مۇسۇلمانلار

ئانار جەننەتتىن چىققانمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
سوئال:
ئانار جەننەتتىن چىققان مېۋىمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ياق، ئانارنى ئاللاھ تەئالا مۇشۇ دۇنيادا ياراتقان. ئانار ئەرەبچىدە رۇممان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆز قۇرئان كەرىمدە ئۈچ يەردە ئۆتىدۇ. بۇ ئۈچ يەرنىڭ ئىككىسىدىكى رۇممان (ئانار) دۇنيادىكى ئانارنى، بىر يەردىكى رۇممان جەننەتتىكى ئانارنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرگەن زاتتۇر. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن ھەرخىل ئۆسۈملۈكنى چىقاردۇق. ئۇ ئۆسۈملۈكتىن بىر يېشىللىق چىقاردۇق. ئۇ يېشىللىقتىن بىر- بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلار، خورمنىڭ چېچىكىدىن ساڭگىلىغان ساپاقلار، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلار، زەيتۇن ۋە ئانار چىقىرىمىز. بۇلارنىڭ بەزىسى ئوخشىشىدۇ ۋە بەزىسى ئوخشاشمايدۇ. ھەر بىرى مېۋە چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىگە ۋە پىشىشىغا قاراڭلار. بۇلاردا، ئىشىنىدىغان قەۋم چوقۇم ئايەتلەر بار»- ئەنئام 6/99.
«ئاللاھ باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، مەھسۇلاتى خىلمۇخىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر- بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى ۋە ئانارلارنى ياراتقان زاتتۇر. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- ئەنئام 6/141.
دېمەك، ئاللاھ تەئالا دۇنيادىكى ئانارلارنى مۇشۇ دۇنيادا ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ يامغۇر بىلەن زېمىندىن ياراتقان.
ئاللاھ تەئالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ ئىككى جەننەتتىن باشقا يەنە ئىككى جەننەت بار.
ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
بۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر.
ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
بۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.
ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
بۇ ئىككى جەننەتتە مېۋە، خورما ۋە ئانار بار.
ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟»- رەھمان 55/62-69.
بۇ ئايەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر، جەننەتتىمۇ مۇشۇ دۇنيادىكىگە ئوخشاش مېۋىلەرنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ مېۋىلەرنىڭ دۇنيادىكىسى دۇنيادا، جەننەتتىكىسى جەننەتتە يارىتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتتە دۇنيانىڭ مېۋىلىرى (بۇنىڭ ئىچىدە ئانارمۇ بار) جەننەتتىن چىقىرىلغانلىقى ئەمەس، يامغۇرنىڭ يېغىشى بىلەن مۇشۇ زېمىندىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. رەھمان سۈرىسىنىڭ 68- ئايىتىدە جەننەتتىمۇ مېۋە، خورما ۋە ئانارنىڭ بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. جەننەتتىكى مېۋىلەرنىڭ ۋە ئانارنىڭ بۇ دۇنيادىن ئاپىرىلمىغانلىقى ئېنىق.
دېمەك، ھەر ئىككى جاينىڭ ئانىرى ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن شۇ جايلاردا يارىتىلغان. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەت تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر ئۇلارنىڭدۇر. ئۇلارغا قاچانىكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ مېۋىلىرىدىن بىر رىزىق بېرىلسە: ‹بۇ، بىزگە ئىلگىرىمۇ بېرىلگەن رىزىقتۇر› دەيدۇ. – ئۇلارغا بىر- بىرىگە ئوخشىشىدىغان رىزىقلەر بېرىلدۇ- ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاكىز جۈپتىلەر بار، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»- بەقەرە 2/25.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر