مۇسۇلمانلار تورى
بۇ كۈنلەردە چاچ ۋە تىرناق ئېلىنامدۇ؟ 1

بۇ كۈنلەردە چاچ ۋە تىرناق ئېلىنامدۇ؟

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟ ھەر يىلى تەكرارلىنىدىغان بۇ سوئالغا بەزىلەر «زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چاچ، تۈكلىرى ۋە بەدىنىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن» دىگەن ھەدىسنى كەلتۈرۈپ قۇربانلىقنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن چاچ-ساقال ئالماسلىق كېرەك بولمىسا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ دەيدۇ ، بەزىلەر بولسا بۇ پەقەت ھەج قىلغۇچىلارغا دىيىلگەن دەيدۇ. قۇرئاندىن بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب تاپالمىدۇق. قانداق قىلساق ئەڭ توغرا بولىدۇ؟

بۇ ئىش ئۇ قەدەر سەمىرتىۋەتكىدەك، ھەتتا قۇربانلىق ئىبادىتىنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتى ھېسابلىغۇدەك دەرىجىدە مۇھىم ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ ھەقتە ئايەت يوق. سىز دېگەندەك مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت بار. ئايەتتە ئەسلى بولمىغان رىۋايەتلەر پەرزلىك ياكى ھاراملىق ئىپادىلىگىدەك دەرىجىدە كۈچلۈك بولمايدۇ. ئەكسىچە مۇستەھەبلىك (قىلسا ياخشى، قىلمىسا گۇناھ يوق  ئىشلارنى) ياكى مەكرۇھلۇق (قىلمىسا ياخشى، قىلىپ سالسا گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارنى) بىلدۈرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:

رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئونى كىرسە قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى تاكى قۇربانلىقىنى قىلغانغا قەدەر چاچ ۋە بەدىنىڭ تۈكلىرىنى ئالمىسۇن» – (مۇسلىم، ئەداھى (قۇربانلىقلار)، 7.

بۇ رىۋايەت قەتئىي پەرزلىكنى ئىپادىلىگەن بولسا فېقھى ئالىملىرى بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا ئىختىلاپقا چۈشمىگەن بولاتتى. ئۇلار يۇقىرىدىكى رىۋايەتكە ئاساسەن مۇنداق ئۈچ خىل كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

1 –  شافىئىيلار بۇ ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ چاچ، تىرناق ۋە بەدەن تۈكلىرىنى ئېلىشى مەكرۇھتۇر، ھارام ئەمەستۇر دەيدۇ. يەنى بۇ ھەدىس ھۆكۈم جەھەتتىن مۇستەھەبلىك ئىپادىلەيدۇ دەپ قارايدۇ.

2 – ھەنبەلىيلەر، بۇ ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ چېچىنى ۋە بەدەن تۈكلىرىنى ئېلىشنى ھارام دەپ قارايدۇ. ئالماسلىقنى پەرز دەيدۇ. چۈنكى بۇلار قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنى ئېھرام باغلىغان كىشىگە ئوخشىتىدۇ.

3 – ھەنەفىي ۋە مالىكىيلار بولسا، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ چاچ ۋە بەدەن تۈكلىرىنى ئالماسلىقى سۈننەتمۇ ئەمەس، ئېلىشى مەكرۇھمۇ ئەمەس، چۈنكى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى ئېھرامدىكى كىشى ئەمەس. چېچىنى ئالماسلىق ھۆكمى ھەج ياكى ئۆمرە نىيىتى بىلەن ئېھرام باغلىغان كىشىگە خاس بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئالاقىسى يوق دەيدۇ.

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئېلىش ئالماسلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئايەت يوق. مۇناسىۋەتلىك ئايەت ھەنەفى ۋە مالىكى ئۆلىمالىرى دېگەندەك ھەج ۋە ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر (بەقەرە 2 / 196). شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ھەدىستىن ھەج ۋە ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغانلاردىن باشقىلارنىڭمۇ چاچلىرىنى ئېلىشى ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىش چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن شۇنداق بىر ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن «چاچ ۋە تىرناقنى ئالماسلىق سۈننەت ئەمەس، ئېلىش مەكرۇھمۇ ئەمەس» دېگەن ھۆكۈممۇ ئۇيغۇن بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىشتا ئوتتۇرا يول، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ تاكى قۇربانلىقىنى سويغىچە چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئالماسلىقى مۇستەھەبتۇر. قىلغانلار بىر مۇستەھەبنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، قىلمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ. 

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر