مۇسۇلمانلار

ئاللاھنى ئىنكار قىلىش

  
كافىر (ئىنكار قىلغۇچىلار)
 
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
 
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ.
 
«كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ»-بەقەرە، 2/6. 
«كافىر» سۆزىنىڭ سۆز يىلتىزى (كۇفۇر) بولۇپ (يېپىش، يۇشۇرۇش) دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. يېپىش، باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك دېگەنلىكتۇر. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئوخشاش ھەر قانداق كىشى كۆرۈپ، ئاڭلىيالايدىغان بىر نەرسىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بىر ئىنساننىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىشنىڭمۇ بۇنىڭدىن ھېچ پەرقى يوق. بۇنداقلارنىمۇ (نانكور) دېيىشنىڭ ئورنىغا «كافىر» دەپ قويىدۇ. چۈنكى بۇ نېمەتنى يۇشۇرغانلىق بولىدۇ. بىر قىسىم ياخشى ئىنسانلار بەزىدە يامان ئىشلارنىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، يۇشۇرۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، يۇشۇرۇنۇپ قىلىنغان ئىش ياخشى بولىشىمۇ ياكى يامان بولۇشىمۇ مۇمكىن دېيەلەيمىز.
1- ياخشى ۋە توغرا ئىشلارنى يۇشۇرۇش
ياخشى ۋە توغرا ئىشلارنى يۇشۇرۇش، ئۇ ئىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توساپ قويىدۇ. ئەرەپچىدە بۇنىڭغا «كۇفۇر» ياكى «كۇفران» دېيىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئىنسان ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىقلارنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشىلىق قىلغۇچىغا قەرزدار بولۇپ قىلىشتىن قورقىدۇ. ئىنساننىڭ بۇ قىلمىشى خاتا بىر قىلمىشتۇر.  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
       
وَإِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فِي الْبَحْرِ ضَلَّ مَنْ تَدْعُونَ إِلَّا إِيَّاهُ فَلَمَّا نَجَّاكُمْ إِلَى الْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ وَكَانَ الْإِنْسَانُ كَفُورًا .
 
«دېڭىزدا  مۇسىبەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان كىشىلىرىڭلار ئېسىڭلارغىمۇ كەلمەيدۇ. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال يۈز ئۆرۈيسىلەر. ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر»-ئىسرا،17/67.
إِنَّ اللَّهَ يُدَافِعُ عَنِ الَّذِينَ آَمَنُوا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٍ كَفُورٍ.
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلارنى قوغدايدۇ. ئاللاھ خائىنلارنى ۋە تۇزكورلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ»-ھەق،22/38.
نۇرغۇنلىغان ئىنسان قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئەيىبلىگەن بۇ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەڭ يامىنى، ئاللاھنى، ئەلچىسىنى ۋە كىتابىنى ئىنكار قىلىشتۇر. مانا ھەقىقى كاپىر دېگەن مۇشۇدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
 
وَلَقَدْ صَرَّفْنَا لِلنَّاسِ فِي هَذَا الْقُرْآَنِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ فَأَبَى أَكْثَرُ النَّاسِ إِلَّا كُفُورًا.
 
«بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر مىسالنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى يەنىلا كاپىرلىقتا چىڭ تۇردى»-ئىسرا،17/89.
كاپىرلىق قىلمىشى ھەممە نەرسىنى ئاڭقىرىغان ھالدا، ئاڭلىق بىر شەكىلدە قىلىنغان ھەرىكەتتۇر. شۇڭلاشقا، ھەر كاپىر ئۆزىنىڭ ۋەزىيىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ھېچبىرى ساغلام بىر دەلىلگە تايانمايدۇ. ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولغاندا، دەلىللەرنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىدۇ. ئىبلىسنىڭ يولدىن چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛ 
 
وَلَقَدْ خَلَقْنَاكُمْ ثُمَّ صَوَّرْنَاكُمْ ثُمَّ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآَدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ لَمْ يَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ. قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسْجُدَ إِذْ أَمَرْتُكَ قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ .
 
«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن كېيىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق. ئاندىن كېيىن پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى. ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى»-ئەئراف،7/11-12.
ئىبلىس، ئادەم ئەلەيھىسالامغا سەجدە قىلىشنى خالىمىدى. ئۇ، ئەمىر قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئاللاھقا قارشى چىقىشقا جاسارەت قىلالماي، ئادەمگە قارشى چىققاندەك قىياپەتتە ئاللاھنى ئىنكار قىلدى. چۈنكى، ئۇ ھەر ئىشىدا ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلەتتى. بۇ ئىبلىسنىڭ قىلغان بۇ سۆزلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: 
 
قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ.
 
«ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى»-ساد، 38/76.
 
قَالَ لَمْ أَكُنْ لِأَسْجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقْتَهُ مِنْ صَلْصَالٍ مِنْ حَمَإٍ مَسْنُونٍ.
 
«ئىبلىس: «سەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىش ماڭا لايىق بولمايدۇ» دېدى»-ھىجر،15/33.
ئىبلىسقا بېرىلىدىغان جازا ھېچ كېچىكتۈرۈلمىدى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
 
قَالَ فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَنْ تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ. 
 
«ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى»-ئەئراف، 7/13.
ئىبلىس مانا مۇشۇنداق كاپىر بولغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى  ھەققىدە ھېچقانداق شۈبھىلەنمەيتتى. ئۇ ئاخىرەتنىڭ بارلىقىنىمۇ قوبۇل قىلاتتى. چۈنكى، جەننەتتىن قوغلانغاندىن كېيىن ئاللاھقا مۇنداق يالۋۇرغان ئىدى:
قَالَ رَبِّ فَأَنْظِرْنِي إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ.
 
« ئىبلىس: «رەببىم! ئۇنداقتا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن» دېدى»-ساد،38/79.
ئاللاھنىڭ بىرلا ئەمرىنى ئىنكار قىلىش، ئىبلىسنىڭ كاپىر بولۇشىغا يەتكەن ئىدى. ئىنسانمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش، بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن كاپىر بولىدۇ.
2- يامان ۋە خاتا ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىش
 يامان ۋە خاتا ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىش، يۇشۇرماق ياخشى بىر ئىشتۇر. چۈنكى بەزى خاتالىقلارنى ئاللاھمۇ يوق قىلىۋىتىدۇ. يۇشۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ؛ 
 
إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُمْ مُدْخَلًا كَرِيمًا.
 
«ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار چەكلەنگەن گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ساقلانساڭلار، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوق قىلىۋېتىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل بىر جايغا كىرگۈزىمىز»-نىسا،4/31.
 
وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَنُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَحْسَنَ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ.
 
«بىز ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمىز، ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز»-ئەنكەبۇت،29/7.
 
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ تَتَّقُوا اللَّهَ يَجْعَلْ لَكُمْ فُرْقَانًا وَيُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ.
 
«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە توغرا بىلەن خاتانى ئايرىش قابىلىيىتى بېرىدۇ. گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر»-ئەنفال،8/29.
 
 
 
  
 
 
 
 
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر