باش بەت > بۈگۈنكى ئايەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

           ياشلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە رولى

تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغانلار تونۇپ يېتىدۇكى، مىللەتلەرنىڭ يۈكسىلىشى، يۇرتلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بەرپا قىلىنىشى چوڭلارنىڭ بىلىم ۋە تەجرىبىسى، ياشلارنىڭ جاسارەت ۋە پىداكارلىقى بىلەن ھاسىل بولغان. جۈملىدىن جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ دىللىرىدا ئىمان نۇرىنىڭ يورۇشى، يۇرتلىرىدا ئىسلام ئادالىتىنىڭ ھاكىم بولۇشى، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ يېيىلىشى، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلىنىشى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئامانلىقنىڭ ساقلىنىشى قاتارلىقلارمۇ مۇسۇلمان چوڭلارنىڭ ئىلمى، تەجرىبىسى ۋە يېتەكلىشى، مۇسۇلمان ياشلارنىڭ جاسارىتى، تىرىشچانلىقى ۋە پىداكارلىقى بىلەن ھاسىل بولغان. ئىنسان تۇغۇلغان چېغىدا ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە تۇغۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان چاغدىن تارتىپ ئۆز دەۋرىدىكى يېڭى ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆز زامانىغا ماسلىشالىشى ئۈچۈندۇر.

1§. ياشلىق دەۋرىنىڭ ئەھمىيىتى

ئىنسان دۇنياغا كۈچسىز ۋە بىلىمسىز ھالدا كېلىدۇ. ياشلىق دەۋرى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى بىلەن قېرىلىق دەۋرى ئارىسىدىكى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپ بولغان دەۋرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن ضَعۡفٖ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ ضَعۡفٖ قُوَّةٗ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ قُوَّةٖ ضَعۡفٗا وَشَيۡبَةٗۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡقَدِيرُ  ٥٤﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى ئاجىزلىقتىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرگە ئاجىزلىقتىن كېيىن قۇۋۋەت بەردى، ئاندىن قۇۋۋەتتىن كېيىن ئاجىزلىق ۋە قېرىلىق يەتكۈزدى. ئۇ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر»[1].

﴿وَٱللَّهُ أَخۡرَجَكُم مِّنۢ بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ شَيۡ‍ٔٗا وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡئِدَةَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٧٨﴾

«ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىقاردى، سىلەر ئۇ چاغدا ھېچ نەرسە بىلمەيتتىڭلار. سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتىنى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى ۋە دىللارنى بار قىلدى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»[2].

ئىنسان ئەقىل تاپقاندىن تارتىپ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەت يارىتىلىشتىن كەلگەن تەبىئىي قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆگەنگەن، ئىزدەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان چېغىدىلا ئىمان – ئېتىقادتا ساغلام، ئىلىم – مەرىپەتتە پۇختا، ئەدەپ – ئەخلاقتا گۈزەل، ئىپپەت – نومۇستا پاكىز ۋە مۇئامىلە – مۇناسىۋەتتە دۇرۇس ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ. ئەنە شۇ ئىنسانلار مەدەنىيەت يارىتىش، ئادالەت تارقىتىش، ئېلىم يېيىش، كۈچلۈك ۋە ئاڭلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قاتارلىقلاردا رولى ناھايىتى چوڭ بولىدىغان ياشلاردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مەزكۇر پەزىلەتلەرنىڭ ھەر بىرىدە ئۈلگە ئېلىنىشقا تېگىشلىك ياشلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئەنە شۇنداق ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

2§. قۇرئاندا ئۆرنەك ياشلار

1.      ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋەدىسىدە تۇرۇشتا، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشتا ۋە بۇ توغرىدا پىداكارلىق قىلىشتا ئۆرنەك ياشتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ إِسۡمَٰعِيلَۚ إِنَّهُۥ كَانَ صَادِقَ ٱلۡوَعۡدِ وَكَانَ رَسُولٗا نَّبِيّٗا  ٥٤﴾

«بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرغۇچى ئىدى، رەسۇل ئىدى، نەبىي ئىدى»[3].

﴿وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهۡدِينِ  ٩٩ رَبِّ هَبۡ لِي مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ  ١٠٠ فَبَشَّرۡنَٰهُ بِغُلَٰمٍ حَلِيمٖ  ١٠١ فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ ٱلسَّعۡيَ قَالَ يَٰبُنَيَّ إِنِّيٓ أَرَىٰ فِي ٱلۡمَنَامِ أَنِّيٓ أَذۡبَحُكَ فَٱنظُرۡ مَاذَا تَرَىٰۚ قَالَ يَٰٓأَبَتِ ٱفۡعَلۡ مَا تُؤۡمَرُۖ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّٰبِرِينَ  ١٠٢ فَلَمَّآ أَسۡلَمَا وَتَلَّهُۥ لِلۡجَبِينِ  ١٠٣ وَنَٰدَيۡنَٰهُ أَن يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ  ١٠٤ قَدۡ صَدَّقۡتَ ٱلرُّءۡيَآۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ  ١٠٥﴾

«ئىبراھىم ئېيتتى: ‹مەن رەببىم بۇيرۇغان يەرگە كېتىمەن. ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ. رەببىم! ماڭا ياخشىلاردىن بولىدىغان پەرزەنت ئاتا قىلغىن›. بىز ئۇنىڭغا زېرەك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق. ئوغۇل چوڭىيىپ ئاتىسى ئىبراھىم بىلەن بىللە ئىش قىلغۇدەك بولغاندا ئىبراھىم ئۇنىڭغا: ‹ئى ئوغۇلچىقىم! مەن چۈشۈمدە سېنى قۇربانلىق قىلغانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!› دېدى. ئوغۇل: ‹ئى دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن، ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!› دېدى. ئاتا – بالا ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزغاندا، بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: ‹ئى ئىبراھىم! چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ›. شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز»[4].

2.      يۇسۇف ئەلەيھىسسالام

يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ئىپپىتىنى ساقلاش، يوقسۇللۇقتىمۇ، باياشاتلىقتىمۇ توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش، مەيدانى ئېنىق بولۇش ۋە ھەقنى ھەر پۇرسەتتە دادىللىق بىلەن سۆزلەش قاتارلىق پەزىلەتلەردە ئۆرنەك ياشتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥٓ ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ ٢٢ وَرَٰوَدَتۡهُ ٱلَّتِي هُوَ فِي بَيۡتِهَا عَن نَّفۡسِهِۦ وَغَلَّقَتِ ٱلۡأَبۡوَٰبَ وَقَالَتۡ هَيۡتَ لَكَۚ قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ رَبِّيٓ أَحۡسَنَ مَثۡوَايَۖ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ  ٢٣﴾

«يۇسۇف قىرانلىق يېشىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئاشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. يۇسۇف تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى ئايال يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇندى، ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقىۋەتتى ۋە: ‹قېنى، كەلسەڭچۇ!› دېدى. يۇسۇف: ‹ئاللاھ ساقلىسۇن! شۈبھىسىزكى، ئۇ مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ› دېدى»[5].

﴿قَالَ لَا يَأۡتِيكُمَا طَعَامٞ تُرۡزَقَانِهِۦٓ إِلَّا نَبَّأۡتُكُمَا بِتَأۡوِيلِهِۦ قَبۡلَ أَن يَأۡتِيَكُمَاۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّيٓۚ إِنِّي تَرَكۡتُ مِلَّةَ قَوۡمٖ لَّا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ  ٣٧ وَٱتَّبَعۡتُ مِلَّةَ ءَابَآءِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۚ مَا كَانَ لَنَآ أَن نُّشۡرِكَ بِٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۚ ذَٰلِكَ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ عَلَيۡنَا وَعَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ  ٣٨ يَٰصَٰحِبَيِ ٱلسِّجۡنِ ءَأَرۡبَابٞ مُّتَفَرِّقُونَ خَيۡرٌ أَمِ ٱللَّهُ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّارُ  ٣٩ مَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِهِۦٓ إِلَّآ أَسۡمَآءٗ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٍۚ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِ أَمَرَ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّآ إِيَّاهُۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلۡقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ  ٤٠﴾

«يۇسۇف مۇنداق دېدى: ئىككىڭلارغا بېرىلىدىغان تاماق يېنىڭلارغا كېلىشتىن ئىلگىرى، مەن چۈشۈڭلارنىڭ تەبىرىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ئىلىملەردىندۇر. چۈنكى مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ يولىنى تەرك ئەتتىم، ئاتىلىرىم ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىڭ يولىغا ئەگەشتىم. ئاللاھقا بىرەر نەرسە شېرىك قىلىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان پەزلىدىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.‏ ئى ئىككى زىنداندىشىم! پەرقلىق بىرقانچە رەب ياخشىمۇ، ياكى چەكسىز قۇدرەتلىك، يالغۇز بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟‏ سىلەر ئۇنى قويۇپ پەقەت ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا – بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر. ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى. مانا بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»[6].

يۇسۇف ئەلەيھىسسالام يەنە قېرىنداشلىرىنى ئەپۇ قىلىشتىمۇ ئۆرنەكتۇر. ئەينى سۈرە (يۇسۇف)نىڭ 92 – ۋە 100 – ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

3.      مۇسا ئەلەيھىسسالام

مۇسا ئەلەيھىسسالام زالىمغا نەپرەت، مەزلۇمغا مەرھەمەت قىلىشتا ئۆرنەك ياشتۇر. چۈنكى ئۇنى بوۋاق چېغىدا فىرئەۋن بېقىۋالغان، ئۆزىدەك فىرئەن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاتىسى دىكتاتور پادىشاھ، مۇھىتى باياشاتچىلىق، ھەشەمەتچىلىك ۋە كەيپ – ساپا بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئالدانمىغان. ئۇ زالىمنىڭ ياردەمچىسى بولۇشنى تەرك ئېتىپ، مەزلۇمنىڭ ھىمايىچىسى، ئاجىزنىڭ يار – يۆلەكچىسى ۋە موھتاجنىڭ ياردەمچىسى بولۇشنى تاللىغان. بۇ يولدا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان، چەتكە قېقىلغان، ھەتتا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇرلانغان ۋە ھىجرەت قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَٱسۡتَوَىٰٓ ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ  ١٤﴾

«مۇسا قىرانلىق يېشىغا يېتىپ ئەقلى توشقاندا، بىز ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز»[7].

بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەر يۇقىرىدىكى نۇقتىلارغا دالالەت قىلىدۇ.

4.      شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزى

بۇ ئىككى قىز ئىشلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەملىشىپ، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشتە، ھايا قىلىشتا ۋە ئائىلىسىگە توغرا مەسلىھەت بېرىشتە ئۆرنەك قىزلاردۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَمَّا وَرَدَ مَآءَ مَدۡيَنَ وَجَدَ عَلَيۡهِ أُمَّةٗ مِّنَ ٱلنَّاسِ يَسۡقُونَ وَوَجَدَ مِن دُونِهِمُ ٱمۡرَأَتَيۡنِ تَذُودَانِۖ قَالَ مَا خَطۡبُكُمَاۖ قَالَتَا لَا نَسۡقِي حَتَّىٰ يُصۡدِرَ ٱلرِّعَآءُۖ وَأَبُونَا شَيۡخٞ كَبِيرٞ  ٢٣ فَسَقَىٰ لَهُمَا ثُمَّ تَوَلَّىٰٓ إِلَى ٱلظِّلِّ فَقَالَ رَبِّ إِنِّي لِمَآ أَنزَلۡتَ إِلَيَّ مِنۡ خَيۡرٖ فَقِيرٞ  ٢٤ فَجَآءَتۡهُ إِحۡدَىٰهُمَا تَمۡشِي عَلَى ٱسۡتِحۡيَآءٖ قَالَتۡ إِنَّ أَبِي يَدۡعُوكَ لِيَجۡزِيَكَ أَجۡرَ مَا سَقَيۡتَ لَنَاۚ فَلَمَّا جَآءَهُۥ وَقَصَّ عَلَيۡهِ ٱلۡقَصَصَ قَالَ لَا تَخَفۡۖ نَجَوۡتَ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ  ٢٥ قَالَتۡ إِحۡدَىٰهُمَا يَٰٓأَبَتِ ٱسۡتَ‍ٔۡجِرۡهُۖ إِنَّ خَيۡرَ مَنِ ٱسۡتَ‍ٔۡجَرۡتَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡأَمِينُ  ٢٦﴾

«مۇسا مەديەن سۈيىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ماللىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىنى ئۇچراتتى، ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ماللىرىنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى ئايالنىمۇ ئۇچراتتى ۋە ئۇلارغا: ‹ئىككىڭلار نېمىشقا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟› دېدى. ئۇلار: ‹پادىچىلار ئايرىلمىغۇچە بىز سۇغىرالمايمىز. ئاتىمىز بەك ياشىنىپ كەتكەن كىشىدۇر› دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سۇغىرىپ بەردى، ئاندىن سايىغا بېرىپ: ‹رەببىم! ماڭا قانداق ياخشىلىق ئاتا قىلساڭ، مەن ئۇنىڭغا موھتاجمەن!› دېدى.‏ بۇ ئەسنادا ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ھايا قىلغان ھالدا مېڭىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: ‹سېنى ئاتام چاقىرىدۇ. ساڭا ماللىرىمىزنى سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىدىكەن‹ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، ئۇ كىشى: ‹قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ‹ دېدى.‏ ئىككى ئايالنىڭ بىرى: ‹ئى دادىكا! بۇ كىشىنى ھەق بېرىپ ئىشلەتكىن. سەن ھەق بېرىپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغان بۇ كىشىدۇر‹ دېدى»[8].‏

5.      مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يىگىتلىرى

مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى دىنىغا دەۋەت قىلغاندا قەۋمى فىرئەۋندىن قورقۇپ ئىمان ئېيتمىغان، لېكىن قەۋمىنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم ياشلار فىرئەۋندىن قورقۇپ تۇرۇپ ئىمان كەلتۈرگەن، چۈنكى بۇ ياشلارنىڭ جاسارىتى قورقۇنچىسىدىن ئېشىپ چۈشكەن. ئۇ ياشلار ئەنە شۇ يىگىتلەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَمَآ ءَامَنَ لِمُوسَىٰٓ إِلَّا ذُرِّيَّةٞ مِّن قَوۡمِهِۦ عَلَىٰ خَوۡفٖ مِّن فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِمۡ أَن يَفۡتِنَهُمۡۚ وَإِنَّ فِرۡعَوۡنَ لَعَالٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ٨٣﴾

«مۇساغا ئۆز قەۋمىدىن پەقەت بىر بۆلۈك ياشلار، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىنىڭ قىينىشىدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئىشەندى. چۈنكى فىرئەۋن ئۇ يەردە ھەقىقەتەن زومىگەر ئىدى ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى»[9].

6.      مەريەم ئەلەيھاسسالام

مەريەم ئەلەيھاسسالام ئاللاھقا ئىمان، ئىخلاس، ساداقەت ۋە ئىتائەتتە، ئىپپىتىنى ساقلاشتا ئۆرنەك قىزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلَّتِيٓ أَحۡصَنَتۡ فَرۡجَهَا فَنَفَخۡنَا فِيهَا مِن رُّوحِنَا وَجَعَلۡنَٰهَا وَٱبۡنَهَآ ءَايَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ  ٩١﴾

«ئىپپىتىنى ساقلىغان قىزنى زىكىر قىلغىن. بىز ئۇنىڭغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئالەملەر ئۈچۈن ئايەت قىلدۇق»[10].

﴿وَمَرۡيَمَ ٱبۡنَتَ عِمۡرَٰنَ ٱلَّتِيٓ أَحۡصَنَتۡ فَرۡجَهَا فَنَفَخۡنَا فِيهِ مِن رُّوحِنَا وَصَدَّقَتۡ بِكَلِمَٰتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِۦ وَكَانَتۡ مِنَ ٱلۡقَٰنِتِينَ  ١٢﴾

«ئاللاھ ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنىمۇ مىسال قىلدى. ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز ئىدى. بىز ئۇنىڭ بالىياتقۇسىغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى، ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى»[11].

7.      ئىمراننىڭ ئايالى

يەنى مەريەم ئەلەيھاسسالامنىڭ ئانىسى. بۇ ئايال قورسىقىدىكى بالىسىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان. شۇڭلاشقا ئىخلاسمەنلىكتە ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِذۡ قَالَتِ ٱمۡرَأَتُ عِمۡرَٰنَ رَبِّ إِنِّي نَذَرۡتُ لَكَ مَا فِي بَطۡنِي مُحَرَّرٗا فَتَقَبَّلۡ مِنِّيٓۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ  ٣٥﴾

«ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى: ‹رەببىم! قورسىقىمدىكى بالامنى ساڭا نەزىر قىلدىم، ئۇ پەقەت سېنىڭ يولۇڭدىلا خىزمەت قىلىدۇ، نەزىرىمنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن› دېگەن ئىدى»[12].

ئەسكەرتىش: ھامىلىدار ئايال ياش ئايال ھېسابلىنىدۇ.

8.      ئەسھابى كەھف

ئۇلار ئاللاھقا سەمىمىي ئىشەنگەن ۋە ھەقىقىي ئىشەنچ قىلغان، ئۆز ھەقلىرىنى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇغان، قەلبلىرى ئىمان بىلەن يورۇغان، كۆزلىرى جاسارەتكە تولغان يىگىتلەر ئىدى. شۇڭا ئۇلار زالىملارنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئىرادىسنى قورقماستىن ئاشكارىلىغان يىگىتلەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِذۡ أَوَى ٱلۡفِتۡيَةُ إِلَى ٱلۡكَهۡفِ فَقَالُواْ رَبَّنَآ ءَاتِنَا مِن لَّدُنكَ رَحۡمَةٗ وَهَيِّئۡ لَنَا مِنۡ أَمۡرِنَا رَشَدٗا  ١٠﴾

«ئۆز ۋاقتىدا بىرقانچە يىگىت غارغا بېرىپ پاناھلانغان ۋە: ‹رەببىمىز! بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، بىزگە قۇتۇلۇش يولى تەييارلاپ بەرگىن!› دېگەن ئىدى»[13].

﴿نَّحۡنُ نَقُصُّ عَلَيۡكَ نَبَأَهُم بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّهُمۡ فِتۡيَةٌ ءَامَنُواْ بِرَبِّهِمۡ وَزِدۡنَٰهُمۡ هُدٗى  ١٣ وَرَبَطۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ إِذۡ قَامُواْ فَقَالُواْ رَبُّنَا رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَن نَّدۡعُوَاْ مِن دُونِهِۦٓ إِلَٰهٗاۖ لَّقَدۡ قُلۡنَآ إِذٗا شَطَطًا  ١٤ هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمُنَا ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗۖ لَّوۡلَا يَأۡتُونَ عَلَيۡهِم بِسُلۡطَٰنِۢ بَيِّنٖۖ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا  ١٥﴾

«ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىز ساڭا توغرا شەكىلدە ئېيتىپ بېرىمىز: ئۇلار رەببىگە ئىمان ئېيتقان بىرقانچە يىگىت ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلغان ئىدۇق. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ تۆۋەندىكى سۆزنى قىلغاندا بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى مۇستەھكەم قىلغان ئىدۇق: ‹بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. بىز ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا دۇئا قىلمايمىز. بولمىسا قالايمىقان گەپ قىلغان بولىمىز. ئەنە شۇلار بىزنىڭ قەۋمىمىزدۇر. ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھلار قىلىۋېلىشتى. قەۋمىمىز نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ؟ ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟»[14].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 129 – 137.

[1] 30 – سۈرە رۇم، 54 – ئايەت.

[2] 16 – سۈرە نەھل، 78 – ئايەت.

[3] 19 – سۈرە مەريەم، 54 – ئايەت.

[4] 37 – سۈرە ساففات، 99­ ~ 105 – ئايەتلەر.

[5] 12 – سۈرە يۇسۇف، 22 – ۋە 23 – ئايەتلەر.

[6] 12 – سۈرە يۇسۇف، 37 ~ 40 – ئايەتلەر.‏

[7] 28 – سۈرە قەسەس، 14 – ئايەت.

[8] 28 – سۈرە قەسەس، 23 ~ 26 – ئايەتلەر.

[9] 10 – سۈرە يۇنۇس، 83 – ئايەت.

[10] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 91 – ئايەت.

[11] 66 – سۈرە تەھرىم، 12 – ئايەت.

[12] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 35 – ئايەت.

[13] 18 – سۈرە كەھف، 10 – ئايەت.

[14] 18 – سۈرە كەھف، 13 ~ 15 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ