مۇسۇلمانلار

ئوڭ قولدا يېمىسە ھاراممۇ؟

سوئال:
تاماقنى سول قولدا يېسە يېگەن تامىقى ھارام بولىدۇ، دېگەن گەپنىڭ ئاساسىي بارمۇ؟ مېنىڭ بالام ئىككى ياشقا كىرگەن. سول قولىدا تاماق يەپ، ئوڭ قولۇڭدا يە دېسەم قاملاشتۇرۇپ قوشۇق تۇتالماي يۈرۈيدۇ. ئۇنى ئوڭ قولدا يەيدىغانغا ئۆگىتەيمۇ ياكى سول قولدا يېسىمۇ ھېچنېمە بولمامدۇ؟ ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«كُنْتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ…»
«سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر،…»- ئال ئىمران 3/110.
«ياخشى ئۈممەت» نىڭ قاتارىدىن بولۇش ئۈچۈن «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش» كېرەك. بۇنى ئالدى بىلەن ئۆز بالا-چاقىلىرىمىزدىن باشلاش لازىم.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىغا ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىشتىنمۇ ئوبدانراق ئوزۇق بېرەلمەيدۇ»- تىرمىزى رىۋايىتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيەسىدە بولغان ئۆمەر ئىبنى ئەبى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيەسىدە تۇرۇۋاتقان بالا ئىدىم. تاماق يەۋاتقان چاغدا قولۇم لېگەندە چېپىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بالا! بىسمىللاھ دەپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن يېگىن»، دېگەن. شۇنىڭدىن بۇيان تاماق يېيىش ئۇسۇلۇم ھامان رەسۇلۇللاھ دېگەندەك بولۇپ كەلدى- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىسلەر دالالەت قىلىدۇكى:
1- پەرزەنتلەرنى ئىسلام ئەدەپ-ئەخلاقلىرى بىلەن تەربىيەلەش ، ئۇلارنىڭ خاتالىق، سەۋەنلىكلىرىنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ تۈزىتىشكە يېتەكلەش لازىم.
2- تاماق يېيىشتە «بىسمىللاھ» دەپ باشلاش، ئوڭ قول بىلەن يېيىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىن ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئالدىدىن يېيىش قاتارلىق خىسلەتلەرنىڭ تاماق يېيىشتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپلەردىندۇر.
يىغىپ ئېيتقاندا تاماقنى ئوڭ قولىدا يېيىش پەيغەمبىرىمىز ئۆگەتكەن ياخشى ئەخلاقلاردىن بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تاماقنى ئوڭ قولدا يېيىش سۈننەتتۇر. سول قولىدا يېيىش مەكرۇھتۇر. يەنى ياخشى ئەمەستۇر. لېكىن سول قولىدا يېيىش بىلەن تاماق ھارام بولۇپ كەتمەيدۇ. سىز بالىڭىزنى ئوڭ قولىدا تاماق يېيىشكە ئادەتلەندۈرۈڭ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر