مۇسۇلمانلار

ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟

سوئال:
بىز 1 يىل ئىلىگىرى 6 ئايلىق بولغان بىر قوينى قۇربانلققا ئاتىغان ئىدۇق. لېكن ھازىر ئاكىلىرىم بىلەن بىرلىشىپ بىر كالىنى شېرىك قۇربانلق قىلشنى ئويلشىۋاتىمىز. بىز قوينى قۇربانلققا ئاتىغان ۋاقتتا بۇ قوي ئادەتتىكى گۆش قويلىرىدىن ئىدى. لىكىن قوي چوڭ بولغانسرى ئۆزگىرپ ھازىرقى بازىرى ئىتتىك پۇلىسى يۇقىرى بولۇۋاتقان دولان قويى قاتارىغا كىرىپ قالدى بۇ قوينى ھازىر بەش مىڭ يۈەندىن يۇقىرىىراق ئالىدىكەن كالىغا شىرىك بولساق 1500 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن بىزنىڭ ئۇقالمىغىنىمىز قوينىڭ پۇلى كۆپ گۆشى ئاز كالىنڭ پۇلى ئاز گۆشى كۆپرەك بولىدىكەن بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك پەتىۋا بەرسەڭلا ئاللا ئەجرلىرىنى بەرسۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قۇربانلىقتا مۇھىم بولغىنى قۇربان ھېيت كۈنلىرى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بىر قۇربانلىق قىلىشتۇر. بۇ قۇربان ھېيت كۈنلىرى بىر قوينى، ياكى بىر ئۆچكىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بوغۇزلاش بىلەن ۋە ياكى قۇربان ھېيت كۈنلىرى تۆگە، كالىدىن بىرىنىڭ بىر ھەسسىسىگە شېرىك بولۇپ ئۇنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بوغۇزلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋاننىڭ قۇربانلىق قىلىشقا ئاتالغان بولۇشىنىڭ ياكى ئاتالمىغان بولۇشىنىڭ ۋە ياكى ئاتالغان ھايۋاننى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قوينى قۇربانلىق قىلماي، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر قوينى قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ ياكى دېگىنىڭىزدەك ئۇ قۇربانلىق كالىنىڭ بىر ھەسسىسىگە شىرىك بولساڭلارمۇ بولىدۇ.
«قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋاننىڭ شەرتلىرى» نىڭ ئىچىدە «قۇربانلىققا ئاتالغان ھايۋاننى باشقا ھايۋان بىلەن ئالماشتۇرماسلىق» دەپ بىر شەرتنىڭ يوقلۇقى بۇ ئىشنىڭ توغرىلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر