مۇسۇلمانلار

ئايال كىشى ئىشتان بىلەن ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشم! ئايال كىشى ناماز ئوقۇغاندا يۈزى ۋە ئىككى قولىدىن باشقا پۈتۈن ئەزالىرىنى يۆگەيدىغان شەكىلدە كىيىم كىيگەن بولۇشى شەرتتۇر. ئايال كىشىنىڭ كىيگەن كىيىملىرىنىڭ ئەرلەرنىڭ كىيىملىرىگە ئوخشىمىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئەرلەردەك بولىۋالغان ئاياللارغا، ئاياللاردەك بولىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلسۇن» دېگەن ـ (بۇخارى ۋە مۇسلىم).

ئاياللار ئىشتاننىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە كىيمىسە «ئەرلەردەك بولىۋالغان» بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىشتان بىلەنلا ناماز ئوقۇشى توغرا ئەمەستۇر. ئاياللارنىڭ نورمال ۋاقىتلاردىمۇ ئىشتان بىلەن يۈرۈشى توغرا ئەمەستۇر.

ئاياللار نامازدا يېنىدا بىرى بولسۇن، بولمىسۇن پايپاق كىيىشكە تەكلىپ قىلىنمايدۇ يەنى ئاياللار پايپاق كىيىپ ناماز ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. بۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچىدىكى يېڭى «جاھىل مۇجتەھىد» لەرنىڭ چىقارغان ھۆكمىدۇر. بۇنداق يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەرگە ئالدانماسلىق كېرەك.

ئاياللار كۆڭلىكىنى ياكى پەلتۇسىنى ۋە ياكى ئىشتىنىنى پۇتلىرىنىڭ دۈملىرىنى يۆگەيدىغان شەكىلدە ئۇزۇن كىيسە، ئۇلار نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدە قىلغان چاغلىرىدا پۇتلىرىنىڭ ئۇچ تەرەپلىرى ۋە تاپانلىرى ئېچىلىپ قالسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى بۇنى، نۇر سۈرىسىنىڭ 31 ـ ئايىتىنىڭ «ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا» دېگەن قىسمىدىكى «مۇستەسنا» ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇر سۈرسىنىڭ 31 ـ ئايىتىنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:

«مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. نومۇسلۇق يەرلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن- ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (گەدەن، بويۇن، گال ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، دادىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار اللەغا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر