مۇسۇلمانلار

ئاپتاپتا ئىسسىغان سۇدا تاھارەت ئالسا بولامدۇ؟

سوئال:
قۇياش نۇرىدا ئىسسىيدىغان مۇنچىلاردا يۇيۇنۇشقا بولامدۇ؟ بۇ توغرىدا قانداق ھۆكۈملەر بار؟ چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا.
جاۋاب:
كۈن نۇرىدا ئىسسىغان سۇدا تاھارەت ئالسا ۋە غۇسۇل قىلسا بولمايدىغانلىقىغا دائىر بىر ھەدىس بار. بۇ ھەدىسنى بەزى ھەدىس ئالىملىرى زەئىپ -دەپ قاراپ، كۈن نۇرىدا ئىسسىغان سۇدا تاھارەت ئېلىشقا ۋە غۇسۇل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ. لېكىن بەزى ھەدىس ئالىملىرى ئۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كۈن نۇرىدا بىۋاسىتە ئىسسىغان سۇدا تاھارەت ئېلىشقا ۋە غۇسۇل قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن كۈن نۇرى بىۋاسىتە چۈشمەي، قاپاق ۋە چېلەكتەك نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى سۇ كۈن نۇرىدا ئىسسىغان بولسا بۇ سۇدا تاھارەت ئېلىشقا ۋە غۇسۇل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر