مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا ئىبادەت تۆتىنچى قىسىم

ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇنجى نىداسى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد يوق» دېگەندىن ئىبارەت
بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ ئادەم ئەۋلاتلىرىدىن ئالغان ئەزەلى ۋە ئەبەدى ئەھدىدىن ئىبارەت. ئەقىل ۋە قەلب ئاتا قىلىنغان ئىنسان، ھەر نەرسىنى بىلىپ، ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغاندىن باشلاپ، ئاللاھ دەلىل-ئىسپات بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئەھدىنى ئىنساننىڭ ساپ تەبىئىتى ۋە خاراكتىرىگە پۈتۈۋەتكەن. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چۇقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟»- ياسىن36/ 60-61.
ئاللاھ يەنە بۇ ئەھدىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن- ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئالغان چاغدا ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ھەئە، رەببىمىزسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق» دېدى. ئى ئىنسانلار! بۇ «بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار. ياكى: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز بولساق ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن بىر نەسىل ئىدۇق. باتىلغا چۆمگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر»-ئەئراف 7/ 172-173.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ۋە مۇقەددەس كىتابلارنى نازىل قىلىشىدىكى غايە-نىشان، ئىنسانلارغا ئۇنتۇلغان مەزكۇر ئەھدىنى ئەسلىتىش، شۇنداقلا، جاھىللىق، بۇتپەرەسلىك، ۋە تەقلىدچىلىكنىڭ چاڭ توزانلىرىنى ئىنساننىڭ ساپ تەبىئىتىگە قوندۇرماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن تازىلاشتىن ئىبارەت. بۇ سەۋەبتىن ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇنجى نىداسىنىڭ «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد يوقتۇر» دېگەندىن ئىبارەت بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت، شۇئەيىب ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەر (ئە.س)لار مۇشۇ نىدا بىلەن دىنغا چاقىرغان ئىدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق، مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك بىر كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن»-ئەئراف 7/59.
 «شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۈممەتكە بىر ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن نېرى تۇرۇڭلار) دېدى»-نەھل 16/36.
«بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر ئەلچىگە: «مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار»، دەپ ۋەھىي قىلدۇق»-ئەنبىيا 21/25.
ئاللاھ بىر قانچە پەيغەمبەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ؛
«ئى ئەلچىلەر! پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن. «ئەنە شۇلارنىڭ دىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار»-مۇئمىنۇن 23/51-52.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر