مۇسۇلمانلار

«ئاللاھغا ئامانەت» دېيىش بىدئەتمۇ؟

ئەسسالام ئەلەيكۇم
سوئال:
بەزى بۇرادەرلەر، ئايرىلغان ۋاقىتتا ئاللاھقا ئامانەت دېيىش، تېلېفوننى قويغاندا ‹ئاللاھقا ئامانەت دېيىش، بىدئەت› دەيدۇ، بۇ راستمۇ؟ ئەگەر بىدئەت بولمىسا بۇنىڭ دەلىلى نېمە؟ ھۆرمەت بىلەن:
قەشقەر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: نەبى ئەلەيھىسسالام مەن بىلەن خوشلاشقان چېغىدا: «سېنى ئاللاھقا ئامانەت قىلىمەن. ئۇ ئامانەتلىرى زايە بولمايدىغان زاتتۇر» دېدى. بۇ ھەدىس «ئىبنى ماجە» نىڭ «بابۇ تەشيىئىل غۇزاتى ۋە ۋەدائىھىم» دا ئۆتىدۇ.
مۇسا ئىبنى ۋەردان مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا خوشلاشقىلى كەلگەن ئىدىم. ئۇ: ‹ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! مەن ساڭا نەبى ئەلەيھىسسالام ماڭ ئۆگىتىپ قويغان، مەن خوشلاشقان چاغدا دەيدىغان بىر سۆزنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟› دېدى. مەن: ‹ئۆگىتىپ قويۇڭ› دېدى. ئۇ: «سېنى ئاللاھقا ئامانەت قىلىمەن. ئۇ ئامانەتلىرى زايە بولمايدىغان زاتتۇر» دېگىن، دېدى. بۇ ھەدىس «نەسەئىي» نىڭ «ئەسسۇنەنۇلكۇبرا» ناملىق ھەدىس كىتابىنىڭ «بابۇ ما يەقۇلۇ ئىندەل ۋەدائى» دا زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ھەدىس يەنە باشقا بىرقانچە ھەدىس كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنىدۇ.
بۇ ئىككى ھەدىسقا ئاساسەن تېلېفوندا بولسۇن، كۆرۈشكەندە بولسۇن بىر كىشى بىلەن خوشلاشماقچى بولغان ۋاقىتتا «ئاللاھقا ئامانەت» دېيىش بىدئەت ئەمەس!!!
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ئەھلى ئىلىم ئەمەس، لېكىن ئەھلى ئىلىمگە ئوخشايدىغان ئالىم قىياپەتلىك «بەزى بۇرادەرلەر» نىڭ، «بالا قارىملار» نىڭ، ئىسلامغا ئۆز كاللىسىچە شەكىل بېرىشكە تىرىشىۋاتقان «ھىزبۇتتەھرىرچى» «مۇجاھىدچاقلار» نىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىگە ئالدانماسلىق كېرەك!
دىن نامىدىن «بولىدۇ» ياكى «بولمايدۇ» دەپ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان «مۇجتەھىدچاقلار» ئاللاھدىن قورقۇشى لازىم. كەڭ مۇسۇلمانلار ئۇنداق كالتە كوسەي مۇللىچاقلارغا ئىشەنمەسلىكى لازىم!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر