا، ئۇ ئەرنىڭ ئۇ ئايال بىلەن قايتا يارىشىشىغا يول قالمايدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ۋە 230- ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا تالاق سۈرىسىدە ئاللاھ بەلگىلىگەن يول بويىچە قىلىنمىغان ھېچبىر تالاق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. يەنى بىر كىشى ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە، ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ تالاق قىلسا تالىقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
دېمەك، تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنىڭ ھەممىسىگە تولۇق رىئايە قىلىنغان بولۇشى لازىم:
1- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى،
2- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدىن پاكىزلىنىپ، تالاق قىلىنغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولۇشى،
3- تالاق قىلماقچى بولغان ئەرنىڭ تالاققا ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشى.
بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنماستىن قىلىنغان تالاقلارنىڭ ھېچبىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ھېچبىرى بىر مەنا ئىپادىلىمەيدۇ، ھەممىسى قۇرۇق گەپتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر.
ئەسكەرتىش:
يۇقىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغىنىدەك ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى، ئۇنى پەقەت «ئىددىتى ئىچىدە» لا تالاق قىلالايدۇ. بولمىسا قىلغان تالىقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئايالنىڭ «ئىددىتى ئىچىدە» بولۇشى ئۈچۈن ھەيز كۆرىدىغان ئايال بولسا، ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە بولۇشى لازىم.
ھەيز كۆرمەيدىغان ئايال ۋە ھامىلىدار ئايال ھەر دائىم «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھەيز كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئاي ئۆتۈش بىلەن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى تۇغۇش بىلەن چىقىدۇ.- (بەقەرە 2/228؛ تالاق 65/4). شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى تۈرلۈك ئايال ھەر دائىم «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ. يەنى بۇ ئىككى تۈرلۈك ئايالنىڭ ئەرلىرى (ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىش شەرتى بىلەن) بۇلارنى خالىغان چېغىدا بىر تالاق قىلالايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى تۆۋەندىكى شەكىلدە بولىدۇ:
1-   ھەيز كۆرىدىغان ئايال:
تالاقتىن بۇرۇنقى
ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان
تالاقتىن كېيىنكى بىرىنچى
تالاقتىن كېيىنكى ئىككىنچى
تالاقتىن كېيىنكى
ئىككىنچى
تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى
تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى
ھەيز مەزگىلى
پاكىزلىق مەزگىلى
ھەيز مەزگىلى
پاكىزلىق مەزگىلى
ھەيز مەزگىلى
پاكىزلىق مەزگىلى
ھەيز مەزگىلى
بۇ مەزگىلدە قىلىنغان تالاق كۆچكە ئىگە ئەمەس.
ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى مۇشۇ پاكىزلىق ئىچىدە بىر تالاق قىلالايدۇ ۋە بۇ پاكىزلىق ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ.
تالاقتىن كېيىن ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان بىرىنچى ھەيز
بۇ پاكىزلىق ئىچىدە ئەر تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.
تالاقتىن كېيىن ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان ئىككىنچى ھەيز
بۇ پاكىزلىقنىڭ ئاخىرىغىچە ئەر تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.
بۇ ھەيز باشلانغان ھامان ئىددەت چىقىپ بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىدۇ.
2- ھەيز كۆرمەيدىغان ئايال
تالاق قىلىنغان ئاي
ئىككىنچى ئاي
ئۈچىنچى ئاي
تۆتىنچى ئاي
ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ
ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ
ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ
بۇ ئاينىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىددەت چىقىپ بولغان بولىدۇ.
3- ھامىلىدار ئايال
تالاق قىلىنغان مەزگىل
تۇغقان ۋاقتى
ئايال بۇ مۇددەت داۋامىدا «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ۋاقىت بىلەن ئىددەت چىقىپ بولىدۇ
ئايالىنى تالاق قىلغان كىشى، ئايالىنىڭ ئىددىتى ئاخىرىلىشىپ بولغۇچە تالىقىدىن يېنىپ، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالالايدۇ. ئىددەت ئاخىرلاشقان ھامان ئۇنىڭ بۇنداق بىر ھەققى قالمايدۇ. بۇ تەقدىردە ئەگەر ئەرنىڭ قىلغان تالىقى ئۈچىنچى قېتىملىق تالاق بولمىسا ئۇ ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويۇپ، ئايال قوبۇل قىلسا ۋە ۋەلىيلىرى قوشۇلسا، ئۇنىڭ بىلەن قايتا نىكاھلانسا بولىدۇ.
ئەگەر ئەرنىڭ قىلغان تالىقى ئۈچۈنچى قېتىملىق تالاق بولسا، ئايال مەيلى  ئىددىتىنىڭ ئىچىدە بولسۇن مەيلى ئىددىتىنى توشقۇزۇپ بولغان بولسۇن، ئۇ ئەر ئۇ ئايال بىلەن قايتا نىكاھلىنالمايدۇ. لېكىن ئايال باشقا بىر ئەرگە تېگىپ، بۇ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن  بۇ ئايالنى قويۇۋەتكەن بولسا، ئىددىتى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كونا ئېرى بىلەن قايتا نىكاھلانسا بولىدۇ.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر