مۇسۇلمانلار

ئوغرىدىن موتو ئالساق بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

بىر مالنى سېتىۋالماقچى بولغان كىشى، ئۇ مالنىڭ ئەسلى نەدىن كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. لېكىن ئوغرىلانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالسا بولمايدۇ. بۇ سوئالغا بىر ئاز تەپسىلىيرەك جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

قېرىندىشىم! ئوغرىلانغان مالنى، ئوغرىلانغان مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىش توغرا ئەمەس. كاپىردىن ئوغرىلانغان بولسىمۇ ئوخشاشلا توغرا ئەمەس. چۈنكى قۇل ھەققىدە، ئۇ قۇلنىڭ مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولۇشىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر.

سېتىۋالماقچى بولغان مېلىنىڭ ئوغرىلانغان مال ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشىنىڭ، ئوغرىنى ئەيىبلىشى، ئۇنى تەۋبە قىلىشقا ۋە مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك ماقاملارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ھەقنىڭ ئىگىسىگە قايتىشىغا ياردەمچى بولۇشى كېرەك.

بىر كىشى بىر نەرسىنى، ئۇنىڭ ئوغرىلانغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالسا، گۇناھكار بولىدۇ. بۇنداق بىر كىشىنىڭ تەۋبىسىنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن سېتىۋالغان نەرسىسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئوغرىدىن پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى كېرەك. ئوغرىدىن بىر نەرسە ئېلىش گۇناھ ۋە مەئسىيەتكە ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ، شۇنداقلا ئوغرىنى ئوغرىلىق قىلىشقا تەشۋىق قىلغانلىق ۋە يامان ئىشقا قارشى تۇرمىغانلىق بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسىنى ئىگىسىدىن سېتىۋېلىش كېرەك. ئوغرى ئوغرىلىغان نەرسىسىنىڭ ئىگىسى ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سودا يەنى ئوغرىدىن بىر نەرسە سېتۋېلىش سودىسى سودا ھېسابلانمايدۇ.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، بىر كىشى بازارغا سېلىنغان بىر مالنىڭ ئوغرىلانغان ياكى بۇلانغان مال ئىكەنلىكىنى بىلسە ياكى بىلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئۇ مالنى سېتىۋېلىشى ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، بۇ ئۇ مالنى سېتىۋالغان تەقدىردە گۇناھ – مەئسىيەتكە ياردەملەشكەن بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان بولىدۇ، يامان ئىشقا قارشى تۇرمىغان بولىدۇ ۋە گۇناھقا شېرىكلەشكەن بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بازارغا سېلىنغان بىر مالنىڭ ئوغرىلانغان ياكى بۇلانغان مال ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كىشىنىڭ ئالدى بىلەن ئوغرىغا ۋە بۇلاڭچىغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى، يۇمشاقلىق بىلەن توغرىنى چۈشەندۈرۈشى، قايىل قىلارلىق سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى يامان ئىشتىن ياندۇرۇشى كېرەك.

ئەگەر ئۇلار يامان ئىشتىن يانمىسا، ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك ماقاملارغا يەتكۈزۈپ ئوغرى – بۇلاڭچىلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى ۋە ھەقنىڭ ئۆز ئىگىسىگە قايتىشى ئۈچۈن ياردەملىشىشى كېرەك. مانا بۇ، ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ، شۇنداقلا زالىمنى زۇلۇمدىن قايتۇرغانلىق ۋە مەزلۇمغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىڭ زالىم بولسۇن، مەزلۇم بولسۇن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىن». ساھابىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! مەزلۇمغىغۇ ياردەم قىلايلى، زالىمغا قانداق ياردەم قىلىمىز؟» دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زالىمنىڭ قولىنى زۇلۇم قىلىشتىن توختىتىسەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. – (بۇخارى ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رىۋايەت قىلغان).

بۇنىڭغا ئاساسەن، زالىمغا ياردەم قىلىش، ئۇنى زۇلۇمدىن قايتۇرۇش بىلەن، مەزلۇمغا ياردەم قىلىش ئۇنىڭغا ھەققىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىش بىلەن بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر