مۇسۇلمانلار

ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ سوئال

جاۋاب:

1- ئەر- ئايال بىرگە ناماز ئوقۇغاندا، پەرىز نامازدا ئەر ئىمام بولۇپ ئايال ئەرگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

2- ئانىڭىز بىلەن ئۆيدە ناماز ئوقۇغاندا سىز ئىمام بولۇپ، ئانىڭىز ىسزگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇساڭلار بولىدۇ. لېكىن ئاياللار ئەرلەرگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغاندا، ئەرلەردىن بىر سەپ ئارقىدا تۇرۇشى كېرەك.

3- ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئىمام بولۇشىنىڭ ئىسلامدا ھېچقانداق ئورنى يوق. چۈنكى

نامازدا خۇشۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت) ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ دىلىدا باشلىنىپ، پۈتۈن ۇجۇدنى ۋە روھنى تەسىرى ئاستىغا ئالىدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە ئىمام بولسا، ئەلەرنىڭ دىققىتى خۇشۇ ئىچىدە ناماز ئوقۇشنىڭ ئورنىغا تەبىئىي ھالدا ئىمام بولغان ئايالغا كېتىپ قالىدۇ- دە خۇشۇ قالمايدۇ. نامازدا ئارقىسىدا ئەر كىشى تۇرغان ئايالنىڭمۇ ئەقلى ئۇ ئەرنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى ھېس – تۇيغۇلىرى توغرىسىدا چۈشىنىش بىلەن بولۇپ، خۇشۇ يوق بولىدۇ.

لېكىن ئايال كىشى ئاياللارغا ئىمام بولسا بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يۈزبەرمەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر