مۇسۇلمانلار

ئادوۋكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا بولامدۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ياخشى ئىشتۇر. چۈنكى ئۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلەر كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ ياكى يەڭگىللەشتۈرىدۇ. دىنىمىز بۇنداق ئىشلارغا تەشۋىق قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

«بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار» – (سۈرە ھەج 77- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداش، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر-بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

«كىمكى بىر مۇئمىندىن دۇنيا ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار-يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدۇ…» – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئادۋوكات تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن باشقا بىر ئىش قىلمىغانلىقى، شۇنداقلا پۈتۈن ۋاقتىنى بۇ ئىشقا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، قىلغان ئادۋوكاتلىقىغا ھەق ئالسا بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قېرىندىشىڭىز ئوقۇشىنى ئۇبدان ئوقۇپ مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئادۋوكاتلىك كەسپىنى قىلسا بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر