مۇسۇلمانلار

ئۇختۇرماي ئالسام بولامدۇ

سوئال:
ئەر كىشى ئايالىغا دىمەستىن باشقا ئايال بىلەن نىكاھ قىلسا بولامدۇ ؟ بۇرۇن باشقىلار بىلەن نىكاھلىنىپ ئاجراشقان ئايال كىشى ئاتاـ ئانىسىغا بىلدۈرمەي باشقا ئەر بىلەن نىكاھ قىلسا دىنىمىزدا توغرىمۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: ئەلى ئابدۇللا
بولمايدۇ! بولمايدۇ! بولمايدۇ!!!
قىز/ئايالنىڭ ۋەلىيىسى (دادىسى، دادىسى بولمىسا قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرى بولمىسا تاغىلىرى) قوشۇلمىغان نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قانداقلا بىر ئايال، ۋەلىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەرگە تەگسە، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر. يەنى ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر…»- (ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ 20/2083؛ تىرمىزى، نىكاھ 14/1102؛ ئىبنى ماجە، نىكاھ 15/1879؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/66).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر