مۇسۇلمانلار

ئادۋوكاتلىق ۋە دوستلۇق

سوئال:
1-سىز «ئادۋوكاتلىق ئورنىدا خىزمەت قىلسام بولامدۇ؟» دېگەن سوئالغا «بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندا جاۋاب بېرىپسىز! ئىسلامىي قانۇن يۈرگۈزۈلمىگەن دۆلەتتە ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان كىشى چوقۇم شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە مەسىلىگە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ تەقدىردىمۇ ئادۋوكاتلىققىلىشقا بولامدۇ؟
2- بىر يىلنىڭ ئالدىدا بىر غەيرى دىندىكى چەتئەللىك بىلەن تىل ئۆگىنىش باھانىسىدا تونۇشۇپ قالغان، تەخمىنەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى ئۇنىڭ بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بەزى بۇرادەرلىرىم ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىمدىن تازا رازى ئەمەس، بىراق ئاللاھقا شۈكرى ھازىرغا قەدەر ئۇ سەۋەبلىك ئىبادەتلىرىمگە سەل قاراپ كەلگىنىم يوق، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ئىشلىرىدا ئالاقە قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟ ئىسلامدىكى دوستلۇقنى قانداق چۈشىنىمىز؟
جاۋاب
ئىسلامىي قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدىغان ئىش بولسا، ئادۋوكاتقا ئېھتىياج بولمايدۇ. بۇ تەقدىردە ئادۋوكات ئىسلامنىڭ قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولىدۇ. ئادۋوكات بىر كىشىنىڭ ھەقسىزلىككە ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياكى ھەقسىزلىقىنى ئازلىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان كىشىدۇر.
2- سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى مۇمتەھىنە سۈرىسى (60- سۈرە) نىڭ 8- ۋە 9- ئايىتى بېرىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:
«ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتسا، ئۇلار زالىملاردۇر.»- مۇمتەھىنە 60/8-9.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر