مۇسۇلمانلار
ئاياللار تاپقان پۇل ھاراممۇ؟ 1

ئاياللار تاپقان پۇل ھاراممۇ؟

سوئال: ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ پۇل تېپىش قىيىنلاشتى، نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇش ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىششنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈشمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامەرت ئەرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس – ئەلۋەتتە. مانا شۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن خانىم – قىزلىرىمىز ئشلەشكە مەجبۇر؛ مەنمۇ بىر خىزمەتچى. خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ: «ئايال كىشى مەيلى قانداق يول بىلەن پۇل تاپمىسۇن مۇتلەق ھارام» دېگىنىنى ئاڭلاپ كىلىۋاتمەن.

مەنچە بولغاندا بۇ ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان سۆز. ئەگەر بىر ئائىلىدە ئاياللارلا قېلىپ پۇل تاپمىسا زادى بولمايدىغان ھالغا كەپ قالسا، ئاشۇلار «پۇل تېپىش ھارام ئىدى» دەپ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتەرمۇ؟ مېنىڭچە بىزنىڭ بۈيۈك، ئۇلۇغ ئسلام دىنىمىزمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. بۇ يەردىكى مەخسەتكە كەلسەم ئەگەر بۇ ھەقتە ئاساسىى بىلەن جاۋاپ بىرەلەيدىغانلار بولسا، بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بىرىپ بېقىشنى ئۈمۈد قىلمەن.

جاۋاب:

ئاياللارنىڭ ھالال يول بىلەن تىجارەت قىلىپ ياكى گۇناھ بولمايدىغان بىر ئىشتا ئىشلەپ تاپقان پۇلى ھارام بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُم بَيْنَكُم بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَن تَكُونَ تِجَارَةً عَن تَرَاضٍ مِّنكُمْ …٢٩﴾

«ئى مۇئمىنلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. لېكىن ئۇ ماللارنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ …» – (4 – سۈرە نىسا، 29 – ئايەت).

﴿… وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا …٢٧٥﴾

«… ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنى ھارام قىلغان…‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت).

ئاللاھ تائالا تىجارەتنى يول قويغان بۇ ئايەتلەردە بولمىسۇن، باشقا ئايەتلەردە بولمىسۇن ھېچبىر ئايەتتە بۇ ئىشنىڭ پەقەت ئەرلەر تەرىپىدىنلا ئېلىپ بېرىلىشىنى شەرت قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالا يول قويغان بۇ تىجارەتنى قىلىش ئۈچۈن ئەر ياكى ئايال بولۇشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەنلىكى چىقىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىمۇ بۇ توغرىدا بىر چەكلىمە يوق.

شۇنداقتىمۇ ئاياللار تىجارەت قىلغاندا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:

1- تىجارەت ئەسناسىدا نامەھرەم ئەرلەر بىلەن يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىقى،

2- باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئەھمىيەت بەرگەندەك تىجارەت ئەسناسىدا كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ئىسلامىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى،

3- سېىتىۋالغۇچى تەرەپ ئەر كىشى بولغان تەقدىردە ئېلىم – سېتىم بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان پاراڭلارنى قىلىشماسلىقى، شۇنداقلا يۈرۈش – تۇرۇش ۋە گەپ – سۆزلىرىدە ھايالىق بولۇشى كېرەك.

بۇ جاۋابقا كەلگەن ئىنكاس:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ

پېقىر مۇشۇ تورنىڭ سۇۋال جاۋاپ بىتىدە «ئاياللار تىجارەت قىلسا بۇلىدۇ» دەپ جاۋاپ بىرىلگەن پەتىۋانى كۇرۇپ نارازىلىق پىكىرىمنى ئوتۇرغا قويماقچىمەن:

ئەرلەر ئاياللارنى نىكالاپ ئالغاندا ئۇنى بېقىشقا يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قوغداپ قېلىشقا ئوز ئۇستىمىزگە ئالدىم دەپ ئالغان. كىمكى ئايالىنى، ئاچا سىڭلىسىنى، قىزلىرىنى يامان غەرەزلىك كىشىلەردىن كۇنلىمەيدىكەن، ئۇ دەيۇز بۇلىدۇ. دەيۇز دىگەن 40 يىللىق يىراقتىن پۇرايدىغان جەننەتنىڭ پۇرخىنى پۇرىيالمايدۇ. مەڭگۇ دۇۋزاقتا قالىدۇ دىگەنلىك.

پېقىر ئالىم ئەمەسمەن، لېكىن ئالىملار بىلەن كوپ ئارلىشىمەن. قېرىنداشلارنىڭ سۇرىغان پەتىۋاسىغا بەرگەن جاۋاپنىڭ توغرا خاتالىغىغىمۇ كۇڭۇل بۆلىشىنى، ئوبدانراق تەپەككۇر قىلىشىنى سۇرايمەن. پەتىۋاغا جاۋاپ بەرگۇچى قېرىنداشلارمۇ ئاللاھ قۇرئاندا نېمە دىدى، مۇھەممەد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم نېمە ئىشتىن توستى، نېمە ئىشقا بۇيرىدى، دىگەن ئاساستا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ.

بېرىلگەن پەتىۋالارنى ئوقۇپ سەمىمىي پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، سىزگە.

بۇرادەر! پەتىۋالار، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بېرىلىدۇ. شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى:

ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدا «بولمايدۇ» دېيىلگەن بىر ئىشنى ھېچكىم- كىم بولسا بولسۇن- «بولىدۇ» دېيەلمىگىنىدەك، ئۇ كىتاب بىلەن ئۇ ھەدىسلەردە «بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن بىر ئىشنىمۇ ھېچكىم ـ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ـ «بولمايدۇ» دېيەلمەيدۇ.

قۇرئان كەرىمدە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە مۇسۇلمانلارغا تىجارەت قىلىش رۇخسىتى بېرىلگەن، ھەتتا مۇسۇلمانلار تىجارەت قىلىشقا تەشۋىق قىلىنغان. لېكىن تىجارەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر ئايەت ياكى ھېچبىر ھەدىستە ئەر ـ ئايال پەرقى كۆرسىتىلمىگەن.

ئاللاھ چەكلىمىگەن ياكى ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىمىگەن بىر ئىشنى «دىن» نامىدىن «بولمايدۇ» دېيىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمىگەنلىكى ۋە يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بىز «ئاياللار تىجارەت قىلسا بولامدۇ؟» دېگەن سوئالغا «بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرمىدۇق، چۈنكى ئاللاھ ۋە  ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئاياللارنى تىجارەت قىلىشتىن چەكلىمىگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سوئالنى سورىغۇچى سوئالىنى: «ئاياللارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟» دېگەن شەكىلدە سورىماستىن، «دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلەمدۇ؟» دېگەن مەزمۇندا سورىغان. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى دىنىمىزنىڭ بۇ توغرىدىكى ھۆكۈم ۋە تەۋسىيەلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بېرىلىشى لازىم ئىدى. جاۋاب شۇنداق بېرىلدى.

ئەمدى سىزنىڭ: «ئەرلەر ئاياللارنى نىكالاپ ئالغاندا ئۇنى بېقىشقا يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قوغداپ قېلىشقا ئۆز ئۇستىمىزگە ئالدىم دەپ ئالغان» دېگەن سۆزىڭىزگە كېلەيلى،

سىزدىن سوراپ باقاي:

جەمىئيەتتە نىكاھلاپ ئالىدىغانغا، باقىدىغانغا، يامان نىيەتلىك كشىلەردىن قوغداپ قالىدىغانغا ئادەم چىقمايدىغان، ئاكا ـ ئۇكىلىرى، يېقىن تۇغقانلىرى بار تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان نۇرغۇن ئاياللار بار. بۇنداق ئاياللار قانداق قىلىدۇ؟

بۇنداق ئاياللار، ھەتتا ئېرى ياكى باشقا تۇغقانلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئاياللار بازاردىن ياكى دۇكانلاردىن ئوت ـ ياش، مېۋە ـ چېۋە ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئېلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، شۇنداققۇ؟ سىزنىڭچە بولغاندا، بۇ ئاياللارنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىمۇ ھارام. چۈنكى بۇ ئاياللارنىڭ بازاردىن ياكى دۇكانلاردىن ئوت ـ ياش، مېۋە ـ چېۋە ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئېلىشىمۇ تىجارەتتۇر.

يەنە سىزنىڭچە بولغاندا، بۇ ئاياللار ساتماقچى بولغان ماللىرىنى ساتالمايدۇ. چۈنكى بۇمۇ ئۇلارنىڭ تىجارەت قىلغانلىقى بولىدۇ.

بۇرادەر! شۇنى بىلىپ قويۇڭكى: پەتىۋا، ھېسسىياتقا ئەمەس، قۇرئان ـ ھەدىستىن ئېلىنغان دەلىلگە ئاساسلىنىپ بېرىلىدۇ ۋە بېرىلىشى لازىم! 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر