مۇسۇلمانلار

ئاياللارنىڭ چېچنى بۇدىرە قىلىشى توغرىمۇ؟

ئىسلام دىنى ئاياللار ساتىراشلىقى تەلىم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن دىن ئەمەس، بۇنىڭغا ئىشىنىدىغانسىز! ئاياللار چاچلىرىنى قانداق تارىسا تارىسۇن، دىنىمىز بۇنىڭغا ئارىلىشىۋالمايدۇ.

دىنىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئاياللارغا ئەمر قىلىدىغىنى، ئۇلارنىڭ باش ۋە چاچلىرىنى كامىل يۆگەشلىرىدۇر.

ئاياللار ئۇزۇن چاچلىرىنى باشلىرىنىڭ ئۈستىگە توپلاپ تۆگىنىڭ لوككىسىغا ئوخشاش قىلىۋېلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ.

ئاياللار چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوككىسىغا ئوخشاش شەكىلگە كىرگۈزمىسە ۋە نامەھرەملەرنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قېلىن ۋە چوڭ بىر ياغلىق بىلەن باش، چاچلىرىنى يۆگىسە، دىنىمىزنىڭ بۇ توغرىدىكى بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان بولىدۇ.

ئاياللار چاچ ۋە باشلىرىنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە يۆگەش شەرتى بىلەن چاچلىرىنى قانداق شەكىلدە تارىسا بولىۋېرىدۇ. بۇ ئىش توغرىسىدا بۇ قەدەر «جىددىيلىشىپ» كېتىشنىڭ ياكى «كاللا قاتۇرۇپ» كېتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق!

مۇسۇلمانلار قىلىشقا تېگىشلىك تۇرۇپ قىلمايۋاتقان، قىلماسلىققا تېگىشلىك تۇرۇپ قىلىۋاتقان شۇنچىزا كۆپ ئىشلار تۇرۇقلۇق، ئىنتېرنېتكە كىرىپ، خەت يازالىغۇدەك سەۋىيىدىكى بىر كىشىنىڭ پۈتكۈل زېھنىنى يىغىپ بۇنداق ئۇششاق ـ چۈششەك مەسىلىلەر ئۈستىدە «كاللا قاتۇرۇپ» كېتىشلىرىنى چۈشەنمەك ناھايىتى تەس!

ئاللاھ ئەقىل ئاتا قىلسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر