مۇسۇلمانلار

ئاخىرقى ئۇممەتتە بەش ناماز

ئاخىرقى ئۇممەتتە بەش ۋاخ ناماز
ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى ئۇممەتكە (يەنى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىگە) ناماز توغرۇلۇق قىلغان بۇيرۇقى «أَقِيمُوا الصَّلَاةَ (نامازنى كامىل ئوقۇڭلار)» دېگەن شەكىلدىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلىرىدە «نامازنى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز («الصَّلَاةَ») تونۇشلۇق ئىسىم (مەئرىفە) بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى «بەش ۋاخ نامازنىڭ تارىخى»دا زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تائالانىڭ «أَقِيمُوا الصَّلَاةَ (نامازنى كامىل ئوقۇڭلار)» سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:
 «ئى ئۇممەتى مۇھەممەد! مەن تارىختىن بۇيان پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئۇممەتلىرىگە پەرز قىلغان، شۇنداقلا ئۇلار ئادا قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى سىلەرگىمۇ پەرز قىلدىم، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلەرمۇ ئۇ بەش ۋاقىت نامازنى كامىل ئوقۇڭلار».
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاللاھ تائالا ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 238- ئايىتى، ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتى ۋە ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەرنى نازىل قىلىش بىلەن بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
«إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دىن پەقەتلا ئىسلام)»[1] دۇر. بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇكى،  ئاللاھ تائالانىڭ تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان دىنى ئىسلامدۇر. بەش ۋاخ نامازنىڭ ئىسلامنىڭ بەش ئەركانىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى مۇنۇ ھەدىس ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى ‹ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئىككىنچىسى ناماز ئوقۇش، ئۈچىنچىسى زاكات بېرىش، تۆتىنچىسى ھەج قىلىش، بەشىنچىسى روزا تۇتۇش»[2].
 شۇڭا ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بىز (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى) ئوقۇۋاتقان بەش ۋاخ ناماز پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇممەتلىرىگە، يەنى بارلىق ئىنسانىيەتكە پەرز قىلىنغان[3]. تۆۋەندىكى ھەدىس مەسىلىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلىپ، بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاپ كۆرسەتكەن ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر»[4].
بۇ دالالەت قىلىدۇكى، پۈتۈن پەيغەمبەر ۋە بارلىق ئۇممەتلەر بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇغان.

[1]– ئال ئىمران 3/19.

[2]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[3]– سۈرە ئەئرافنىڭ 31- ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا ئادەم بالىلىرىنى ھەر سەجدە قىلىدىغان چېغىدا چىرايلىق كىيينىشكە بۇيرۇغان. بۇ نامازنىڭ يەر يۈزىگە ئادەمزات پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەرز قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

[4]– بۇخارى، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، مەساجىد 166-167؛ تىرمىزى، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر