مۇسۇلمانلار
ئاللاھنىڭ تەۋپىق بېرىشى قانداق بولىدۇ؟ 1

ئاللاھنىڭ تەۋپىق بېرىشى قانداق بولىدۇ؟

4 – تەۋپىق

ئاللاھ تائالا بىرىنچى ھىدايەت بولغان ئەقىلنى ئىشلىتىپ، ئىككىنچى ھىدايەت بولغان كىتابنى قەلبى، تىلى ۋە ئەمىلىيىتى بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا، ئۇ يولدا مەدەت بېرىدۇ، ياردەم قىلىدۇ، مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلىدۇ ۋە نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ يَهۡدِيهِمۡ رَبُّهُم بِإِيمَٰنِهِمۡۖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُ فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ  ٩﴾

«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، رەببى ئۇلارنى ئىمانلىرى سەۋەبىدىن ھىدايەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار نەئىم جەننەتلىرىدە بولىدۇ»[1].‏

﴿وَيَزِيدُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ٱهۡتَدَوۡاْ هُدٗىۗ وَٱلۡبَٰقِيَٰتُ ٱلصَّٰلِحَٰتُ خَيۡرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابٗا وَخَيۡرٞ مَّرَدًّا  ٧٦﴾

«ئاللاھ ھىدايەت تاپقانلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ. پايدىسى تۈگىمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى ساۋاب قازاندۇرىدۇ ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدۇ»[2].‏

﴿وَٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ فِينَا لَنَهۡدِيَنَّهُمۡ سُبُلَنَاۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَمَعَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ  ٦٩﴾

«بىزنىڭ يولىمىزدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»[3].‏

﴿وَٱلَّذِينَ ٱهۡتَدَوۡاْ زَادَهُمۡ هُدٗى وَءَاتَىٰهُمۡ تَقۡوَىٰهُمۡ  ١٧﴾

«ھىدايەت تاپقانلار بولسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا تەقۋالىقىنى ئاتا قىلىدۇ»[4].‏

﴿مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ يَهۡدِ قَلۡبَهُۥۚ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ  ١١﴾

«يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۈز بېرىدۇ. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[5].‏

خۇلاسە

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بىرىنچى ھىدايىتى بولغان ئەقىلنى بەرمىگەن ياكى ئېلىۋالغان كىشىلەرنى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھىدايەتكە تەكلىپ قىلمايدۇ. يەنى ئەقلىنى يوقاتقان ساراڭ ياكى تۇغۇلما ئەقلى يوق كىشىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىغا بويسۇنۇش ۋە ئەلچىسىگە ئەگىشىشكە تەكلىپ قىلىنمايدۇ. بىرىنچى ھىدايەت (ئەقىل)كە ئىگە بولغانلار ئىككىنچى (كىتاب) ۋە ئۈچىنچى ھىدايەت (ئەلچىگە ئەگىشىش)كە تەكلىپ قىلىنىدۇ. چۈنكى بىرىنچى ھىدايەت بېرىلگەنلەرگە ئەينى ۋاقىتتا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھىدايەتنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا ئىختىيارمۇ بېرىلگەن[6]. ئۆز ئىختىيارى بىلەن كىتابقا ئىشەنگەن ۋە ئەلچىگە ئەگەشكەنلەر ھىدايەت تاپقان، ئەگەشمىگەنلەر ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت مۇنداق:

﴿مَّنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۗ وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبۡعَثَ رَسُولٗا  ١٥﴾

«كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ. كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز»[7].‏

ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ تۆتىنچى ھىدايىتى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى پەقەت ئۆزى خالىغان كىشىلەرگىلا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِآيَٰتِنَا صُمّٞ وَبُكۡمٞ فِي ٱلظُّلُمَٰتِۗ مَن يَشَإِ ٱللَّهُ يُضۡلِلۡهُ وَمَن يَشَأۡ يَجۡعَلۡهُ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ  ٣٩﴾

«بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە قالغان گاس ۋە گاچىلاردۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ»[8].‏

﴿مَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِيۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ  ١٧٨﴾

«ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشى ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ ئازدۇرغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر»[9].‏

ئاللاھ تائالا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەردە خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى، خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا بىرقانچە ئايەتتە بولسا، قەۋملەرنىڭ ئىچىدىن زالىم، كافىر ۋە فاسىق قەۋملەرگە ھىدايەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ[10]. شەخسلەرنىڭ ئىچىدىن يالغانچى، تۇزكور، ھەددىدىن ئاشقان ۋە ئايەتلىرىگە ئىشەنمىگەن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ[11]. شۇنىڭدەك، فاسىقلارنى، زالىملارنى، كافىرلارنى، ھەددىدىن ئاشقان ۋە ھەقتىن شۈبھىلەنگەن كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ[12].

دېمەككى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ «خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدى»غانلىقىنى، «خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدى»غانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ «ھىدايەت قىلىشى» ۋە «ئازدۇرۇشى» ئۈچۈن كىملەرنى «خالايدى»غانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئەنە شۇ بىلدۈرۈشىدىن ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ناھايىتى ئېنىق مەلۇم بولىدۇكى،

ئاللاھ تائالا قەۋملەرنىڭ ئىچىدىن، زۇلۇمدىن، كۇفرىلىقتىن ۋە فاسىقلىقتىن ساقلانغانلارنى؛ شەخىسلەرنىڭ ئىچىدىن تۇزكۇرلۇقتىن، يالغانچىلىقتىن ۋە ھەددىدىن ئېشىشتىن ساقلانغانلارغا ھىدايەت بېرىشنى خالايدۇ ۋە ھىدايەت قىلىدۇ. يەنى ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ، ياردەم قىلىدۇ ۋە ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى توغرا يولدا دەپ قوبۇل قىلىدۇ. كۇفرىلىق، زالىملىق ۋە فاسىقلىق قىلغانلارنى، ھەددىدىن ئاشقانلارنى ۋە ھەقتىن شۈبھىلەنگەنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن خالايدۇ ۋە ئازدۇرىدۇ. يەنى ئۇلارنى مەدەت ۋە ياردەمسىز قويىدۇ، رەھمىتىدىن يىراق تۇتىدۇ، توغرا يولدا دەپ قوبۇل قىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا فاتىھە سۈرىسىدە قىلىشىمىزنى ئۆگەتكەن دۇئادىكى ھىدايەت ئەنە شۇ ھىدايەتتۇر:

﴿ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ  ٦﴾

«بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن»[13].

يەنى ئى ئاللاھ! بىزنى توغرا يولۇڭدا ئۇدۇل مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، ئۇ يولدا مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلغىن، سېنىڭ يولۇڭغا كەلدۇق، قوبۇل قىلغىن.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 15 – 19.    

[1] 10 – سۈرە يۇنۇس، 9 – ئايەت.

[2] 19 – سۈرە مەريەم، 76 – ئايەت.

[3] 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 69 – ئايەت.

[4] 47 – سۈرە مۇھەممەد، 17 – ئايەت.

[5] 64 – سۈرە تەغابۇن، 11 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 1 ~ 3 – ئايەتلەر.

[7] 17 – سۈرە ئىسرا، 15 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 10 – سۈرە يۇنۇس، 108 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 92 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 42 – ئايەت.

[8] 6 – سۈرە ئەنئام، 39 – ئايەت.

[9] 7 – سۈرە ئەئراف، 178 – ئايەت.

[10] «ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 258 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 86 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 51 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 144 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 19 – ۋە 109 – ئايەتلەر؛ 28 – سۈرە قەسەس، 50 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 10 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 9 – ئايەت؛ 62 – سۈرە جۇمۇئە، 5 – ئايەت)؛ «ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 264 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 67 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 37 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 107 – ئايەت)؛ «ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 108 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 24 – ۋە 80 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 5 – ئايەت؛ 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 6 – ئايەت).

[11] «ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ» (قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 3 – ئايەت)؛ «ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ» (قاراڭ: 40 – سۈرە غافىر، 28 – ئايەت)؛ «ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار» (16 – سۈرە نەھل، 104 – ئايەت).

[12] «ئاللاھ فاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ» (2 – سۈرە بەقەرە، 26 – ئايەت)؛ «ئاللاھ زالىملارنى ئازدۇرىدۇ» (14 – سۈرە ئىبراھىم 27 – ئايەت)؛ «ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شۈبھىلەنگۈچى كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ» (40 – سۈرە غافىر، 34 – ئايەت)؛ «ئاللاھ كافىرلارنى ئازدۇرىدۇ» (40 – سۈرە غافىر، 74 – ئايەت).

[13] 1 – سۈرە فاتىھە، 6 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر