باش بەت > پەتىۋالار > مىراس  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
 
سوئال:
دادام بۇ يىل ۋاپات قىلىپ 120 مىڭ يۈەن مىراس قالدى. ئانام تېخى ھايات، ئانام ئايرىم تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. دادامنىڭ 2 ئوغۇل، بىر قىزى بار، ئاكام باشقا ئانىدىن، مەن بىلەن ئاچام بىر ئانىدىن. ئاكام كىچىكىدىنلا ئۆزىنىڭ ئانىسى بىلەن قالغان، دادام ئاكامنى ئۆيلەپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان، لېكىن ئاكام دادام ئۈچۈن ھېچ بىر كارغا كەلمىگەن، ئاكام بۇندىن 6 يىل بۇرۇن ۋاپات قىلىپ كەتكەن بولۇپ 14 ياشقا كىرگەن بىر ئوغلى ۋە ئىككى قىزى بار. ئانام بىلەن دادام بىرگە نۇرغۇن جاپالاردا مۇشۇنچىلىك مال دۇنياغا يېتىپتىكەن.
ھازىرقى مەسىلە مۇشۇ ئوغۇل نەۋرىگە مىراس تېگەمدۇ؟ تەگسە قانچىلىك تېگىدۇ؟ ئەگەر ئۇ بالىلارغىمۇ مىراس تېگىدىغان بولسا بىز دادامدىن قالغان مىراسنى قانداق تەقسىم قىلىمىز؟ بۇ ھەقتە بىر تەلىم بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنْهُ أَوْ كَثُرَ نَصِيبًا مَفْرُوضًا»
«ئەرلەر ئۈچۈن، ئاتا- ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئاياللار ئۈچۈنمۇ، ئاتا- ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن نېسىۋىسى بار»- نىسا 4/7.
بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن دادىسىدىن قالغان مىراستىن ئاكىڭىزنىڭ بالىلىرىغىمۇ نېسىۋە بار. چۈنكى ئۇ بالىلارنىڭ ئۆز دادىسى يەنى سىزنىڭ ئاكىڭىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن سىزنىڭ دادىڭىز يەنى ئۇ بالىلارنىڭ چوڭ دادىسى ئۇ بالىلارنىڭ «ئەڭ يېقىنى» ھېسابلىنىدۇ.
يەنە بىر گەپ بىر بالىنىڭ دادىسىنىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن دادىسىغا كارغا كەلگەن بولۇشى شەرت ئەمەس. سىز ئالدى بىلەن بۇنى ئەقلىڭىزگە ئوبدان يەرلەشتۈرۈڭ. ئاكىڭىزنىڭ دادىڭىزنىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن دادىڭىزنىڭ بالىسى بولغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ، خالاس!!!
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يُوصِيكُمُ اللّهُ فِي أَوْلاَدِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الأُنثَيَيْنِ فَإِن كُنَّ نِسَاء فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ وَإِن كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ وَلأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُ وَلَدٌ فَإِن لَّمْ يَكُن لَّهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلأُمِّهِ الثُّلُثُ فَإِن كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلأُمِّهِ السُّدُسُ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ آبَآؤُكُمْ وَأَبناؤُكُمْ لاَ تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعاً فَرِيضَةً مِّنَ اللّهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيما حَكِيماً.
وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَاجُكُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٌ فَلَكُمُ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ وَلَهُنَّ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّكُمْ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُم مِّن بَعْدِ وَصِيَّةٍ تُوصُونَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ وَإِن كَانَ رَجُلٌ يُورَثُ كَلاَلَةً أَو امْرَأَةٌ وَلَهُ أَخٌ أَوْ أُخْتٌ فَلِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ فَإِن كَانُوَاْ أَكْثَرَ مِن ذَلِكَ فَهُمْ شُرَكَاء فِي الثُّلُثِ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصَى بِهَا أَوْ دَيْنٍ غَيْرَ مُضَآرٍّ وَصِيَّةً مِّنَ اللّهِ وَاللّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٌ»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر بىرىگە، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولغان بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىمۇ بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ ھەسسىلەرنىڭ تەقسىماتى ئۆلۈك ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزى تۆلىنىپ بۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. دادىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ھەسسىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
ئاياللىرىڭلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ؛ بۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا سىلەرگە، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاياللىرىڭلارغا، سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ؛ بۇ، سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، ئۇلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ؛ بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيىتىڭلار ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزىڭلار تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بىر ئەر ياكى بىر ئايالنىڭ دادىسى ۋە ئوغلى يوق ھالەتتە مىراسى ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەتلا (ئانا بىر) بىر قېرىندىشى ياكى (ئانا بىر) بىر ھەمشىرىسى بار بولسا، ئۇ ئىككىسىدىن ھەربىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدە شېرىك بولىدۇ. بۇ تەقسىماتنىڭ ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزۈلمەستىن قىلىنغان ۋەسىيەتتىن ياكى قەرزدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەسىيەت قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىيمدۇر»- نىسا 4/11- ۋە 12- ئايەتلەر.
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىدىن (ئۆلگەن چېغىدا) مىراس ئالالىشى ئۈچۈن ئۆلگۈچىگە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى بىلەن يېقىنلىقى بولغان بولۇش كېرەك:
1-ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى بولۇش، ئۆلگۈچىنىڭ قىزى بولۇشنىڭ ياكى ئوغلى بولۇشنىڭ پەرقى يوق، لېكىن مىراستىن ئالدىغان مىقدار قىزغا بىر ھەسسە، ئوغۇلغا ئىككى ھەسسىدۇر.
2-ئۆلگۈچى ئەر بولسا، خوتۇنى بولۇش. ئۆلگۈچى ئايال بولسا، ئېرى بولۇش. ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى بار-يوقلۇقىغا قاراپ بۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ھەسسىسى بەلگىلىنىدۇ.
3-ئۆلگۈچىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى بولۇش. بۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ھەسسىسىمۇ ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى بار-يوقلۇقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ.
4-ئۆلگۈچىنىڭ قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسى بولۇش. بۇلار ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى ياكى ئاتا-ئانىسى ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسى بولسا، مىراستىن ھەسسە ئالالمايدۇ.
ئۆلگۈچىنىڭ ئانا بىر قېرىندىشىنىڭ ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسىنىڭ مىراستىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن ئانىنىڭ ئۆلگەن بولۇشى كېرەك.
ئۆلگۈچىنىڭ دادا بىر قېرىندشىنىڭ ياكى دادا بىر ھەمشىرىسىنىڭ مىراستىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن دادىنىڭ ئۆلگەن بولۇشى كېرەك.
ئۆلگۈچىنىڭ ئانىمۇ بىر دادىمۇ بىر قېرىندىشىنىڭ ياكى ھەمشىرىسىنىڭ مىراستىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن دادا بىلەن ئانىنىڭ ئۆلگەن بولۇشى كېرەك.
بۇلار ئەگەر ئانا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئانا بىر قېرىنداش ياكى ئانا بىر ھەمشىرە، ئەگەر دادا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، دادا بىر قېرىنداش ياكى دادا بىر ھەمشىرە قاتارىدا مىراستىن ھەسسە ئالىدۇ.
 ئاللاھ تەئالا مىراس تەقسىماتىنىڭ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى نىسا سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ۋە:
«ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇيەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر. كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ ۋە خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ»- (نىسا 4/13-14) دەپ بۇ توغرىدىكى«قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن»لەرنى قاتتىق جازايلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
يەنە مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى شۇكى:
بىر تۇغقاننىڭ بىر تۇغقاننىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەن بىر تۇغقاننىڭ ھېچ بالىسى بولماسلىقى شەرت. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهَا وَلَدٌ فَإِنْ كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ وَإِنْ كَانُوا إِخْوَةً رِجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنْ تَضِلُّوا وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ».
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق كىشى قالدۇرغان مىراس توغرىسىدا سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى (قىز بىر تۇغقىنى) بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى ئۇنىڭ بۇ ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەمشىرە ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر قېرىندىشى (ئوغۇل بىر تۇغقىنى) بولسا، ھەمشىرىسى قالدۇرغان مىراسنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئۇنىڭ بۇ ئىككى ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ۋارىسلار  ھەم ئەر  ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- نىسا سۈرىسى 176- ئايەت.
مانا بۇ ئايەتتە بىر تۇغقاننىڭ بىر تۇغقاننىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن ۋاپات بولغۇچى بىر تۇغقاننىڭ بالىسى بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. دېمەك، بالا بار يەردە بىر تۇغقانغا مىراس يوقتۇر! چۈنكى نىسا سۈرىسىنىڭ 11- ئايىتىدە قىز بالىنىڭمۇ «بالا» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:
«يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ فَإِنْ كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ وَإِنْ كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ فَإِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ …»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر بىرىگە، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولغان بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ…»- نىسا 4/11.
          يۇقىرىدىكى ئايەتتە قىز بالىنىڭمۇ بالا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاللاھ نىسا سۈرىسىنىڭ 176- ئايىتىدە بولسا، «إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَد…(ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا…» دەپ ئۆلۈپ قالغان كىشىنىڭ مىراسىدىن ئۇنىڭ قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ ھەسسە ئالالىشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ (ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ) ئوغۇل-قىز ھېچقانداق بالىسىنىڭ بولماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ.
دېمەككى، ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ بىر قىزى بولسىمۇ ئۇنىڭ «بالىسى بار» بولغان بولىدۇ. بۇ تەقدىردە ئۇ ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ بىر تۇغقانلىرىغا مىراسىدىن ھېچقانداق نەرسە تەگمەيدۇ. مىراسنىڭ يېرىمى ئۇ قىزغا «ھەسسىسى» سۈپىتىدە تېگىدۇ. قالغان يېرىمى يەنە ئۇ قىزغا تېگىدۇ. بۇ رەد «ھەسسە ئىگىسى ئۆز ھەسسىسىنى ئالغاندىن كېيىن مىراسنىڭ قالغان قىسمىنىڭ باشقا ۋارىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن قايتا ئۇنىڭغا تېگىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
مىراس ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ۋە ئۇ ئايەتلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن سىزنىڭ دادىڭىزدىن قالغان مىراسنىڭ تەقسىماتىغا كەلسەك، بۇ تەقسىمات تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
ئالدى بىلەن دادىڭىزدىن قالغان پۈتۈن مىراس 80 گە بۆلۈنىدۇ.
بۇ 80 نىڭ 8 دىن بىرى بولغان 10 ھەسسىسى ئانىڭىزغا تېگىدۇ. ئالدى بىلەن بۇنى ئايرىپ ئانىڭىزغا بېرىۋېتىشىڭلار لازىم.
ئاندىن 80 دىن قالغان 70 نى 5 كە بۆلىسىزلەر. مۇشۇنداق بۆلسەڭلار 14 دىن 5 ھەسسە مەيدانغا چىقىدۇ.
سىز ۋە ئاكىڭىز ئايرىم-ئايرىم 28 دىن ھەسسە ئالىسىلەر. قالغان 14 نى ئاچىڭىز ئالىدۇ. چۈنكى بىر ئوغۇل ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىنى ئالىدۇ. بۇنىڭ جەمى 70 بولغان بولىدۇ.
ئاندىن ئاكىڭىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاكىڭىزنىڭ مىراستىن تەگكەن ھەسسىسى بولغان 28 نى 4 كە بۆلۈپ، ئاكىڭىزنىڭ ئوغلى ئىككى قىزلىق ھەسسە بولغان 14نى ئالىدۇ، ئاكىڭىزنىڭ ئىككى قىزى قالغان 14 نى 7 دىن بۆلۈشىدۇ.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ