مۇسۇلمانلار
ئاللاھنىڭ سۈننىتى 1

ئاللاھنىڭ سۈننىتى

پ- سۈننەتلەردىكى پەرقلەر

ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ھەر بىر نەبىيگە كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىلگەندۇر. ئۇ كىتابلار بىر بىرىنى تەستىقلايدىغانلىقى ئۈچۈن (ئال ئىمران 3 / 81 -82) بارلىق نەبىيلەرنىڭ يولى ئوخشاشتۇر. لېكىن ئاللاھ، بەزى ھۆكۈملەرنى ھەر ئۈممەتنىڭ ياشىغان شارائىتىغا قارىتا پەرقلىق قىلغاندۇر. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن كۆرۈۋالالايمىز:

﴿وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ فَاحْكُم بَيْنَهُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ عَمَّا جَاءَكَ مِنَ الْحَقِّ لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَكِن لِّيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ٤٨﴾

«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلغۇچى كىتابنى ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن بۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. بىز سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن سىلەرگە بەرگەن نەرسىسىدە16 سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇنداقتا، ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 48 – ئايەت).

«يول» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز ئايەتتىكى «مىنھاج» كەلىمىسى بولۇپ، ئۇ ئاللاھ بەلگىلىگەن يول يەنى سۈننەتۇللاھنى كۆرسىتىدۇ. شەرىئەت بولسا، ھەر بىر ئىلاھى كىتابقا قويۇلغان خاس ھۆكۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن قويۇلغان بۇ ھۆكۈملەر، كىتابلارنىڭ بىر بىرىنى نەسخ قىلىشى (ئەمەلدىن قالدۇرۇشى) ۋە بىر بىرىنى تەستىقلىشى (مائىدە 5 /15) ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى توغرا چۈشىنىمىزنىڭ ئالدىنى ئاچىدۇ.

ئىنسانلىق ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزدىن باشلانغاندۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇنجى كىتاب نازىل بولغان، تۇنجى پەيغەمبەردۇر.[1] ئۇنىڭ نەۋرىسى نۇھ ئەلەيھىسسالامغىچە تەتبىقلانغان بەزى ھۆكۈملەر، نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن تۆۋەندىكى ئايەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن شەرىئەت بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەبىيلەرگە بېرىلگەن شەرىئەتنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ شەرىئەتنىڭ قىيامەتكىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

﴿شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَن يُنِيبُ١٣﴾

«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ» – (42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت).

ج- سۈننەتۇللاھ ۋە نەسخ

نەسخ (نسخ)- لۇغەتتە بىر نەرسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىر نەرسىنى تۇرغۇزۇش، بىر نەرسىنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش، ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. «نەسخ» نىڭ ئىستىلاھى (ئاتالغۇ) مەنىسى «بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ياكى تېخىمۇ ياخشىسىنى كەلتۈرۈش» دېگەن بولىدۇ.[2]

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿مَا نَنسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَا أَوْ مِثْلِهَا أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ١٠٦﴾

«بىز قانداقلا ئايەتنى نەسخ قىلساق ياكى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 106 – ئايەت).

قىبلىنىڭ بەيتۇل مەقدىستىن كەئبىگە ئۆزگەرتىلىشى، قۇرئاننىڭ ئىلگىرىكى كىتابلاردىكى ھۆكۈملەرنى نەسخ قىلىدىغانلىقىغا بىر مىسالدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنتَ عَلَيْهَا إِلَّا لِنَعْلَمَ مَن يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَى عَقِبَيْهِ وَإِن كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ١٤٣﴾

«… سەن يۈز كەلتۈرگەن تەرەپنى قىبلە قىلىپ بەلگىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، رەسۇلغا ئەگىشىدىغانلارنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئارقىسىغا يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىپ بىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، خالاس. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىسىغا چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 143 – ئايەت).

يەھۇدى ۋە خرىستىيانلارمۇ قۇدۇستىكى بەيتۇل مەقدىسنىڭ قىسقا بىر مەزگىل كىتاب بېرىلگەنلەرنى سىناش ئۈچۈن قىبلە قىلىنغانلىقىنى بىلەتتى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن كۆرىۋالالايمىز:  

﴿قَدْ نَرَى تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاءِ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَاهَا فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَحَيْثُ مَا كُنتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ وَإِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ ١٤٤ وَلَئِنْ أَتَيْتَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ بِكُلِّ آيَةٍ مَّا تَبِعُوا قِبْلَتَكَ وَمَا أَنتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ وَمَا بَعْضُهُم بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُم مِّن بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ إِنَّكَ إِذًا لَّمِنَ الظَّالِمِينَ١٤٥﴾

«كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات  – پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن. بىز سېنى چوقۇم سەن رازى بولىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن! ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. كىتاب بېرىلگەنلەر ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇكى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەق ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس. كىتاب بېرىلگەنلەرگە پۈتكۈل دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار يەنىلا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ.[3] ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، بىلىپ قويغىنكى سەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 144 ~ 145 – ئايەتلەر).

ئاخىرقى كىتاب بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ تاماملىنىشى بىلەن نەسخ ئىشى ئاخىرلاشتى ۋە ئىسلام ئەڭ مۇكەممەل ھۆكۈملەرنى قويۇش ئارقىلىق ئەڭ مۇكەممەل ھالغا كەلگەندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  

﴿… الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا فَمَنِ اضْطُرَّ فِي مَخْمَصَةٍ غَيْرَ مُتَجَانِفٍ لِّإِثْمٍ فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ٣﴾

«… بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم…‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت).

داۋامى بار…

[1]  ئاللاھ تائالا ئادەمنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ( ئال ئىمران 3 / 33) پەيغەمبەر قىلغاندا ئۇنىڭغا بىر ھىدايەت بەردى (بەقەرە 2/38؛ تاھا 20 /122). بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتىدە ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ «ھىدايەت» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئادەمگە بېرىلگەن ھىدايەت، ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر.   

[2] ئەزھەرى، «نسخ»، 7: 84؛ ئىبنى فارىس، «نسخ»، 5: 24؛ راغىب ئىسفھانى، «نسخ»، 801؛ ئىبنى مەنزۇر، «نسخ»، 3: 61‏‎.‎‏ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش بىلەن بۇرۇنقى نەبىيلەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇرۇن نازىل قىلغان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان (قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 101 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت).‏

[3]  يەھۇدىلەر قۇدۇستىكى سۇلەيمان ئىبادەتخانىسىغا يەنى بەيتۇل مەقدىسكە، خىرىستىيانلار بولسا، شەرق تەرەپكە قاراپ ئىبادەت قىلاتتى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر