مۇسۇلمانلار
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەپسىرى (قۇرئاننىڭ قۇرئان بىلەن تەپسىرى)» سۈرە فاتىھەنىڭ ئېلكىتابى مۇسۇلمانلار تورىدا ئېلان قىلىندى! (PDF) 1

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەپسىرى (قۇرئاننىڭ قۇرئان بىلەن تەپسىرى)» سۈرە فاتىھەنىڭ ئېلكىتابى مۇسۇلمانلار تورىدا ئېلان قىلىندى! (PDF)

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەپسىرى (قۇرئاننىڭ قۇرئان بىلەن تەپسىرى)» سۈرە فاتىھەنىڭ ئېلكىتابى مۇسۇلمانلار تورىدا ئېلان قىلىندى! (PDF) 2

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك قۇرئان ئوقۇغۇچىلىرى،

ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا، ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ 15 يىللىق ئەمگەك مېۋىسى بولغان «قۇرئان كەرىم ۋە ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى» ناملىق ئەسىرى، سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقاتلىرى مەركىزى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم، ئايەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە مەنا پۈتۈنلۈكى ئاساس قىلىنغان، تىرناقلىق ئىپادىلەرگە ئورۇن بېرىلمىگەن، ئىزاھاتتا ئايەت ئايەت بىلەن شەرھلەنگەن ، ئاممىباب ئىپادىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن ھالدا تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوق بولۇشتەك تارىخى بوشلۇققا خاتىمە بېرىلگەن ئىدى.

كەمىنە قۇرئان ئوقۇغۇچىسى (تالىپى) ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق، كىتاب نەشر قىلىنغان 2017-يىللىق قۇرئان ئېيى بولغان رامىزان ئېيىدىكى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلەپ، دەرھال ئىپتار ۋە زوھۇرلۇق ئارىسىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇستازنىڭ بىزگە سۇنغان «قۇرئان كەرىم ۋە ئۇيغۇرچە ئىزاھاتلىق تەرجىمىسى»نى باشتىن ئاخىر 60 سىن دەرسكە بۆلۈپ، ئىككى يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان تەدبىرياي فەيسبۇك نەق مەيدان سىن دەرسىمدە ئوقۇپ تاماملىدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولاي كۆرۈشى ئۈچۈن يۇتىيۇب قانىلىمغا قويدۇم ۋە يېقىندا ئۇنىڭ ئۈن دەرسىنىمۇ ئېلان قىلدىم.

ئۇستاز ئەنەس ئالىم ۋەتەندىكى كاتتا ئۇستازلىرىدىن ئۆگەنگەن پىششىق ئەرەب تىلى ۋە گىرامماتىكىسى، كەڭ دائىرىلىك ئىزدىنىش، چوڭقۇر تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن خىزمەتلىرىنىڭ داۋامىغا قۇرئان ۋە ھەدىس پۈتۈنلىكىگە «ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن لازىملىق دىنى بىلىملەر 1» كىتابىنى قوشتى. ئۇنى نەشر قىلدۇردى. يەنە بۇيىل (2018) رامىزانلىق سوۋغات سۈپىتىدە «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق كىتابىنى 2014-يىلى يېزىپ،  «قۇرئان كەرىم ۋە ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى» نى پۈتكۈزۈش بىلەن ۋاقىت چىقىرالمىغان، تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ ئۇسۇلى بويىچە يېزىپ چىققان ناماز توغرىلىق مۇپەسسەل ئەسىرىنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ نەشر قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۆز خەلقى ئۈچۈن سۇنغان بۇ تۈردىكى ناماز توغرىلىق كىتاب يوق بولۇشتەك بوشلۇققا خاتىمە بەردى. ئەلھەمدۇلىللاھ!

يېقىندا، تولىمۇ كەمتەر ئۇستازىمىز ئەنەس ئالىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر ھەيئەت تەشكىللەپ، ئەستايىدىللىق بىلەن، ئىملا ۋە ئىزاھاتنى يەنە بىر بالداققا يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ-كۇشادە پايدىلىنىشى ھەمدە قۇرئان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرخىل تەلەپ ۋە پىكىرلىرىگە قۇلاق سېلىش مەقسىتىدە «قۇرئان كەرىمنىڭ ئىزاھلىق تەرجىمىسى» نىڭ تور نۇسخىسىنى ھەقسىز ئېچىۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن تېخىچە «قۇرئان كەرىم ۋە ئۇيغۇرچە ئىزاھاتلىق تەرجىمىسى»نى ئېلىپ ئوقۇشقا شارائىتى يار بەرمىگەن قېرىنداشلارغا قولايلىق يارىتىلدى.

مانا بۈگۈن، ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ 15 يىللىق قۇرئان تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن بىلىملىرىنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە، قولىڭىزدىكى ئۇشبۇ  «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەپسىرى (قۇرئاننىڭ قۇرئان بىلەن تەپسىرى)» سۈرە فاتىھەنىڭ تور كىتابى تۇرۇپتۇ. ئاللاھ تائالانىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە «ئوقۇغىن!» دېگەن بۇيرۇق بىلەن بىزنى ئىككى دۇنيالىق بەخت -سائادەتكە بۇيرۇغانلىقىغا شەك-شۈبھە قىلمىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان، ئەلۋەتتە مۇئەللىپىنى ئۇنىڭ ئەسىرىدىن تونۇيالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز. شۇڭلاشقا بۇيەردە ئۇستازنىڭ ئۇيغۇر خەلقىمىزگە  «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەپسىرى (قۇرئاننىڭ قۇرئان بىلەن تەپسىرى)» نى سۇنماقچى بولغانلىقىدەك ئۆمۈرلۈك خىزمەت پىلانىنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولغان «سۈرە فاتىھەنىڭ تەپسىرى»نى سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلەرگە چەكسىز خۇشاللىق بىلەن ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇستازنىڭ  قۇرئان ۋە ھەدىس پۈتۈنلىكىدە «ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن لازىملىق دىنى بىلىملەر 2» كىتابىنمۇ خەۋەر قىلىپ قويۇشقا تەقەززا بولدۇم.

قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى ئۈچۈن ياسالغان مەخسۇس تور بېتىمىزگە، سۈرە فاتىھەنىڭ تەفسىرىمۇ قويۇلدى. خالىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ www.uyquran.com تور بېتىمىزدىن مۇنۇ ئۇلانما ئارقىلىق ئوقۇۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. http://www.uyquran.com/ShowArticle.aspx?id=10

قېنى ئەمىسە قەدىرلىك قۇرئان تالىپلىرى (ئوقۇغۇچىلىرى)، سىزنى ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ تونۇردىن تېخى يېڭى چىققان،  «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەپسىرى (قۇرئاننىڭ قۇرئان بىلەن تەپسىرى)» دىن سۈرە فاتىھەنىڭ ئېلكىتابى بىلەن يالغۇز قوياي، ئەسەرنىڭ ئۆزى سىزگە ماھىيىتىدىن خەۋەر بەرسۇن! ھەقىقىي خوش خەۋەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى شۇندىلا ئۆزىڭىز بىزگە خەۋەر بېرىشىڭىز مۇمكىن!

«قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەپسىرى (قۇرئاننىڭ قۇرئان بىلەن تەپسىرى)» دىن سۈرە فاتىھەنىڭ ئېلكىتابىنى (PDF) ئوقۇماقچى بولغانلار بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ!

چۈشۈرۈڭ

1-fatihe-tesiri

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر