مۇسۇلمانلار

ئاتا-ئانام يول قويمايدۇ، قانداق قىلىمەن؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
 سۇئال:
مەن بىر دېھقان بالىسى، دادام، ئانام ئۆيدىكىلەر بىلەن ئېتىزلىقتا ئىش قىلىۋاتقان چاغدا ناماز ۋاختى بۇلۇپ قالسا، مەن ناماز ئۇقۇۋېلىپ ئىش قىلاي دېسەم، ئۇلار: بالام ناماز دېگەننى ئىش تۇگىگەندە ئۇقۇيسەن، دەيدۇ. مەن بۇنىڭغا ئۇنىماي ۋاقىرشىپ قالىمەن. بۇ تۇغرىمۇ؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ۋە ئەسسەلام ئەسسەلام
جاۋاب:
ئاتا – ئانىڭز ناماز ئوقۇمامدۇ؟ نامازنى قازا قىلىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشىڭىز كېرەك، ئىش دېگىنىڭىزدەك بولىدىغان بولسا، ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئەمرى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ كېلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشىڭىز كېرەك.
لېكىن ئەگەر نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىش خەۋپى بولمىسا، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىڭىز يەنى نامازنى بىرەر يېرىم سائەت كېچىكتۈرسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن:
ئېتىزلىقتا ۋاقتى كىرىپ قالىدىغان ناماز تولاراق پېشىن بىلەن نامازدېگەردۇر. ياز ئايلىرىدا پېشىننىڭ ۋاقتى 5 سائەت ئەتراپىدا، نامازدېگەرنىڭ ۋاقتى ئىككى يېرىم سائەت بىلەن ئۈچ سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ. سىز بۇ نامازلارنى يېرىم سائەت بىرەر سائەت كېچىكتۈرۈپ ئوقۇسىڭىز بىر نەرسە بولمايدۇ.
باشقا ۋاقىتلاردا ئىشنى ئۇبدان قىلسىڭىز، نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ناماز ئوقۇپلا ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئاتا – ئانىڭىزمۇ بىر نەرسە دېمەسلىكى مۇمكىن.
لېكىن سىز سائەت بىردە ۋاقتى كىرىدىغان پېشىن ئۈچۈن ئون ئىككىدىن باشلاپ تەييارلىق قىلغىلى تۇرسىڭىز: يېرىم سائەتتە تەرت سۇندۇرۇپ، 45 مىنۇتتا تەرەت ئېلىپ، بىر سائەتتە ناماز ئوقۇپ، ئىككى سائەتتە تەسۋى سىيرىپ ئولتۇرسىڭىز، ئاچچىقلىمايدىغان ئادەممۇ ئاچچىقلاپ قالىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز، ئاللاھ تەئالا ھېچبىر نامازنى ھېچبىر ئىشقا تاقاشمايدىغان قىلىپ پەرز قىلغان.
نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش مەجبۇرىيىتىڭىز يوق. ئېتىزلىقتا ۋاقتى كىرىپ قالىدىغان نامازغا بىرەر يېرىم سائەت قالغاندا ناماز ئوقۇغىلى بارىمەن، دەپ «ئېلان» قىلمايلا ئاستا تەرەت سۇندۇرغىلى بېرىپ تەرەت ئېلىۋالسىڭىز، ئاندىن نامازنىڭ ۋاقتى كىرىشى بىلەنلا تۇرغان يېرىڭىزدە ھېچكىمدىن سورىمايلا ئالدىڭىزنى قىبلىگە قىلىپ نامازنى ئوقۇۋالسىڭىز، بۇنىڭغا دادىڭىزمۇ بىر نەرسە دېمەيدۇ، ئانىڭىزمۇ بىر نەرسە دېمەيدۇ.
چۈنكى تۆت رەكئەتلىك پېشىن ياكى تۆت رەكئەتلىك نامازدېگەر ئاستا ئوقۇسىڭىز 6 مىنۇت، تېزراق ئوقۇسىڭىز 4 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئالىدۇ. ئاتا – ئانىڭىز بۇنچىلىك ۋاقىتنىڭ نامازغا كەتكەنلىكىگە ئاچچىقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن بۇنىڭدىن تەسىرلىنىدۇ. ناماز ئوقۇمايدىغان بولسا، بالام نامازنى بىزگىمۇ ئۆگەتكىن بىزمۇ ئوقۇيلى دەيدۇ.
لېكىن سىز مەن يۇقىرىدا دېگەندەك «سوغۇق سوپىلىق» قىلىپ، پىسىيلاپ يۈرۈپ ئاتا-ئانىڭىزنى جىلە قىلىۋاتقان گەپ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ نامازغا مايىل قىلىشنىڭ ئورنىغا نامازدىن نەپرەت قىلىدۇرۇۋاتقان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭ!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر