مۇسۇلمانلار
ئاللاھنىڭ سۈننىتى 1

ئاللاھنىڭ سۈننىتى

ب- سۈننەتكە ئەمەل قىلىش نەبىيلەرگىمۇ پەرزدۇر

ئاللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ نەبىيلىرى ئەمەل قىلىشى كېرەك. سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ ئۇلارغىمۇ پەرز ئىكەنلىكىنى، زەيد ۋە زەينەپ ھەققىدە نازىل بولغان مۇنۇ ئايەتلەردىن بىلەلەيمىز:

﴿مَّا كَانَ عَلَى النَّبِيِّ مِنْ حَرَجٍ فِيمَا فَرَضَ اللَّهُ لَهُ سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلُ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ قَدَرًا مَّقْدُورًا٣٨الَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَالَاتِ اللَّهِ وَيَخْشَوْنَهُ وَلَا يَخْشَوْنَ أَحَدًا إِلَّا اللَّهَ وَكَفَى بِاللَّهِ حَسِيبًا٣٩﴾

«نەبىي ئاللاھ ئەمر قىلغان ئىشنى قىلسا ئەيىبلەنمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدىغان ھۆكۈمدۇر. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. ئاللاھ تولۇق ھېساب ئالغۇچىدۇر» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 38 ~ 39 – ئايەتلەر).

«ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزگەنلەر» ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدۇر. «ئۇلار ئاللاھتىن قورقىدۇ، باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ» ئىپادىسى، مۇھەممەد ئەلەيھسىسالامنى قورقۇتقان بىر ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىشنى يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئالدىدىكى ئايەتتە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: 

﴿وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخْشَاهُ …٣٧﴾

«ئى مۇھەممەد! سەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ ئىنئام قىلغان، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «ئايالىڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھقا  تەقۋادارلىق قىلغىن» دېگەن ئىدىڭ، بۇنى دېگەن چېغىڭدا ئاللاھ يېقىندا ئاشكارا قىلىدىغان ئىشنى ئىچىڭدە يوشۇراتتىڭ، ئىنسانلاردىن قورقاتتىڭ، ئەسلىدە ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ لازىم ئىدى…» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 37 – ئايەت).

زەيد، ئايالى زەينەپنى تالاق قىلماقچى بولدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، زەيد تالاق قىلسا ئاللاھنىڭ ئۆزىنى زەينەپ بىلەن نىكاھلىنىشقا ئەمىر قىلىشىدىن قورققان ئىدى. چۈنكى تۆۋەندىكى ئايەتكە ئاساسەن ئۇنىڭ ئۆرنەك بولۇش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى:

﴿لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا٢١﴾

«ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە – ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان كىشىلەرگە – ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر.» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 21 – ئايەت).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نېمىشقا بۇ ئىشقا ئۆرنەك بولۇشتىن قورقىدۇ؟ چۈنكى زەيد رەسۇلۇللاھنىڭ بېقىۋالغان بالىسى ئىدى. ناۋادا زەيدنىڭ ئايالىنى ئالىدىغان ئىش بولسا، ئۆزىنىڭ بېقىۋالغان بالىسىنىڭ ئايالى بىلەن نىكاھلانغا بولاتتى. ئۇ جەمئىيەتتە بېقىۋالغان بالا بىلەن ئۆزىنىڭ بالىسى ئوخشاش كۆرىلىدىغان بولغاچقا، بېقىۋالغان بالىسى قويۇپ بەرگەن ئايال بىلەن ئۆيلىنىش قوبۇل قىلىنمايتتى. لېكىن مەدىنىدە نازىل بولغان تۆۋەندىكى ئايەتلەر، بېقىۋېلىنغان بالىنىڭ ھەقىقى بالا ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: 

﴿مَّا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِّن قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ذَلِكُمْ قَوْلُكُم بِأَفْوَاهِكُمْ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ٤ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِندَ اللَّهِ فَإِن لَّمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِ وَلَكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا٥﴾

«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب قىلمىدى. شۇنىڭدەك، سىلەر زىھار قىلغان[1] ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى. ئۇ سىلەرنىڭ ئېغىزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ. بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىغا مەنسۇپ قىلىڭلار2. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلار ۋە دوستلىرىڭلاردۇر. سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ يوق، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 4 ~ 5 – ئايەتلەر).

مۇنۇ ئايەتمۇ نىكاھلىنىش چەكلىمىسىنىڭ، پەقەت ئۆز ئوغلىنىڭ خۇتۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:

حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ … وَحَلاَئِلُ أَبْنَائِكُمُ الَّذِينَ مِنْ أَصْلاَبِكُمْ

«…سىلەرگە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ئاياللىرى ھارام قىلىندى»-(4 – سۈرە نىسا، 23-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، زەينەپنى قويۇپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن زەيدكە بىسىم قىلىپ باققان بولسىمۇ، زەيد ئۇنىماي ئايالىنى تالاق قىلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىغا قورققان ئىش كەلدى يەنى ئۇنىڭ زەينەپنى نىكاھىغا ئېلىشىنى ئاللاھ بىۋاستە ئەمىر قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى:

﴿فَلَمَّا قَضَى زَيْدٌ مِّنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لَا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا٣٧﴾

«… زەيد ئايالىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، بىز ئۇ ئايالنى ساڭا ئېلىپ بەردۇق. بۇنى، مۇئمىنلار بېقىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھىغا ئالسا، گۇناھكار بولمايدىغانلىقى بىلىنسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 37 – ئايەت).

بۇ نىكاھنى زەينەپمۇ خالىمىغان ئىدى. لېكىن ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلىپ، بۇ نىكاھقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ زەينەپنىڭمۇ ئېتىراز قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَن يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُّبِينًا٣٦﴾

«ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا، ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئوچۇق – ئاشكارا ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 36 – ئايەت).

«ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا» سۆزىنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. رەسۇل سۆزى، بىر كىشىگە يوللانغان ئۇچۇر، يوللانما، پۇسۇلكا ياكى تاپشۇرۇلغان ئۇچۇر ۋە يوللانمىلارنى يەتكۈزىدىغان ئەلچى دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.[2]

ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى ھېچقانداق بىر نەرسە قوشماستىن ياكى چىقارماستىن، يوللانغان يوللانمىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر.[3] ئىنسانلار، ئاللاھ بىلەن سۆزلىشەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پەقەت ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۆگىنەلەيدۇ. شۇڭلاشقا رەسۇل، مۇستەقىل ئىككىنچى مەنبە بولماستىن، پەقەت ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى بىزگە يەتكۈزىدىغان ئەلچىدۇر. قۇرئاندا تىلغان ئېلىنغان (ئاللاھنىڭ ئەلچىسى = رسول اللّه) ئىپادىسىدىكى ئەسلى مەقسەت ئايەتلەردۇر. ئۇ ئايەتلەرگە ئەڭ ئاۋۋال مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەمەل قىلىشى كېرەك (ئەھزاب 33 / 1 – 2). بۇ سەۋەبلەردىن، يۇقىرىدىكى ئايەت تۇنجى بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن زەينەپ ئانىمىزغا قارىتىلغان.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن زەينەپ ئانىمىزنىڭ بۇ ئەمرگە ئەمەل قىلىپ، ئۆيلىنىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن كۆرۈۋالىمىز:

﴿… وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا٣٧﴾

«ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 37 – ئايەت).

مانا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ سۈننىتىنىڭ دائىرىسىدىكى ھۆكۈملەردۇر. ئاللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش بارلىق ئىنسانلارغا پەرز بولغاندەك، نەبىيلەرگىمۇ ئوخشاشلا پەرزدۇر.  

داۋامى بار….

[1]  زىھار- لۇغەتتە دۈمبە دېگەن بولىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا «سەن مەن ئۈچۈن ئانامنىڭ دۈمبىسىگە ئوخشاشسەن» دېيىشى تالاقنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىناتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلىش بىلەن بۇ شەكىلدىكى تالاقنى قىلغانلارنى ئەيىبلەش ۋە ئۇلارغا جازا بەلگىلەش ئارقىلىق مەزكۇر تالاق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

[2]  مۇفرەدات، رسل ماددىسى.

[3]ھاققە 69 / 44 – 47.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر