مۇسۇلمانلار
ئاللاھ نېمىشقا ياردەم قىلمايدۇ؟ 1

ئاللاھ نېمىشقا ياردەم قىلمايدۇ؟

مەن 21 ياش. توي قىلغۇم بار، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى دۇئا قىلىمەن. ھەم بۇنىڭدىن باشقا يولۇققان نۇرغۇن قيىنچىقلىرىم ئۈچۈنمۇ ئاللاھقا دۇئا قىلىمەن. ئەمما دۇئالىرىم قوبۇل قىلىنمايدۇ. يەنى ئاللاھ ياردەم قىلمايۋاتىدۇ! قىلغان دۇئالىرىم بوش كېتىپ بارىدۇ.بۇ مېنى بەك ئازابلايدۇ. ئاللاھ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە دۇئا قىلغان بەندىلىرىگە ياردەم قىلمايدۇ؟

جاۋاب:

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى سىناش ۋە مۈشكۈل ئەھۋاللاردا كىمنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە داۋاملىق بويسۇنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھتىن سورىغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرھال ئورۇندىلىشى «سىناق»نىڭ ھەقىقىتىگە زىت! سىز ئارزۇ قىلغان ھەممە ئىشنىڭ دەرھال ئەمەلگە ئاشىدىغان يېرى جەننەتتۇر. بۇ دۇنيادا بولسا، ئاللاھ سىزنىڭ دۇئايىڭىزنى ئىجابەت قىلىشى ئۈچۈن ئاۋۋال سىزنى ئىمتىھان قىلىدۇ، سىزنىڭ قانداق بىرى ئىكەنلىكىڭىزگە، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزغا قارايدۇ. ئاللاھ سىزنى سىنىماي تۇرۇپ نېمىگە ئاساسەن سىزنىڭ دۇئايىڭىزنى ئىجابەت قىلىدۇ! ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُواْ الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُم مَّثَلُ الَّذِينَ خَلَوْاْ مِن قَبْلِكُم مَّسَّتْهُمُ الْبَأْسَاء وَالضَّرَّاء وَزُلْزِلُواْ حَتَّى يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُواْ مَعَهُ مَتَى نَصْرُ اللّهِ أَلا إِنَّ نَصْرَ اللّهِ قَرِيبٌ﴾

«سىلەر جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرنىڭ ئوخشىشى تېخى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلمىدىغۇ! ئۇلار چىدىغۇسىز بېسىم ۋە قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى. بۇ شۇ دەرىجىدە بولغان ئىدىكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار: «ئاللاھنىڭ نۇسرىتى قاچان كېلىدۇ؟» دەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ناھايىتى يېقىندۇر»- (‏2-سۈرە بەقەرە، 214- ئايەت).

بۇ دۇنيادا ئەڭ ئاددى ئىشمۇ غەيرەت بولمىسا قولغا كەلمەيدۇ. جەننەتمۇ شۇنداق غەيرەت كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى چۇقۇم قاتتىق ئىمتىھانلاردىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشى توغرىغا يۆنىلىپ، بوشاپ قالماستىن ۋە ئۈمىدسىزلەنمەستىن ئىلگىرلەشتۇر. چۈنكى سىناقنى ياراتقان ئاللاھ ئىنساننىڭ غەيرىتىگە قارىتا سەۋىر ۋە بىشىغا كەلگەنلەرنى يىڭىش كۈچىنىمۇ يارىتىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ سىنىقىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ياردەم قىلمايدۇ. ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَحَسِبَ النَّاسُ أَن يُتْرَكُوا أَن يَقُولُوا آمَنَّا وَهُمْ لَا يُفْتَنُونَ وَلَقَدْ فَتَنَّا الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَلَيَعْلَمَنَّ اللَّهُ الَّذِينَ صَدَقُوا وَلَيَعْلَمَنَّ الْكَاذِبِينَ﴾

«ئىنسانلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دېسەك، سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز دەپ ئويلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىمۇ سىنىغان. ئاللاھ راستچىللارنى ئوبدان بىلىدۇ، يالغانچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 2-3- ئايەت).

يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارغا قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشلار قۇرئانغا ئىشىنىمىز دەيدىغان مۇسۇلمانلارغىمۇ بېرىلگەن. ئۇلار قۇرئانغا بويسۇنمىغاندا جاۋابكارلىققا تارتىلغىنىدەك، «مەن مۇسۇلمان» دېگۈچىلەرمۇ قۇرئانغا بويسۇنمىغاندا ئوخشاشلا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى ئەلۋەتتە قۇرئانغا ئەگىشىدىغان ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قاراتقان مۇسۇلمانلارغا يېقىن. شۇڭلاشقا پەقەت ئۆزىنىڭ ياخشىلىقلىرىنىلا كۆرۈپ، «مىنىڭ ئاقىۋىتىم چۇقۇم جەننەت» دەپ ئۆزى ئۆزىگە جەننەتنىڭ بىلىتىنى ئېلىپ ئولتۇرىدىغانلار، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە كەلگەن ئاقىۋەتلەر ھەققىدە ئويلىنىپ پۈتۈن كۈچىنى ئاخىرەتتە قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا قارىتىشى كېرەك.

ئىمتىھاندا ئەڭ قىيىن نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى، ھەممە ئىشىكنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە ماڭىدىغان يولنىڭ قالمىغانلىقىنى ئويلىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىدۇ. چۈنكى بۇ نۇقتا سەۋرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولىدۇ.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاراڭ:

دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر