مۇسۇلمانلار
ئاللاھتىن ئاللاھقا پاناھلىنىش؟ 1

ئاللاھتىن ئاللاھقا پاناھلىنىش؟

سۇئال:

بىز شەيتاندىن، ئەسكى كىشىلەردىن ۋە ھەر خىل رەزىللىكلەردىن ئاللاھقا پاناھلىنىمىز، بۇنى چۈشىنىمەن. ئەمما بىز نېمىشقا ئاللاھتىن ئاللاھقا پاناھلىنىمىز؟ بۇنداق دۇئا بارمۇ؟ رەسۇلۇللاھ شۇنداق دۇئا قىلغانمۇ؟

جاۋاب:

شۇنداق، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق بىر دۇئاسى بار:

اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِرِضَاكَ مِنْ سَخَطِكَ وَأَعُوذُ بِمُعَافَاتِكَ مِنْ عُقُوبَتِكَ وَأَعُوذُ بِكَ مِنْكَ

«ئى ئاللاھ! غەزىپىڭىدىن رازىلىقىڭغا، جازايىڭدىن مەغپىرىتىڭگە ۋە سەندىن ساڭا پاناھلىنىمەن»-(مۇسلىم، «سالات»، 222 (486).

ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلمىغان ۋاقتىمىزدا، قىلساق بولمايدىغان ئىشنى قىلغان ۋاقتىمىزدا ئاللاھنىڭ غەزىپىگە / جازاسىغا لايىق بولىمىز. بىزنى ئاللاھنىڭ بۇ غەزىپىدىن قۇتۇلدۇرالايدىغان ھېچقانداق نەرسە / ئادەم / ماقام يوقتۇر. بۇ ئەھۋالدا پەقەت ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە پاناھلىنىپ، بىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا چارىمىز يوق. ئۇنىڭدىن ئۇنىڭغا پاناھلىنىش مۇشۇنداق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر