مۇسۇلمانلار
ئاياللارنىڭ ئېتىكاپى 1

ئاياللارنىڭ ئېتىكاپى

ئاياللار ئېتىكاپى

بۇ ھەقتە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ پەرقلىق ئىككى كۆزقارىشى نەقىل قىلىنىدۇ:

1) جۇمھۇرنىڭ كۆزقارىشى

ئاياللارمۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرماقچى بولسا مەسچىت – جامەلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇن يەر تەييارلاپ شۇ يەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ. ئۆز ئۆيىدە بىرەر جاينى ئېتىكاپخانا قىلىۋېلىپ ئۇ يەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى توغرا بولمايدۇ.[1]

جۇمھۇرنىڭ (كۆپچىلىك ئۆلىمانىڭ)نىڭ دەلىلى:

 (1) ئاللاھ تائالا 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 187 – ئايىتىدىكى  ﴿وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ﴾ دېگەن سۆزىدۇر. مەنىسى: «مەسچىتلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقان چېغىڭلاردا».

ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: بۇ يەردىكى «مەسچىىتلەر» ناماز ئۈچۈن سېلىنغان مەخسۇس جايلارنى ئىپادىلەيدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ناماز ئۆتەيدىغان يېرى «مەسچىت» ئەمەس، چۈنكى ئۇ مەخسۇس ناماز ئۈچۈن سېلىنمىغان.

 (2) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىشقا رۇخسەت سورىغاندا، رۇخسەت بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىسى بۇنىڭغا دەلىلدۇر.[2]

ئەگەر مەسچىتتىن باشقا يەردە ئېتىكاپ قىلىش ياخشى بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رۇخسەت قىلىمىغان بولاتتى.

(3) ئېتىكاپ ئەرلەر ئۈچۈن مەسچىتتە قىلىش شەرت بولغان بىر ئىبادەتتۇر. بۇ شەرت ئاياللار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگىدۇر. خۇددى تاۋاپقا ئوخشاش ئەر – ئايال مۇسۇلمانلار ھېچ پەرقسىز تاۋاپنى كەبىنىڭ چۆرىسىدە قىلغاندەك، ئېتىكاپنىمۇ مەسچىتتە قىلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشى لازىم.

2) ھەنەفىي مەزھىپى ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزقارىشى

ئايال كىشىنىڭ ئېتىكاپخانىسى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى مەسچىتىدۇر (نامازگاھىدۇر). بۇ ھەنەفىي مەزھىپى ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزقارىشىدۇر.[3]

ھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ دەلىلى

(1)  ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدىن مەنئى قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر».[4]

بۇ ھەدىس ئايال كىشىنىڭ نامىزى ئۈچۈن ئۆيىنىڭ ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئېتىكاپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(2) ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلغىنى، خۇددى نامىزىنى ئۆيىدە ئۆتىگىنىگە ئوخشاش ئەۋزەلدۇر.

(3) ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلىشى نامەھرەملەرگە كۆرىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇيغۇندۇر.[5]

نەتىجە

ئايال كىشىنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش يېرى توغرۇلۇق يۇقىرىدا ئۆتكەن ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراشنىڭ بىرىنچىسىنىڭ دەلىللىرى تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر ۋە ئېتىكاپنىڭ ئېنىقلىمىسىغا تېخىمۇ يېقىندۇر، شۇنداقلا ئېلىشقا تېخىمۇ لايىقتۇر.

[1] شەرھۇسسەغىر ۋە ھاشىيەتۇھۇ، 1: 255؛ مەجمۇئـ، 6: 484؛ مۇغنىلمۇھتاج، 1: 451.

[2] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[3] مەبسۇت، 3: 119؛ ئىختىيار، 1: 137؛ ھىدايە مەئە فەتھىلقەدىر، 3: 394.

[4] ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى خۇزەيمە، بەيھەقى.

[5] بەدائىئۇسسەنائىئـ، 2: 113.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر