مۇسۇلمانلار

ئايىتى شىپا ئوقۇشقا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغان رۇقيە كېسەل زىيارەت قىلىش ئەسناسىدا شۇ كېسەلنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن ئوقۇغان مەخسۇس دۇئادۇر. ئۇنىڭ «سۈپكۆچ» لەش بىلەن ياكى «ئايىشىفە» بىلەن بىر ئالاقىسى يوق. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

1 ـ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ بىرىنى (كېسىلىنى) يوقلاپ بارغاندا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، كېسەللىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، پەقەت سېنىڭ بەرگەن شىپايىڭلا ئۈنۈملۈك بولىدۇ. شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي» – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

2 ـ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ سابىتقا: «رەسۇلۇللاھ ئوقۇپ قويغان دۇئانى قويايمۇ؟»، دېدى. سابىت: «بولىدۇ، ئوقۇغىن»، دېۋىدى، ئۇ تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇدى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئوقۇبەتنى كەتكۈزگۈچى! شىپالىق بەرگىنكى، سەنلا شىپالىق بېرىسەن، سەندىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوق، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، ھېچقانداق كېسەللىك قالمىغاي» – بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

2 ـ سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كېلىپ: «ئى ئاللاھ! سەئدكە شىپالىق بەرگىن، ئى ئاللاھ! سەئدكە شىپالىق بەرگىن، ئى ئاللاھ! سەئدكە شىپالىق بەرگىن»، دېدى. – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

3 ـ ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبن ئەبىلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەدىنىدىكى ئاغرىقتىن شىكايەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى بەدىنىڭدىكى ئاغرىۋاتقان جايغا قويۇپ ئۈچ قېتىم ‹بىسمىللاھ›، دېگىن، ئاندىن ‹ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ۋە قۇدرىتى بىلەن ئۆزۈم سېزىپ، ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ تۇرغان كېسەلنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن›، دېگىن»، دېدى. – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

4 ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەجىلى توشمىغان بىر كېسەلنى يوقلىغان چاغدا، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ يەتتە قېتىم ‹ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۈيۈك ئاللاھ تائالادىن ساڭا شىپالىق بېرىشنى سورايمەن›، دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مۇشۇ كېسەلدىن خالاس قىلىدۇ» – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

5 ـ ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئەئرابىنى يوقلاپ ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەرسىنى يوقلاپ كىرسە: «كېرەك يوق، ئاللاھ تائالا خالىسا بۇ كېسەللىك گۇناھلاردىن پاكلىغۇچىدۇر»، دەيتتى. – بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ئەنە شۇلار قېرىندىشىم! مەن بۇ مەسىلىگە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىرقانچە قېتىم جاۋاب بەردىم. سىز قايتا سوراپسىز. ئەسسلىدە بىر مەسىلە ئوچۇق بايان قىلىنغان بولسا، ئۇنى قايتا سوراشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر