مۇسۇلمانلار

ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەتمۇ

سوئال:
ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەتمۇ؟ يەنى ئاياللارنىڭ باشقىلارغا ئۈنلۈك گەپ قىلىشى ھاراممۇ؟ بۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىلە، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب
ئەۋرەت ئەمەس، يەنى ئاياللارنىڭ باشقىلارغا «مۇۋاپىق سۆز» نى ئۈنلۈك دېيىشى ھارام ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِنَ النِّسَاءِ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَعْرُوفًا»
 «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر تەقۋالىق قىلساڭلار، نازلىنىپ گەپ قىلماڭلار. بولمىسا قەلبىدە كېسەل بار كىشى تامادا بولۇپ قالىدۇ. مۇۋاپىق گەپ قىلساڭلار بولىدۇ»- ئەھزاب 33/32.
بۇ ئايەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرى نازلىنىپ گەپ قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ، مۇۋاپىق گەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. دېمەك، ئاياللار قارشى تەرەپكە مەقسىتىنى ئۇقتۇرغۇدەك مىقداردا مۇۋاپىق گەپ قىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ.
 «مۇۋاپىق گەپ» كە قۇرئان كەرىمدىن مىساللار:
1- مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچىسىنىڭ سۆزى:
مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«…ئى مۇسا! سېنى كۆز ئالدىمدا يېتىشسۇن، دەپ سۆيۈملۈك قىلدىم. سېنىڭ ئىز-دېرىكىڭنى ئېلىشقا چىققان ھەمشىرەڭ، دەريادىن سېنى ئالغانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ: ‹سىلەرگە، بۇ بالىنى ئوبدان باقىدىغان بىرىنى تېپىپ بېرەيمۇ؟›، دېگەن ئىدى...»- تاھا 20/39-40.
«بىز مۇسانى ئانىسى كەلمەستىن سۈت ئانىلىرىنى ئېمىشتىن توستۇق. مۇسانىڭ ئاچىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرگە، بۇ بالىنى سىلەر ئۈچۈن بېقىپ بېرىدىغان، بۇنى ئوبدان يېتىشتۈرىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟› دېدى»- قەسەس 28/12.
2- شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزىنىڭ سۆزى:
مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«شۇنىڭ بىلەن مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئۇ يەردىن چىقتى ۋە: ‹رەببىم! مېنى شۇ زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن!› دېدى. ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چېغىدا: ‹ئۈمىد قىلىمەنكى، رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ› دېدى.
ئۇ مەديەن سۈيىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ماللىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشى ئۇچراتتى، ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ماللىرىنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى ئايال كۆردى ۋە ئۇلارغا: ‹ئىككىڭلار نېمىشقا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟› دېدى. ئۇلار: ‹پادىچىلار ئايرىلمىغۇچە بىز سۇغىرالمايمىز. ئاتىمىز بەك ياشىنىپ كەتكەن كىشىدۇر› دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سۇغىرىپ بەردى، ئاندىن سايىغا بېرىپ: ‹رەببىم! ماڭا قانداق نېمەت ئاتا قىلساڭ، مەن ئۇنىڭغا موھتاجمەن!› دېدى.
بۇ ئەسنادا ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: ‹سېنى ئاتام چاقىرىدۇ. ساڭا ماللىرىمىزنى سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىدىكەن› دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ئاتىىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، ئۇ كىشى: ‹قورقما، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ› دېدى.
ئىككى ئايالنىڭ بىرى: ‹ئى دادىكا! بۇ كىشىنى ھەق بېرىپ ئىشلەتكىن. سەن ھەق بېرىپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بۇ كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك كىشىدۇر› دېدى»- قەسەس 28/21-26.
3- سەبەئ دۆلىتىنىڭ ئايال پادىشاھى بەلقىسنىڭ سۆزى:
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرى مۇنداق:
«ئۇ ئايال مۇنداق دېدى: ئى دۆلەت ئەركانلىرى! ماڭا ناھايىتى قىممەتلىك بىر پارچە خەت تاشلاندى. ئۇ خەت سۇلەيماندىن كەلدى ۋە مۇنداق يېزىلغانىكەن: ‹بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم. ماڭا ئۈستۈنلۈك قىلماڭلار، تەسلىم بولغان ھالدا يېنىمغا كېلىڭلار›.
ئايال يەنە: ‹ئى دۆلەت ئەركانلىرى! ماڭا يول كۆرسىتىڭلار، نېمە قىلىشىم كېرەك؟ مەن ھازىرغىچە سىلەر بىلەن كېڭەشمەستىن ھېچبىر ئىش توغرىسىدا كەسكىن قارار بەرمىدىم› دېدى…
ئايال مۇنداق دېدى: ‹شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىر كەنتكە كىرسە ئۇ يەرنى بۇزىدۇ ۋە ئۇ يەرنىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىنى خار قىلىدۇ. ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ. مەن ئۇلارغا بىر سوۋغات ئەۋەتىمەن ۋە ئەلچىلەرنىڭ قانداق جاۋاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن›.
….ئايال كەلگەندە ئۇنىڭغا: ‹سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟› دېيىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹شۇدەك تۇرىدۇ! بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۈچۈڭلارنىڭ نېمىلەرگە يېتىدىغانلىقىدىن ۋاقىپلانغان ئىدۇق ۋە تەسلىم بولدۇق›….. ئايال: ‹رەببىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. مەن سۇلەيمان بىلەن بىرلىكتە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا تەسلىم بولدۇم› دېدى»- نەمل 27/29/44.
 
ئەگەر ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت بولسا ئىدى، ئايال ساھابىلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر ھەدىس كىتابلىرىدا ئورۇن ئالمىغان بولاتتى. ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ كىتابلىرىدا «پالانى ئايال مۇنداق دېدى» دېگەن سۆزمۇ بولمىغان بولاتتى.
ئەگەر ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت بولسا ئىدى، ئاياللارنىڭ ئۆز نىكاھىدا ئۈنلۈك «تەگدىم» دېيىشىمۇ ھارام بولغان بولاتتى.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِنْ أَرَدْتُمُ اسْتِبْدَالَ زَوْجٍ مَكَانَ زَوْجٍ وَآتَيْتُمْ إِحْدَاهُنَّ قِنْطَارًا فَلَا تَأْخُذُوا مِنْهُ شَيْئًا ۚ أَتَأْخُذُونَهُ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا»
«ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ ئورنىغا باشقا بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار، ۋە ئۇلارنىڭ بىرىگە كۆپ مال بەرگەن بولساڭلار ئۇنىڭدىن ھېچنېمە قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى بوھتان چاپلاپ ۋە ئوچۇق گۇناھ قىلىپ ئېلىۋالامسىلەر؟»- نىسا 4/20.
بۇ ئايەتتە «كۆپ مال» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە قىنتار قىنتاردۇر. قىنتارنىڭ مەنىسى 45 كىلوگىرام ئالتۇن دېگەن بولىدۇ. شۇڭا تەپسىر كىتابلىرىدا بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرلىرىدە مۇنداق مەزمۇندا بىر رىۋايەت زىكىر قىلىنىدۇ:
ھەزرىتى ئۆمەر بىر كۈنى مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇۋېتىپ «ئاياللارنىڭ تويلۇقى بەك يۈكسىلىپ كەتتى. مەن بۇ توغرىدا بىر بەلگىلىمە قويماقچى بولۇۋاتىمەن» دېگەن ئىدى، بىر ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى كۇپايە قىلىدۇ، سېنىڭ بەلگىلىمەڭگە ئېھتىياجىمىز يوق، بىزگە ئاللاھ بەرسە سەن ئېلىۋالامتىڭ؟» دېدى ۋە يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر «ئۆمەر خاتالاشتى، بۇ ئايال توغرا سۆزلىدى» دېدى.
ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت بولسا ئىدى، ئۇ ئايال جامائەتنىڭ ئىچىدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئاۋۇ سۆزنى قىلالمايتتى، قىلغان تەقدىردە جازالاندۇرۇلاتتى.
ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىگە تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرمۇ دالالەت قىلىدۇ:
1- سەھل ئەلئەنسارىينىڭ قىزى ھەبىبە، سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماسنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىغا چىقىۋېتىپ ھەبىبىنى ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئۇچراتتى ۋە ئۇنىڭدىن: «كىم بۇ؟» دەپ سورىدى، ئايال: «مەن سەھلنىڭ قىزى ھەبىبە، يارەسۇلەللاھ!» دەپ جاۋاب بەردى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالغا: «نېمە بولدى؟» دېدى. ئايال: «بىز بولالمىدۇق!» دېدى. ئايالنىڭ ئېرى سابىت كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مانا بۇ ھەبىبە! ئاللاھ خالىغاننى سۆزلىدى» دېدى. ئارقىسىدىن ھەبىبە: «يا رەسۇلەللاھ! بۇنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى بار» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سابىتقا: «ئۇنىڭدىن ئۇ نەرسىلەرنى ئال» دېدى. شۇنىڭ بىلەن سابىت ئايالى ھەبىبەگە بەرگەن نەرسىلىرىنى ئالدى ۋە ھەبىبە ئائىلىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. (مۇۋەتتا، تالاق 11؛ ئىبنى ماجە، تالاق 22).
2- بىر ئايال ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېرى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. ھەزرەت ئۆمەر بۇ ئايالنى ئىچىدە ئەخلەت – چاۋار بار بىر ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئايال ئۇ ئۆيدە بىر كېچە قالدى. ئەتىسى ئەتىگەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئادەم ئەۋەتىپ ئايالنى چاقىرىتىپ كەلدى ۋە: «بۇ كېچىنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟» دەپ سورىدى. ئايال: «بۇنداق خۇشال بىر كېچە ئۆتكۈزمىگەن ئىدىم» دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالدىن ئېرى توغرۇلۇق سورىدى. ئايال ئاۋۋال ئېرىنى ماختىدى، ئارقىسىدىن: «ئۇ بارغۇ، ئۇ! لېكىن قولۇمدىن باشقا بىر ئىش كەلمەيۋاتىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئايالغا ئېرىگە فىدىيە بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدا رۇخسەت بەردى. (ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا 2/341).
بۇ ئىككى ھادىسىگە قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولمىسۇن، خەلىپىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولمىسۇن يېنىغا ئەرز-شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئاياللاردىن گەپ سورىغان، ئۇلار جاۋاب بەرگەن.
ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت بولىدىغان بولسا، ئۇ ئاياللارغا گەپ قىلىش رۇخسىتى بېرىلمىگەن بولاتتى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر