مۇسۇلمانلار

ئىستىخارە دۇئاسى

 سالام ئۇستاز، تۆۋەندىكى ئىككى سوئالىمغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا: ئىستىخار دۇئاسى قانداق ئوقۇلىدۇ؟ نېمىلەرنى سوراشقا بولىدۇ؟

1- سوئال: ئىستىخار دۇئاسى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئىستىخارە دۇئاسى تۆۋەندىكىدەك ئوقۇلىدۇ:
«ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا، مېنى بۇ ئىشتا مۇۋەپپەق قىلغىن، ماڭا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن، ماڭا بۈيۈك ئېھسانىڭدىن ئاتا قىلغىن، سەن ھەر ئىشقا قادىر بولىسەن، مەن قادىر بولالمايمەن. سەن بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن.
ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش (قىلماقچى بولغان ئىشنى ئاتايدۇ) سېنىڭ ئىلمىڭدە مېنىڭ دىنىم، دۇنيايىم، ھاياتىم ۋە ئاقىۋىتىم ئۈچۈن خەيرلىك بولسا، ماڭا بۇ ئىشنى نېسىپ قىلغىن ۋە بۇ ئىشنى قىلىشنى ئاسان قىلىپ بەرگىن، ئاندىن ئۇ ئىشتا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن.
ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش (قىلماقچى بولغان ئىشنى ئاتايدۇ) سېنىڭ ئىلمىڭدە مېنىڭ دىنىم، دۇنيايىم، ھاياتىم ۋە ئاقىۋىتىم ئۈچۈن يامانلىق بولسا، مېنى بۇ ئىشتىن، بۇ ئىشنى مەندىن يىراق قىلغىن، بۇ ئىشنى ئەقلىمدىن چىقىرىۋەتكىن، ماڭا ياخشىلىق نېسىپ قىلغىن، مېنى ياخشىلىق بىلەن قانائەتلەندۈرگىن»- (بۇخارى، دۇئالار).
ئستىخارە سېلىش ئۇسۇلى:
 ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا ئىستىخارە سېلىش نىيىتى بىلەن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ، نامازدىن كېيىن ياكى نامازنىڭ ئىچىدە يۇقۇرىقى دۇئا ئوقولىدۇ.
2- سوئال: ئىستىخارىدە نېمىلەرنى سوراشقا بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىستىخارىدە دىنىمىز قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ئىشلاردىن بىرىنى قىلىشنى ياكى ئۇلاردىن بىرىنى تاللاشنى ئاللاھتىن سوراشقا بولىدۇ، مەسىلەن: بۇ ئۆينى ئالايمۇ ئالمايمۇ؟ بۇ قىز/ئايال بىلەن (ياكى ئوغۇل/ئەر بىلەن) توي قىلايمۇ، قىلمايمۇ؟ بۇ تىجارەتنى قىلايمۇ قىلمايمۇ؟ … دەپ ئىككىلىنىپ قالغان كىشى ئىستىخارە سالسا بولىدۇ.  
ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر:
ئىستىخارە نامىزىدا مۇئەييەن بىر سۈرە ياكى مۇئەييەن بىر ئايەت ئوقۇش بەلگىلەنمىگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن ھەر ئىككى رەكئەتتە فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت مىقدارى بىلگىنىچە ئايەت ئوقۇسا بولىدۇ. لېكىن بىرىنجى رەكئەتكە فاتىھەدىن كېيىن (قۇل يا ئەييۇھەل كافىرون) نى، ئىككىنجى رەكئەتكە فاتىھەدىن كېيىن (قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد) نى ئوقۇش ياخشىدۇر.
ئەسكەرتىش:
1- ئىستىخارىدە چۈش كۆرۈش دەيدىغان بىر گەپ يوق. ئىستىخارىدىن كېيىن كۆڭۈل بىر تەرەپكە مايىل بولمىسا، بىرقانچە قېتىم، (ھەتتا يەتتە قېتىم) ئىستىخارە سېلىشقا بولىدۇ. ئىستىخارىدە مۇھىم بولغىنى چۈش كۆرۈش ئەمەس، كۆڭۈلنىڭ بىر تەرەپتىن سوغۇپ، يەنە بىر تەرەپكە قىزىشىدۇر.
2- ھەر كىم ئۆز ئىستىخارىسىنى ئۆزى سالىدۇ. باشقا بىرىگە ئىستىخارە سالدۇرۇش ياكى ئىستىخارە سېلىپ بېرىش ئۈچۈن باشقا بىرىنى «نىمكار» لاش، ئىشنىڭ بىدئەت تەرىپىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر