مۇسۇلمانلار

ئاشۇنداق تاماقلارنى يېسە گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب:

سىزنىڭ ئۇ يەرلەردە شۇنچىلىك دىققەت قىلغانلىقىڭىز قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىشتۇر. ئاللاھ سىزنى تەقۋالىق يولىدا بوشاشماي ماڭغىلى نېسىپ قىلسۇن.

سوئالىڭىزنىىڭ جاۋابىغا كەلسەك:

تامىقىڭىز ئۇ «ھايۋان» نىڭ گۆشى پىشۇرۇلغان قازاندىن باشقا بىر قازاندا پىشۇرۇلغان بولسا ياكى باشقا قازان تېپىلمىسا، ئۇ قازاننى يۇيۇۋاتقاندىن كېيىن پىشۇرۇلغان بولسا، بۇ تاماقنى يېگىلى بولۇشتا ھېچقانداق شۈبھە يوق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: يا رەسۇلەللاھ! بىز ئەھلى كىتاپنىڭ زېمىنىدا، ئۇلار چوشقا گۆشى يەيدۇ، ھاراق ئىچىدۇ. ئۇلارنىڭ قازان – قومۇچ ۋە قاچا – قۇچىلىرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىغۇچىلارغا: «ئەگەر باشقىسىنى تاپالمىساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن قازان – قومۇچ ۋە قاچا – قۇچىلىرىنى يۇيۇۋېتىپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندا جاۋاپ بەرگەن. – (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

ئەسكەرتىش: مۇسۇلماننىڭ تامىقى ھالال نەرسىلەردىن پاكىزلىق بىلەن ئېتىلگەن بولۇشى كېرەك. بۇ شەرتكە رىئايە قىلىنغان ھالدا ئېتىلگەن تاماقنى كىم ئەتسە ئەتسۇن يېگىلى بولىدۇ. تاماقنى ئەتكەن كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت ئەمەس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر