مۇسۇلمانلار

ئاتا ـ ئانامنىڭ مېنى ئاجراشتۇرۇۋېتىش ھوقۇقى بارمۇ؟

جاۋاب:

ياق، ئۇلارنىڭ ئۇنداق ھەققى يوق. چۈنكى دىنىمىز ھەر ئىنسانغا ئايرىم – ئايرىم ۋەزىپە يۈكلەيدۇ. ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن بالىلارنىڭ زىممىسىگە بىرقانچە ھەق يۈكلىگەن دىنىمىز، بالىلار ئۈچۈنمۇ ئاتا- ئانىلارنىڭ زىممىسىگە بىرقانچە ھەق يۈكلەيدۇ. دىنىمىزدا بالىلار ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ لېكىن بالىلارنىڭ گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ئاتا – ئانىلىرىغا ئىتائەت قىلىشى قەتئىي توغرا ئەمەس.

ئاتا – ئانىلارنىڭ، بالىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنىڭ ئىچىدە، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئايالىدىن ئايرىلىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلىش، شۇنداقلا ئايرىۋېتىش ھەققى يوق، بالىلارنىڭمۇ ئۇنداق بۇيرۇققا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى يوق. كېلىننىڭ قېيىناتا ۋە قېينانىسىغا خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ يوق؛ لېكىن قولىدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشى لازىم. چۈنكى قېيىناتا ۋە قېينانىغا ياخشىلىق قىلىش، بىر تەرەپىتن چوڭغا ھۆرمەت قىلغانلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېرىگە ياخشىلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئاللاھدىن قورقىشى لازىم. كېلىنلىرىنىڭ تۇل، نەۋرىلىرىنىڭ پەرىشان ۋە ئۆز ئوغۇللىرنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولماسلىقلىرى لازىم. ئەگەر كېلىنىدە شەرىئەتكە خىلاپ بىر ئىش بايقىسا، چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى لازىم. قايتا – قايتا قىلىنغان نەسىھەتمۇ ئۈنۈم بەرمىسە، ئۇ چاغدا ئوغلىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسا بولىدۇ. شۇ چاغدىمۇ قارارنى ئوغلى بېرىدۇ.

نىكاھ، ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۈزۈلگەن بىر توختام بولۇپ، بۇ توختامنى ئەر كىشى ئۆز ئىرادىسى بىلەن بۇزالايدۇ. بۇ چاغدا ئۇ، ھالال ئىشلارنىڭ اللە تەئالاغا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغىنىنى قىلغان بولىدۇ. ئايال كىشى بولسا، بۇ توختامنى مەلۇم باسقۇچلاردىن كېيىن بۇزالايدۇ. باشقا بىر كىشىنىڭ (كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ھەر قانداق باھانە بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىغا كىرىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق. بۇ توغرىدا تور بېتىمىزدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردۇق. بۇ مەلۇماتلار قۇرئان تەتقىقاتى بۆلۈمىدە «تالاق» ۋە «ئىفتىدا» ماۋزۇسى ئاستىدا نەشىر قىلىنماقتا. پەتىۋا بانكىسى ۋە سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىدىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ مەلۇماتلار بار.

قۇرئان كەرىم نىكاھ ۋە تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە بايان قىلىدۇ1 . مەيلى بۇ ئايەتلەردە بولمىسۇن، مەيلى ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن مۇناسىەۋتلىك ئايەتلەردە2 بولمىسۇن ھېچبىر ئايەتدە ياكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى ماھىيىتىدىكى ھەدىسلەردە ئاتا- ئانىغا ئوغلىنى ئايالىدىن ئايرىۋېتىش ھەققى ۋە ھوقۇقى بېرىلمىگەن.

بۇ ئايەتلەرگە ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرگە دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتا- ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى، ئۇلارنى «رازى بولدۇم» دېگۈزۈشىمىزنىڭ لازىم ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز. يەنى بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىشىمىز مۇھىم، ئۇلارنىڭ «رازى بولدۇم» دېيىشى مۇھىم ئەمەس. چۈنكى بىز ھېسابنى اللە تەئالاغا بېرىمىز.

بالىلار ئاتا- ئانىسى ئايالى توغرۇلۇق بىر گەپ قىلىپ بولغۇچە چاچراپ قوپماي، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئىش قىلىشى لازىم. كىچىككىنە بىر ئىشنىڭ يۈزسىدىن ئايالىغا زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. چۈنكى ئايال كىشى اللە تەئالانىڭ ئەرگە قويغان بىر ئامانىتى بولۇپ، ئەرنىڭ ئۇنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ساقلاپ اللە تەئالانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلمىغان بولىدۇ. ھەر قانداق ئىش بولسا، نەسىھەت بىلەن تۈزىتىشكە تىرىشىشى، تۈزەلمىگەن چېغىدا ئاندىن ئۆزى بىر قارار بېرىشى كېرەك.

بالىلار ئاتا- ئانىسىغا قىلىدىغان ياخشىلىقنى ئۆز جايىدا ئادا قىلسا، ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە ۋە قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلمىسا بىر گۇناھ بولمايدۇ. بەلكىدە ئۇ چاغدا ئىتائەت قىلسا گۇناھ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىم ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»3 . «اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ اللەغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»4 . بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم!

**********************************

1– مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: (بەقەرە 2/227،228، 230، 241؛ تالاق 65- سۈرە؛ نىسا 3- سۈرە؛ مۇمتەھىنە 60- سۈرىىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى؛ نۇر 24- سۈرىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى).

2– مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: (بەقەرە 2/83، 180، 215، نىسا 4/36؛ ئەنئام 6/151؛ ئىسرا 17/23؛ ئەنكەبۇت 29/8؛ لۇقمان 31/14؛ ئەھقاف 46/15؛ ئىبراھىم 14/41).

3– مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد.

4– مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر