مۇسۇلمانلار
ئاق خۇن تاھارەتنى بۇزامدۇ؟ 1

ئاق خۇن تاھارەتنى بۇزامدۇ؟

ئادەت ۋە نىفاستىن باشقا ئاياللاردىن كېلىدىغان ئاق خۇن تاھارەتنى بۇزامدۇ؟

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

… وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُم مِّنۡهُۚ …

«… ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار… »-(5-سۈرە مائىدە، 6- ئايەت).

بۇ ئايەت، تاھارەتنىڭ خالا جايدا بولىدىغان ئىشلاردىن بىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاياللاردىن داۋاملىق كېلىدىغان ئاق خۇن، خالا جايدا بولىدىغان ئىشلاردىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ چىقىشى بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭ تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق سەھىھ ياكى زەئىپ ھەدىس يوق، ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن كەلگەن بىرەر سۆزمۇ يوق.

بۇ مەسىلە ھەققىدە تىبابەت ئىلمى مۇنداق دەيدۇ:

«ئاق خۇن، جىنسى يولدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بولۇپ، بۇرۇندىن چىققان ماڭقا، ئېغىزدىن چىققان شۆلگەي، كۆزدىن چىققان ياش، قۇلاقتىن چىققان سۇيۇقلارغا ئوخشاش مەۋجۇت رايوننى قوغدايدىغان ياكى قوغداشقا ياردەم بېرىدىغان ماددىدۇر».

«ئاق خۇن چوقۇم بولۇشى كېرەك بولغان فىزىئولوگىيەلىك بىر سۇيۇقلۇقتۇر؛ ئۇنىڭ كەلمەسلىكى بىر كىسەللىكتۇر. ئۇ، ماڭقا، ياش، شۆلگەي ۋە باشقا سويۇقلۇقلارغا ئوخشاش، ئاجىراپ چىقمىغان ۋاقىتتا بەدەندە كېسەللىك پەيدا بولىدۇ».

«سۈيدۈك يولى ۋە مەقەت يولىدىن چىقىرىلغان نەرسىلەر بىزنىڭ ئىرادىمىز بىلەن چىقىدۇ، يەنى بۇ نەرسىلەرنى سىرتقا چىقارغاندا پەرقلىق مۇسكۇللىرىمىزنى ئىشلىتىپ، چىقىش چىقماسلىقىنى تىزگىنلىيەلەيمىز. لېكىن ئاياللار ئاق خۇننىڭ كېلىشىنى تىزگىنلىيەلمەيدۇ، ئۇنىڭ چىقىشى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدۇ».

«ئاياللارنىڭ جىنسى يولىدا سۇيۇقلۇق ئاجراتما بەزى بولمايدۇ. كەلگەن ئۇ سۇيۇقلۇق، خۇددى بۇرۇندىن چىققان شىلىمشىق ماددىغا ئوخشاش ئاق، پۇراقسىز، شىلىمشىق، تەككەن يەرنى قىچىشتۇرمايدىغان ۋە بىئارام قىلمايدىغان ماددىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىكلەر سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتتە تېپىلمايدۇ. چۈنكى سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەت ھەقىقەتەن زىيانلىقتۇر، ئىچىدە نۇرغۇنلىغان زىيانلىق باكتىرىيەلەر باردۇر»- (ئائىشە فىلىز ياۋۇز ئاۋشار، «ئاياللاردىن كېلىدىغان ئاق خۇننىڭ تىببى ماھىيىتى»، ھازىرقى دىنى مەسىلىلەر مۇنازىرە يېغىنى – 5، دىيانەت ئىشلىرى كومىتىتى بەشرىياتى، ئافيون، 2012، 443 – 448 – بەت).  

خۇلاسە   

مائىدە سۈرىسىنىڭ 6 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تاھارەت ئالدى ۋە ئارقا ئىككى يولدىن ياكى ئۇلارنىڭ بىرىدىن چىققان ھەرقانداق نەرسە بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئادەتتە تەرەت سۇندۇرغۇچى تىزگىنلىيەلەيدۇ. ئەمما ئاق خۇن بولسا، ئۇ مەزكۇر ئىككى يولنىڭ بىرىدىن ئەمەس، ئەكسىچە جىنسى يولدىن كېلىدۇ ۋە تىزگىنلەش مۇمكىن بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئاق خۇن، ماھىيەتتە غۇسۇل قىلىشنى پەرز قىلىدىغان مەنىيگە ياكى تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان مەزىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئاق خۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈن تاھارەتمۇ سۇنمايدۇ، غۇسۇل قىلىشمۇ كېرەك بولمايدۇ. ئۇ پەقەت تۈكۈرۈك، ماڭقىلارغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ خىزمىتى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان نەرسىدۇر، خالاس.

      ئاياللارنىڭ  خۇسۇسى ئەھۋاللىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خالىسىڭىز، ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە تۇغۇت دوختۇرى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۆۋەندىكى سەمىنەرنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ سەمىنەردە ئاياللارنىڭ ئادەت كۈنلىرى، ئادەت قالايمىقانلىشىشى، ئادەتتىن باشقا داغلار، نىفاس، نىفاس مۇددىتى ۋە كۈندە كېلىدىغان نورمال سۇيۇقلۇقلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. سەمىنەرنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرەلەيسىز:

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر