مۇسۇلمانلار

ئاللاھنىڭ دىنىغا قانداق ياردەم بىرىشىمىز كېرەك؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئاللاھنىڭ دىنىغا يامانلىق قىلمىغان كىشى، ئۇ دىنغا ئەڭ چوڭ ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ. يەنى ھازىرقى زاماندا ياخشى ئىنسان، سالىھ مۇسۇلمان ۋە تەقۋادار مۇئمىن بولۇش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمىگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمىگەن ۋە مۇئمىنلارنىڭ نامىنى سېسىتمىغان كىشى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەڭ چوڭ ياردەم بەرگەن بولىدۇ.

چۈنكى بىزدە مۇنداق مىساللار بار: «ياخشىلىق قىلمىسىمۇ مەيلى، يامانلىق قىلمىسا بولاتتى»، «بېشىمغا كۈن چۈشكەندە يېنىمدا تۇرۇپ يىغلىشىپ بەرمىسىڭىزمۇ، قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كۈلۈشۈپ بەرمىسىڭىز بولىدۇ».

قېرىندىشىم! كۆزىڭىزنى ئېچىپ ئەتراپىڭىزغا ئىنساپ بىلەن بىر نەزەر تاشلىسىڭىز، ئاللاھنىڭ دىنىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان «مۇسۇلمانلار» نى كۆرىسىز. بىرى «ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن» مەخپىي خوتۇن ئېلىۋاتقان، بىرى «ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن» مەخپىي ئەرگە تېگىۋاتقان، بىرى «ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن» جازانىخورلۇق، بىرى ئوغرىلىق، بىرى بۇلاڭچىلىق، بىرى قاراقچىلىق قىلىۋاتقان…..

ئاللاھنىڭ دىنى ئۇنداق «مۇسۇلمانلار» دىن ئادا ـ جۇدادۇر. بىر كىشىنىڭ ئۆزى شەرىئەتنىڭ تېشىغا چىقىپ تۇرۇپ «ئىسلامغا خىزمەت قىلدىم» دېيىشى نەقەدەر چوڭ ساختىپەزلىك بولسا، ھارامدىن پۇل تېپىپ ئاللاھنىڭ يولىغا بېرىش، ئۇ قەدەر قەبىھ گۇناھدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر