مۇسۇلمانلار
ئاللاھنىڭ سۈننىتى 1

ئاللاھنىڭ سۈننىتى

چ- سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغانلار

نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر سۈننەتكە يەنى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن يولىغا كىرمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە يامان ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

  • سۈننەتكە ئەگەشمىگەنلەر، ئاللاھقا ئىشەنمىگەن، ئۇنىڭ ئايەتلىرى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەن ۋە ئىككى يۈزلۈك قىلغانلاردۇر. بۇ ئۇلارنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِكُمْ سُنَنٌ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ١٣٧﴾

«سىلەردىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنلىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلىندى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 137 – ئايەت).

﴿وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ فِي شِيَعِ الْأَوَّلِينَ . وَمَا يَأْتِيهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ . كَذَلِكَ نَسْلُكُهُ فِي قُلُوبِ الْمُجْرِمِينَ. لَا يُؤْمِنُونَ بِهِ وَقَدْ خَلَتْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ. وَلَوْ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَابًا مِنَ السَّمَاءِ فَظَلُّوا فِيهِ يَعْرُجُونَ . لَقَالُوا إِنَّمَا سُكِّرَتْ أَبْصَارُنَا بَلْ نَحْنُ قَوْمٌ مَسْحُورُونَ﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرى، ئاۋۋالقى پىرقىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى مەسخىرە قىلىشقان ئىدى. بىز ئۇنى گۇناھكارلارنىڭ قەلبلىرىگە ئەنە شۇنداق كىرگۈزىمىز. ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلغان قانۇنىنى بىلىدۇ. بىز ئۇلارغا ئاسماندىن ئىشىك ئاچساق، ئۇلار ئۇنىڭدىن كۈندۈزى يۇقىرىغا چىقسا ئەلۋەتتە: «كۆزلىرىمىز پەردىلەندى، بەلكى بىز سېھىرلەنگەن قەۋمدۇرمىز» دېگەن بولاتتى» – (15 – سۈرە ھىجر، 10 ~ 15 – ئايەتلەر).

﴿لَّئِن لَّمْ يَنتَهِ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَالْمُرْجِفُونَ فِي الْمَدِينَةِ لَنُغْرِيَنَّكَ بِهِمْ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَا إِلَّا قَلِيلًا٦٠ مَّلْعُونِينَ أَيْنَمَا ثُقِفُوا أُخِذُوا وَقُتِّلُوا تَقْتِيلًا٦١ سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلُ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا٦٢﴾

«ئەگەر مۇنافىقلار، قەلبىدە كېسەل بارلار[1] ۋە مەدىنىدە يامان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلار[2] قىلمىشلىرىدىن توختىمىسا سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالىمىز. ئاندىن كېيىن ئۇلار مەدىنىدە سەن بىلەن پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرالايدۇ. ئۇلار ئۇ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار تېپىلغان يەردە تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى مۇشۇنداق. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 60 ~ 62 – ئايەتلەر).

﴿وَلَقَدْ صَرَّفْنَا فِي هَذَا الْقُرْآنِ لِلنَّاسِ مِن كُلِّ مَثَلٍ وَكَانَ الْإِنسَانُ أَكْثَرَ شَيْءٍ جَدَلًا ٥٤ ﴿وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَن يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَى وَيَسْتَغْفِرُوا رَبَّهُمْ إِلَّا أَن تَأْتِيَهُمْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ الْعَذَابُ قُبُلًا٥٥﴾

 «بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر مىسالنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنسان بەك كۆپ دەتالاش قىلغۇچى شەيئىدۇر.‏ ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلىنغان قانۇننىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنى ياكى ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە روبىرو كېلىشىنى كۈتۈشلىرىلا، ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتىن توستى» – (18 – سۈرە كەھف، 54 ~ 55 – ئايەتلەر).

  • سۈننەتكە ئەگەشمىگەنلەر، سۆزىدە تۇرمايدىغان، چوڭچىلىق قىلىدىغان ۋە يامان نىيەتتە بولغانلاردۇر.

﴿وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِن جَاءَهُمْ نَذِيرٌ لَّيَكُونُنَّ أَهْدَى مِنْ إِحْدَى الْأُمَمِ فَلَمَّا جَاءَهُمْ نَذِيرٌ مَّا زَادَهُمْ إِلَّا نُفُورًا٤٢  اسْتِكْبَارًا فِي الْأَرْضِ وَمَكْرَ السَّيِّئِ وَلَا يَحِيقُ الْمَكْرُ السَّيِّئُ إِلَّا بِأَهْلِهِ فَهَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ الْأَوَّلِينَ فَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَبْدِيلًا وَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَحْوِيلًا٤٣﴾

«ئۇلار: «ئەگەر بىزگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلسە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،  ئۇممەتلەرنىڭ ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچىسى ئەلۋەتتە بىز بولىمىز» دەپ كۈچلۈك قەسەم قىلدى. لېكىن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەندە، ئۇلار تېخىمۇ ئۈركۈپ كەتتى، زېمىندا تېخىمۇ چوڭچىلىق قىلدى ۋە يامان ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ پىلانلىدى. ھالبۇكى، يامان پىلان پەقەت پىلانلىغۇچىسىنىلا نابۇت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلغان ئۆزگەرمەس قانۇنىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولغانلارغا ئىجرا قىلىنمغانلىقىنى كۆرەلمەيسەن. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولمىغانلارغا ئىجرا قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرەلمەيسەن» – (35 – سۈرە فاتىر، 42 ~ 43 – ئايەتلەر).

  • سۈننەتكە ئەگەشمىگەنلەر قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى چېكىدۇ. مەككىلىك مۇشرىكلارمۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى چەككەن ئىدى؛ مەككىنىڭ ھاكىمىيىتى قوللىرىدىن ئېلىۋېلىنغان ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِن كَادُوا لَيَسْتَفِزُّونَكَ مِنَ الْأَرْضِ لِيُخْرِجُوكَ مِنْهَا وَإِذًا لَّا يَلْبَثُونَ خِلَافَكَ إِلَّا قَلِيلًا٧٦  سُنَّةَ مَن قَدْ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِن رُّسُلِنَا وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحْوِيلًا٧٧﴾

«ئۇلار يېقىندا سېنى يۇرتۇڭدىن چىقىپ كېتىشكە زورلايدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۇلار سەندىن كېيىن ئۇ يەردە بەك ئاز تۇرالايدۇ. بۇ سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز ئۈچۈن ئادەت بولۇپ كەلگەن قانۇندۇر. سەن بىزنىڭ بۇ قانۇنىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن» – (17 – سۈرە ئىسرا، 76 ~ 77 – ئايەتلەر).

  • سۈننەتكە ئەگەشمىگەنلەر، مۇسۇلمانلار بىلەن قىلغان ھەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ

﴿وَلَوْ قَاتَلَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوَلَّوُا الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا٢٢  سُنَّةَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلُ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا٢٣﴾

«ئەگەر كافىرلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا ئىدى، چوقۇم ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچاتتى، ئاندىن ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى. ئاللاھنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئىجرا بولۇپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى مۇشۇنداق. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن» – (48 – سۈرە فەتىھ، 22 ~ 23 – ئايەتلەر).

  • سۈننەتكە ئەگەشمىگەنلەر، بېشىغا مۇسىبەت كەلگەندىن كېيىن ئىمان ئېيتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ

﴿فَلَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا قَالُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَحْدَهُ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِ مُشْرِكِينَ٨٤ فَلَمْ يَكُ يَنفَعُهُمْ إِيمَانُهُمْ لَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا سُنَّتَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ فِي عِبَادِهِ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْكَافِرُونَ٨٥﴾

«ئۇلار ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغلىرىدا: «بىز يالغۇز ئاللاھقا ئىشەندۇق، ئۇنىڭغا بىز شېرىك قىلغان نەرسىلەرنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى. لېكىن ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانلىرى پايدا بەرمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ، ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. كافىرلار ئەنە شۇ يەردە زىيان تارتىدۇ» – (40 – سۈرە غافىر، 84 ~ 85 – ئايەتلەر).

  • سۈننەتكە ئەگەشمىگەنلەر، مۇسىبەت كېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلسا مەغپىرەت قىلىنىدۇ

﴿قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوا إِن يَنتَهُوا يُغْفَرْ لَهُم مَّا قَدْ سَلَفَ وَإِن يَعُودُوا فَقَدْ مَضَتْ سُنَّتُ الْأَوَّلِينَ٣٨﴾

«ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا ئېيتقىن: «ئەگەر ئۇلار دۈشمەنلىشىشتىن يانسا، ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار قايتا دۈشمەنلەشسە، بۇرۇنقىلارغا ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن قانۇنۇم ئۇلارغىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ[3]» – (8 – سۈرە ئەنفال، 38 – ئايەت).

داۋامى بار….

[1]  مۇناپىقلار، قەلبىدە ھەم كافىرلىق، ھەم يالغانچىلىق كېسىلىش بارلاردۇر. كافىرلاردا پەقەت كافىرلىق كېسىلى باردۇر (بەقەرە 2/10). شەھەردە يامان خەۋەر تارقىتىش بولسا مۇناپىق ۋە كافىرلارنىڭ بىرلىشىپ قىلغان ئىشىدۇر. مۇشۇنداق بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار جازاغا لايىق بولىدۇ.

[2]  مۇناپىقلار، كافىر ياكى مۇناپىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنيادا جازا بېرىشكە بولمايدۇ. جازاغا تارتىلىدىغانلار، پەقەت گۇناھ قىلغانلاردۇر.

[3] ئەھزاپ 33 / 60 – 62، فەتىھ 48 / 22 – 23.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر