مۇسۇلمانلار

ئاياللار زىبۇزىننەت تاقىسا بولامدۇ؟

  ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام دىنىمىز ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەت تاقىشىغا يول قويىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ 43 ـ سۈرىسى بولغان زۇخرۇف سۈرىسىنىڭ 18 ـ ئايىتىدە قىزلارنىڭ ئادەتتە زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

 ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى توي قىلماقچى بولغان ساھابىلىرىغا «بىر تال ئۈزۈك بولسىمۇ ئايالىڭغا تويلۇق بەرگىن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. يەنە ھەدىس كىتابلىرىدا مەشھۇر ئىفكى (ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا چاپلانغان بوھتان) ۋەقەسىگە ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بوينىدىكى قىلادەسى (بويۇنچىقى، بۇلاپكىسى) نىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن قىز – ئاياللار ئۆز ئۆرپ ـ ئادەتلىرى بويىچە زىبۇزىننەت تاقىسا، نۇر سۈرىسىنىڭ 31 ـ ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە يۈزى ۋە قولىدىن باشقا يەرلىرىنى قېلىن ۋە كەڭ كىيىملەرنى كىيىش، بېشىغا ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق يۆگىسە، ئەۋرەت يەرلىرى بىلەن يۆگەلگەن زىبۇزىننەتلىرى يۆگەلگەن پېتى قالسا، ۋە «تاشقى زىننەتلىرى» كۆرۈنۈپ تۇرسا ئۇلارغا بىر گۇناھ بولمايدۇ.

 لېكىن بىر قىز (بىر ئايال) نىڭ زىبۇزىننەتلىرى زاكات كېلىش ئۆلچىمىگە يەتسە يەنى بىر ئايالنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ توپلام مىقدارى 85 گرام ئالتۇنغا تەڭ كەلسە ئۇ نەرسىلەرنىڭ زاكىتىنى ئايرىشى لازىم. «زاكات ھەققىدە ساۋات» دا بۇ مەسىلە بايان قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر