مۇسۇلمانلار
ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ھەمكارلىقنىڭ شەكىل ۋە تۈرلىرى 1

ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت \ ھەمكارلىقنىڭ شەكىل ۋە تۈرلىرى

4 . ھەمكارلىقنىڭ شەكىل ۋە تۈرلىرى

1)     دىنى ھەمكارلىق:

ئىمان نۇرىنىڭ يورۇشى، ئىسلام ئادالىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، ئىبادەتلەرنىڭ توغرا ئادا قىلىنىشى، تەقۋالىق ئېڭىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ تارقىلىشى، توغرا پىكىرنىڭ ئومۇملىشىشى، ياخشى ئەخلاقنىڭ قانات يايدۇرۇلىشى، قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ جانلىنىشى ۋە خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ جارى قىلىنىشى … قاتارلىقلار ئۈچۈن ماددىي جەھەتتىن تەلەپكە لايىق مەسچىت – جامە، مەكتەپ – مەدرىسە، رابات – ئۆتەڭ ۋە ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلەرنى تەسىس قىلىش، مەنىۋى جەھەتتىن زامانغا ماس سەۋىيەدە ۋەز – نەسىھەت، تەلىم – تەربىيە، تەشۋىقات ۋە نەشرىيات پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش دىنى ھەمكارلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەمكارلىققا پۇلى بارلار پۇلىنى، ئىلمى بارلار ئىلمىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى، ۋاقتى بارلار ۋاقتىنى… چىقىرىدۇ.

2)     ئىقتىسادىي ھەمكارلىق

بۇ تونۇش – بىلىش ۋە يېقىن – يورۇقلارنىڭ ئۆزئارا  ئاشلىق ۋە پۇل – مالنى قەرز ئېلىش – بېرىش مۇئامىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇئامىلە ئادەتتە توختام تۈزۈش ياكى بىر ئىككى ئادەمنى گۇۋاھچى قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئەينەن قايتۇرۇلىدۇ. بۇ ئىشتىكى ھەمكارلىق قەرز سورىغۇچىلارغا ئىمكانى بارلارنىڭ قەرز بېرىشى، قەرز ئالغۇچىنىڭ ۋاقتىدا تۆلىشى، قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز ئالغۇچى تۆلىيەلمىسە ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىشى ياكى قەرزدىن ئۆتۈۋېتىشى، باشقا ئىمكانى بولغانلارنىڭ قەرزدارغا قەرزىنى تۆلەشكە ياردەم قىلىشى، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە خالىسانە ياردەم قىلىشى، ئېتىبارلىق كىشىلەرنىڭ قەرز ئىگىسى بىلەن قەرزدار ئارىسىدا ۋاسىتە بولۇشى… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۆي، دۇكان، ۋە ئىش يېرى قوشنىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا ئۆتنە – يېرىم قىلىشىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئۆتنە ئېلىنغان بۇيۇملار ئىشلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەينەن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ناۋادا بۇزۇلۇپ ياكى يوقىلىپ كەتسە تۆلەپ بېرىلىدۇ.

3)     سىياسىي ھەمكارلىق

بۇ ھەمكارلىق دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ۋە خەلقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دۆلەت خادىملىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

ئۇلار ماددىي جەھەتتىن دۆلەتنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىنى زامانغا ماس ھالدا تەسىس قىلىدۇ ۋە مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ۋەتەننىڭ ھەر تۈرلۈك بايلىقىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغدايدۇ، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئومۇمنىڭ مەنپەئەتلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلايدۇ ۋە يۈكسەلدۈرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ۋە مەھسۇلات سۈپەت ئۆلچىمىنى (ستاندارتىنى) ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا رىقابەتتە ئاساس قىلىدۇ. مەنىۋى جەھەتتىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەقسىزلىككە قارشى تۇرۇپ ئادالەتنى ياقلايدۇ، جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ ئىلىم – مەرىپەتنى قانات يايدۇرىدۇ، ئېكسپىلاتاتسىيەگە قارشى تۇرۇپ ھەمكارلىقنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، تەپرىقىچىلىككە قارشى تۇرۇپ ئىتتىپاقلىقنى كۈچلەندۈرىدۇ، شەخسىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ كوللېكتىپچىلىقنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ.

4)     ئىجتىمائىي ھەمكارلىق

بۇ شەكلىگە ئاساسەن ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

(1)    قوشنىدارچىلىق

بۇ قوشنىلارنىڭ بىر – بىرىنىڭ ۋاقتى كېلىپ قالغان ئىشلىرىغا ئۆزئارا قولمۇقول تۇتۇش قىلىشى، تىجارەت، سانائەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىدا ئۆزئارا پىكىرلىشىشى، مال ۋە مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشتا مەسلىھەتلىشىشى، بىر – بىرىگە يول كۆرسىتىشى، ئىش ئۆگىتىشى، تۇرمۇش قۇرۇش ئىشلىرىغا، قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەملىشىشى، بىمارلارنى يوقلىشى، مۇسىبەتدارلارغا تەسەللىي بېرىشى، ئۆلۈم – يېتىم ۋە جىنازا ئىشلىرىدا، ھېيت – بايرام، توي – تۆكۈن ۋە مىھماندارچىلىقلاردا مىھمان كۈتۈش ۋە ئۇزىتىش قاتارلىق ئىشلاردا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۆزئارا ئۆتنە – يېرىم قىلىشىشى، ئەتە – ئاخشام يېمەك – ئىچمەكلەردىن بىر – بىرىگە سۇنۇشى، تاپشۇرمىسىمۇ بىر – بىرىنىڭ مال – ۋاران، قورۇ – جاي ۋە ھويلا – ئاراملىرىغا كۆز – قۇلاق بولۇشى قاتارلىقلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

(2)    كوللېكتىپچانلىق

 بۇ ئېھتىياجلىق بولغان يول – كۆۋرۈك ياساش، ئېرىق – ئۆستەڭ قېزىش، ئاممىۋى سورۇن قۇرۇش، ئۇلارنىڭ بارلىرىنى ياخشىلاش، بۇزۇلغانلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزئارا ياردەملىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ماددىي جەھەتتىن قۇتقۇزۇش، مەنىۋى جەھەتتىن ھال سوراش، كۆڭۈل ئېيتىش ۋە تەسەللى بېرىش، ئۆز ئىچىدىكى ئاجىز – ئورۇق، يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش قاتارلىقلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

(3)    تەشكىلاتچىلىق

بۇ ئاڭلىق، ھوقۇقلۇق ۋە تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ قول – ئىلكىدە بار كىشىلەرنى سەدىقە ۋە ئىئانە قىلىشقا تەشۋىق قىلىشى، موھتاجلارنى تېپىشى ۋە ئېھتىياجلىرىنى ئېنىقلىشى، سەدىقە ۋە ئىئانىلەرنى جايىغا تېگىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە تەرتىپلىك ھالدا، تېخىمۇ پايدىلىق ۋە كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەر زامانغا ماس ھالدا ۋە ھەر ماكانغا مۇناسىپ شەكىلدە خەيرىيەت ئۇيۇشمىلىرى، مېھىر – شەپقەت مۇئەسسەسەلىرى ۋە خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى قاتارلىقلارنى قۇرۇش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر كىشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرۇغان[1]. شۇڭا باشقا ساھەلەردە بولغاندەك بۇ ساھەدىمۇ ھەر كىشىگە ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ.

جەمئىيەت باي، كەمبەغەل، كۈچلۈك، ئاجىز، ئالىم، زىيالى ۋە ئاۋام دېگەندەك تۈرلۈك ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتىگە قاراپ خەيرلىك پائالىيەتتىن ئىبارەت بولغان بۇ ياردەملىشىشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشسا، بۇ ئىش ئەنە شۇنداق تەشكىلاتلار ۋاسىتىسى بىلەن يۈرۈتۈلگەن ۋە ھەر كىشى چامىسىنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغان بولىدۇ. ئۇنداق قىلماسلىق «مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىق قىلمىغانلىق» بولۇپ، بۇ قۇرئان كەرىمدە دىننى يالغان دېگەنلىكنىڭ ئىپادىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ ۋە دوزاخقا تاشلىنىشنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە: 

﴿أَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي يُكَذِّبُ بِٱلدِّينِ  ١ فَذَٰلِكَ ٱلَّذِي يَدُعُّ ٱلۡيَتِيمَ  ٢ وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ  ٣﴾

«دىننى يالغان دەۋاتقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ شۇنداق كىشىكى يېتىمنى دۆشكەلەيدۇ، مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايدۇ»[2].

﴿خُذُوهُ فَغُلُّوهُ  ٣٠ ثُمَّ ٱلۡجَحِيمَ صَلُّوهُ  ٣١ ثُمَّ فِي سِلۡسِلَةٖ ذَرۡعُهَا سَبۡعُونَ ذِرَاعٗا فَٱسۡلُكُوهُ  ٣٢ إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ ٱلۡعَظِيمِ  ٣٣ وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ  ٣٤﴾

«ئۇنى تۇتۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار. ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ ئوتقا قاقلاڭلار. ئاندىن كېيىن ئۇنى يەتمىش گەز ئۇزۇنلۇقتىكى زەنجىرگە كىرگۈزۈڭلار. چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىشەنمەيتتى، مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايتتى»[3].

مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىق قىلماسلىق باشقا بىر ئايەتتە يامان ئىشلارنىڭ قاتارىدا زىكىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿وَلَا تَحَٰٓضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ  ١٨﴾

«مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايسىلەر»[4].

بۇ ئايەتلەر بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا تەشكىلاتچىلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، سەل قاراشنىڭ خەتىرىگىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ.

خۇلاسە

ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. بۇ ئەمرگە ئىتائەت قىلغانلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى تەقۋالىق  ۋە ياخشىلىقتا بەسلىشىش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشتۇر. ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق ئىماننىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلىش، ئىبادەتلەرنى لايىق رەۋىشتە ئورۇنداش، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلاردۇر.

شەخىسنىڭ خاراكتېرىنى جەمئىيەت بەلگىلەيدۇ. جەمئىيەت شەخسلەردىن تەركىب تاپىدۇ. جەمئىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلەردىن ئىبارەت بولغان ئۇ شەخسلەرنىڭ خاراكتېرلىرىدۇر. مانا بۇ مۇستەھكەم قۇرۇلما ۋە زىچ مۇناسىۋەت ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىشقا ئۈندەيدۇ، ھەتتا زورلايدۇ.

ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئائىلىدىن باشلىنىپ، مەھەللىگە كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ شەھەر ۋە رايونلارغا يېيىلىپ، خەلقئاراغا ئومۇملىشىدۇ. دىنى جەھەتتە ساغلام، ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلۈك، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك،  ئىجتىمائىي جەھەتتە ئىناق بولغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەت ھەر كىشىنىڭ ئىمكانىغا قارىتا زەنجىرسىمان شەكىلدە زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ.

 ھەمكارلىق لايىق رەۋىشتە ئىجرا قىلىنغان جەمئىيەتتە نە كوچا – كويلاردا سەرسان يېتىم – يېسىرلەر، نە بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا تېنەپ – تەمتىرەپ يۈرگەن غېرىب – غۇرۋالار، نە ئەتراپتا ئىگە – چاقىسىز قالغان قېرى – چۈرىلەر قالمايدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى جەمئىيەتتە ئىمانىي قېرىنداشلىق تەسىس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھەممەيلەن بىر – بىرىگە ئىگە چىقىدۇ ۋە قانات ياپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە خاتىرجەملىك ھۆكۈم سۈرىدۇ، ئادالەت بەرپا قىلىنىدۇ. نەتىجىدە جان ۋە مال بىخەتەرلىكىگە ئوخشاش ئاساسىي  كىشىلىك ھوقۇق كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان بولىدۇ.   

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 313 – 327.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 286 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 16 – ئايەت.

[2] 107 – سۈرە مائۇن، 1 ~ 3 – ئايەتلەر.

[3] 69 – سۈرە ھاققە، 30 ~ 34 – ئايەتلەر.

[4] 89 – سۈرە فەجر، 18 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر