مۇسۇلمانلار

ئوغرىدىن مال ئالسام گۇناھكار بولامدىمەن؟

جاۋاب:

ئەلۋەتتە گۇناھكار بولىسىز. چۈنكى مالنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىش، گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، بىر كىشى بازارغا سېلىنغان بىر مالنىڭ ئوغرىلانغان ياكى بۇلانغان مال ئىكەنلىكىنى بىلسە ياكى بىلىپ قالسا، ئۇ مالنى سېتىۋېلىشى ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، بۇ ئۇ مالنى سېتىۋالغان تەقدىردە گۇناھ-مەئسىيەتكە ياردەملەشكەن بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان بولىدۇ، يامان ئىشقا قارشى تۇرمىغان بولىدۇ ۋە گۇناھقا شېرىكلەشكەن بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بازارغا سېلىنغان بىر مالنىڭ ئوغرىلنغان ياكى بۇلانغان مال ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كىشىنىڭ ئالدى بىلەن ئوغرىغا ۋە بۇلاڭچىغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى، يۇمشاقلىق بىلەن ئۇنىڭغا توغرىنى چۈشەندۈرۈشى، قايىل قىلارلىق سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى يامان ئىشتىن ياندۇرۇشى كېرەك.

ئەگەر ئۇلار يامان ئىشتىن يانمىسا، ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك ماقاملارغا يەتكۈزۈپ ئوغرى-بۇلاڭچىلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى، ھەقنىڭ ئۆز ئىگىسىگە قايتىشى ئۈچۈن ياردەملىشىشى كېرەك. مانا بۇ، ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ، شۇنداقلا زالىمنى زۇلۇمدىن قايتۇرغانلىق ۋە مەزلۇمغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر