مۇسۇلمانلار

ئايالىم نامەھرەم بىلەن پاراڭلاشسا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سۇئال:
ئايالىمنىڭ مەيلى مەن بۇلاي ياكى مەن بولماي باشقا ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىشىغا يۇلى بارمۇ؟ ماڭا مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىيراق بىلىم بەرسىڭىز.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بۇ ئىشنىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىككى تەرىپى بار:
1- ئايالىڭىز پاراڭلىشىدىغان ئەر، ئايالىڭىزنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى بولسا ۋە ياكى ئايالىڭىزنىڭ ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى بولسا، بو تەقدىر ئايالىڭىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسا سىزمۇ گۇناھكار بولمايسىز، ئايالىڭىزمۇ گۇناھكار بولمايدۇ.
2- ئايالىڭىز نامەھرەم بىلەن قىلىشىدىغان پاراڭ نورمال پاراڭ بولسا يەنى ئادەتتە ئىنسانلار ئارىسىدا قىلىشىدىغان گەپ – سۆزلەر بولسا، مەسىلەن:
ئايالىڭىز سىزنىڭ ئاداش- ئاغىنىلىرىڭىز بىلەن تىنچ – ئامانلىق سوراشسا،  يولدا كېتىۋېتىپ بىر ئەر كىشىدىن ئادرېس سورىسا، بازاردا سودىگەردىن مال باھاسىنى سوراپ مالنىڭ باھاسى توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشسە بولىدۇ؛ قاتناش ۋاسىتىلىرى، دوختۇرخانا توي – تۆكۈنگە ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلاردا نامەھرەم ئەرلەر بىلەن ئادەتتىكى گەپلەرنى قىلىشسا بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر ئاللاھدىن قورقساڭلار، نازلىنىپ گەپ قىلماڭلار. بولمىسا قەلبىدە كېسەل بار كىشى تەمەدە بولۇپ قالىدۇ. مۇۋاپىق گەپ قىلىڭلار»- ئەھزاب 33/32.
بۇ ئايەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرى باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تەمە پەيدا قىلىدىغان شەكىلدە گەپ قىلىشتىن مەنئى قىلىنىش بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق گەپ قىلىشقا ئەمر قىلىنىدۇ.
دېمەك، ئىسلام دىنىدا ئاياللار نامەھرەم بىلەن گەپلىشىشتىن مەنئى قىلىنمايدۇ، لېكىن نامەھرەمگە ئۈمىد بېرىدىغان شەكىلدە گەپ قىلىشىتىن مەنئى قىلىنىدۇ.
 شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالىڭىز باشقا نامەھرەملەر بىلەن يۇقىرىدا قىلىشىشى رۇخسەت قىلىنغان پاراڭنى قىلىشقان بولسا، ئايالىڭىز دىنىمىزغا خىلاپ ئىش قىلمىغان بولىدۇ. سىز بۇنىڭغا دىن نامىدىن بىر نەرسە دەپ ئايالىڭىزنى بۇنداق پاراڭلىشىشتىن توسالمايسىز.
ئايالىڭىز ئەگەر نامەھرەم بىلەن قۇرۇق گەپلەرنى قىلىشىپ ئولتۇرۇشسا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرى ياكى يۈرۈش – تۇرۇشلىرى قارشى تەرەپكە ئۈمىد بېرىدىغان دەرىجدە بولسا، ئايالىڭىز دىنىمىزغا خىلاپ ئىش قىلغان بولىدۇ. سىز ئايالىڭىزنى باشقۇرالمىغان بولىسىز. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار…»- تەھرىم 66/6.
«ئەرلەر، ئاياللىرىنىڭ ھامىيلىرىدۇر…»- نىسا 4/34.
ئەر كىشى، ئائىلىسىنى دوزاختىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن ھامىيلىق (قوغدۇغۇچىلىق)  قىلىشى كېرەك. ئايالىنى ئىسلام تەلىماتى بويىچە ساقلىمىغان ئەر، ئۇنىڭغا تەلەپكە لايىق ھامىيلىق قىلمىغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
«ئەر ئائىلىسىگە مەسئۇل. ئۇ، بۇ مەسئۇللۇقىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ، قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر»- (ئىسرا 17/32).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى،  يېنىدا مەھرىمى بولمىغان بىر نامەھرەم ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ»– بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى.
بىر ئەرنىڭ بىر ناماھرەم ئايال بىلەن، بىر ئايالنىڭ بىر نامەھرەم ئەر بىلەن بىھۈدە پاراڭلىشىشى زىناغا يېقىنلاشقانلىق، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا بىر – بىرىگە نامەھرەم بولىدىغان ئەر – ئاياللارنى بىر- بىرىگە تىكىلپ قاراشتىنمۇ قەتئىي مەنئى قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن بويۇن ۋە كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- نۇر 24/30-31.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قول بىلەن نامەھرەمنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇش، پۇت بىلەن نامەھرەم تەرەپكە مېڭىش، كۆز بىلەن نامەھرەمگە قاراش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىنادۇر»- بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەلى! ئارقا – ئارقىدىن قارىما، بىرىنچى قېتىملىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ.- ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەد.
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە نامەھرەم ئەر – ئاياللار بىر – بىرىگە تىكىلىپ قاراشتىن مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ، نامەھرەم بىلەن بىھۇدە پاراڭلىشىشنىڭمۇ مەنئى قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بىر ئىشنىڭ ئەڭ كىچىك تەرىپىنىڭ مەنئى قىلىنىشى، ئۇ ئىشنىڭ چوڭ تەرىپىدىن باشلاپ ئاشۇ ئەڭ كىچىك تەرىپىگىچە بولغان ئارلىقتىكى پۈتۈن تەرەپلىرىنى مەنئى قىلغانلىق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر