مۇسۇلمانلار

ئاياللار پۇتىغا پايپاق كەيمەي ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئاياللارنىڭ نامازدا ۋە نامازنىڭ سىرتىدا يۆگىلىشى پەرز بولغان يەرلىرى يۈزى ۋە ئىككى قولىدىن باشقا يەرلىرىدۇر. ئاياللارنىڭ پۇتلىرى ئوشۇقلىرىغىچە ئەۋرەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامازدا ۋە نامازنىڭ سىرتىدا پاچاقلىرىنىمۇ يۆگىشى پەرزدۇر.

يەنى ئاياللار نامازدا ۋە نامازنىڭ سىرتىدا پۇتلىرىنى تا ئۇچلىرىغىچە يۆگىگىنى ياخشى، لېكىن ئۇلار پاچاقلىرىنى ئوشۇقلىرىغىچە يۆگەپ پۇتلىرىنىڭ ئۇچلىرىغىچە يۆگىمىسە بىر گۇناھ بولمايدۇ.

چۈنكى ئاللاھ تەئالا نۇر سۈرىسىنىڭ 31 – ئايىتىدە «ئىللا مازەھەرە مىنھا» دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «ئاياللار تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى يۆگىسۇن» دېگەن بولىدۇ. ئەرەبلەردە ئاياللار پۇتلىرىغىمۇ بىلەيزۈك سالاتتى. بۇ بىلەيزۈكلەر، ئاياللار ماڭغاندا ئېچىلىپ قالاتتى.

بۇ پۇت بىلەيزۈكى تاشقى زىننەت بولۇپ، ئايەتتە ئۇ ئىپادە بىلەن تاشقى زىننەتتىن ۋە ئۇنىڭ ئورنىدىن ھېسابلىنىدىغان ئوشۇق ئاستى يۆگەلمىسىمۇ بولىدىغانلىققا ئىشارەت قىلىنغان. چۈنكى ئايەتتىكى زىننەت دېگەن سۆز، زىننەت ئورۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئاياللار پايپاق كىيىپ ناماز ئوقۇمىسا نامىزى ناماز بولمايدۇ» دېگەن سۆز ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بوھتان چاپلىغانلىق بىلەن بىرگە دىننى بىلمىگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇنداق دېمىگەن. يەنى دىنىمىزدا ئۇنداق بىر ھۆكۈم يوق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر ئاياللارنىڭ ئوشۇق ئاستى ئەۋرەت بولىدىغان بولسا، پايپاق كىيىش بىلەن ئۇ يەر يۆگەلگەن بولمايدۇ. چۈنكى يۆگەش، تارلىقىدىن ياكى نىپىزلىكىدىن ئىچىدىكى نەرسىنى مەلۇم قىلمايدىغان بىر كىيىمنى كىيىش بىلەن بولىدۇ.

شۇڭا كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ «ئاياللار پايپاق كىيمەي ناماز ئوقۇسا نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» دەپ «مۇجاھىدلىق» قىلىۋاتقان «مۇجتەھىدچاق» لارنىڭ ئۇنداق يالغان – ياۋىداق «پەتىۋا» لىرىغا ئالدانماسلىقى كېرەك!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر