مۇسۇلمانلار

«سۈننەت» نىڭ مەنىسى نېمە؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئامىن! قېرىندىشىم، سۈننەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ؛ بىرى قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدە كەلگەن سۈننەت. بۇ سۈننەتنىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ قانۇنى، ئاللاھنىڭ يولى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىن قاتارلاردىن ئىبارەت. تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ۋە ھەدىستە كەلگەن سۈننەت مانا مۇشۇ مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ:

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«…بۇ ئاللاھ نىڭ ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرگە تۇتقان يولىدۇر…» ـ (ئەھزاب سۈرىسى 38 ـ ئايەت).

«بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلۈرگە تۇتقان يولىدۇر، ئاللاھ نىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن» ـ (ئەھزاب سۈرىسى 62 ـ ئايەت).

بۇ، ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن» ـ (فەتىھ سۈرىسى 23 ـ ئايەت).

بۇ ئۈچ ئايەتتىكى «سۈننەت»، «ئاللاھنىڭ يولى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «…كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس» ـ (بۇخارى، نىكاھ 1؛ مۇسلىم، نىكاھ 5؛ نەسەئى، نىكاھ 4).

يەنە بىر سۈننەت بولسا، مەزھەپ كىتابلىرىدىكى سۈننەتتۇر. بۇ سۈننەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان ۋە باشقىلارنى قىلىشقا بۇيرۇمىغان نەپلە ئىبادەتلەر، تەشۋىق ۋە تەرغىب قىلغان ئىشلار، كۆرۈپ چەكلىمىگەن، كۆڭلىدە رازىلىق بەردى دەپ قارالغان ھەرىكەتلەر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەتلىرى دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر