مۇسۇلمانلار

ئاخىرەتكە نىسبەتەن دۇنيا

دۇنيا ھاياتى ۋە ئاقىۋىتى
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«دۇنيا ھاياتىنىڭ مىسالى مۇنداق: بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار يەيدىغان ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ بىر- بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرى زېمىن ياسىنىپ گۈزەل بىر تۈسكە كىرگەن ۋە ئىگىلىرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يىغىشقا ئۆزلىرىنىڭ قادىر ئىكەنلىكىنى ئويلاۋاتقان بىر ئەسنادا، بۇيرۇقىمىز ئۇنىڭغا كېچىدە ياكى كۈندۈزدە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ يەرنى زىرائەتلىرى ئورالغان بىر ئاق يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتمىز. خۇددى ئۇ گۈزەل مەنزىرە بىر كۈن ئاۋۋال ئۇ يەردە يوقتەك بولۇپ كېتىدۇ. بىز تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز»- يۇنۇس 10/24.
«ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىنىڭ مۇنۇ مىسالىنى بايان قىلىپ بەرگىن: بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، ئاندىن قۇرۇپ كۇكۇم-تالقان بولىدۇ، ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. دۇنيا ھاياتى مانا مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ماللار ۋە بالىلاردۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر. پايدىسى تۈگىمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر بولسا، رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب قازاندۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى ياخشىدۇر ۋە ئۈمىد باغلاشقا بەك لايىقتۇر.
بىر كۈن كېلىدۇ، بىز ئۇ كۈندە تاغلارنى يوق قىلىمىز، سەن يەر يۈزىنى تۈپتۈز ۋە ئوپئوچۇق كۆرىسەن، بىز يەنە ئۇ كۈندە ھېچكىمنى قالدۇرۇپ قويماسىتىن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگاھقا يىغىمىز.
ئۇلار سەپ ھالىتىدە رەببىڭگە توغرا قىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، دەرگاھىمىزغا شۇنداق كەلدىڭلار. سىلەر بىز بىلەن ھېچ ئۇچراشمايدىغانلىڭلارنى ئويلىغان ئىدىڭلار، شۇنداققۇ!›.
ئەنە شۇ كۈندە ھەر ئىنساننىڭ ئەمەل دەپتىرى ئالدىغا قويۇلىدۇ. سەن گۇناھكارلارنىڭ، دەپتەرلىرىدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار: ‹ۋاي ھالىمىزغا! بۇ قانداق دەپتەر! ھېچبىر نەرسە قالدۇرۇپ قويماي چوڭ-كىچىك ھەممە قىلمىشىمىزنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلەپتۇ!› دەيدۇ. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنى ئۇچرىتىدۇ. رەببىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ»- كەھف 18/45-49.
«بىلىڭلاركى، بۇ دۇنيا ھاياتى ئويۇندۇر، مەشغۇل بولۇشتۇر، زىننەتلىنىشتۇر، ئۆزئاراڭلاردا پەخىرلىنىشتۇر، ماللارنى ۋە بالىلارنى ئاۋۇتۇش ئۈچۈن مۇسابىقىلشىشتۇر. بۇ ھايات يامغۇرغا ئوخشاشتۇر، ئۇ ئۈندۈرگەن ئۆسۈملۈك دەسلەپتە دېھقانلارنى ئەجەبلەندۈرىدۇ، كېيىن قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ كۇكۇم-تالقان بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىمۇ بار. دۇنيا ھاياتى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىنلا ئىبارەتتۇر.
رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلنىڭ ئىگىسىدۇر»- ھەدىد 57/20-21.
«سۇر چېلىنغان كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمدىن ھال- ئەھۋال سورىمايدۇ. ئۇ كۈنى مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر ۋە جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ.
ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ سىلەر ئۇلارنى يالغان دېگەن ئەمەسمىدىڭلار؟›.
ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ‹رەببىمىز! بىز يامان ئارزۇلىرىمىزغا يېڭىلىپ ئازغۇن قەۋم بولدۇق. رەببىمىز! بىزنى بۇ يەردىن چىقارغىن. ئەگەر يەنە ئەسكىلىك قىلساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان بولىمىز›.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ‹تۇرغان يېرىڭلاردا تۇرۇپ خارلىنىڭلار ۋە ماڭا بىر نەرسە دېمەڭلار. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم بەندىلىرىم: ‹رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دەيتتى، سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، ھەتتا سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇغان ئىدىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۈلەتتىڭلار. بۈگۈن مەن ئۇلارنى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈپ مۇكاپاتلىدىم›.
ئاللاھ ئۇلارغا يەنە: ‹زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟› دەيدۇ. ئۇلار: ‹بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز، سانىغۇچىلاردىن سورىغىن› دەيدۇ»- مۇئمىنۇن 23/101- 113.
«سۇر چېلىنغان كۈنى بىز گۇناھكارلارنى كۆزلىرى كۆپكۆك ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز.ئۇلار ئۆزئارا: دۇنيادا پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار، دەپ كۇسۇلدىشىدۇ.بىز ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقى ئوبدان بىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقىللىكى: ياق، سىلەر پەقەت بىر كۈنلا تۇردۇڭلار، دەيدۇ.
ئۇلار سەندىن قىيامەت كۈنى تاغلارنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: رەببىم ئۇلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىپ سورۇۋېتىدۇ،ئورنىنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ.ئۇ يەرلەردە ھېچ ئېگىز-پەسلىك كۆرمەيسەن.ئۇ كۈنى ئىنسانلار چاقىرىغۇچىغا ئەگىشىدۇ. ھېچكىم قىڭغىر كەتمەيدۇ. رەھماننىڭ ھەيۋىتى ئالدىدا ئاۋازلار بېسىقىپ كېتىدۇ. ناھايىتى پەس ئاۋازلاردىن باشقا بىر نەرسە ئىشىتەلمەيسەن»- تاھا 20/102-108.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر