مۇسۇلمانلار تورى

نىكاھنىڭ شەرتلىرى

جاۋاب:

نىكاھنىڭ دىنىمىزنىڭ ھۆكمىگە ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:

1- نىكاھلىنىش تەكلىپى قويۇلماقچى بولغان قىز/ئايال، نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللاردىن بىرى بولماسلىقى لازىم. بۇ، نىسا سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىدە ۋە 24- ئايىتىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنىدۇ.

2- نىكاھلىنىش ئائىلە قۇرۇپ بالا – چاقا تېرىش نىيىتى بىلەن بولۇشى شەرت. نىسا سۈرىسىنىڭ 24 – ئايتىدىكى «مۇھسىنىينە غەيرە مۇسافىھىينە» دېگەن كەلىمىلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى:

«مۇھسىنىينە» نىڭ مەنىسى «ئى ئەرلەر! سىلەر نىكاھلىنىش ۋاقتىڭلاردا، نىكاھىڭلارغا ئالغان قىز/ئايالنى نىكاھىڭلارغا ئېلىش ئارقىلىق ئائىلە قورغانىڭلارغا ئېلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلاشنى مەقسەت قىلىڭلار» دېگەن بولىدۇ.

«غەيرە مۇسافىھىينە» نىڭ مەنىسى بولسا، «ئى نىكاھلانماقچى بولغان ئەر – ئاياللار! سىلەر نىكاھلىنىشتىن جىنسىي ھەۋەسىڭلارنى قاندۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى بىر ئائىلە قۇرۇپ بالا – چاقا تېرىشنى ۋە نەۋرە – چەۋرە كۆرۈشنى (نەھل سۈرىسىنىڭ 72- ئايىتى بۇنى بايان قىلىدۇ)، جەمئىيەتتە قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋىتى پەيدا قىلىشنى (فۇرقان سۈرىسىنىڭ 54- ئايىتىدە بۇنى بايان قىلىدۇ) مەقسەت قىلىڭلار.

بۇ ئىككى كەلىمىنىڭ (مۇھسىنىينە غەيرە مۇسافىھىينە) لۇغەت مەنىسى يۇقىرىدىكى مەنىلەرنى ئىپادىلىسە، جۈملىدىكى ئورنى بۇ ئىشلارنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

3- ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھلىنىش يېشىغا يەتكەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا نىسا سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە نىكاھلىنىشنىڭ ۋاقتىنى زىكىر قىلىدۇ. دېمەك نىكاھلىنىشنىڭ بىر ۋاقتى بار. بۇ ۋاقىت بالاغەتكە يېتىپ بولغان ۋاقىتتۇر. بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغۇلغا خوتۇن ئېلىپ بېرىش توغرا بولمىغاندەك بالاغەتكە يەتمىگەن قىز بالىنى ئەرگە بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ.

4- قىز/ئايالغا باشقا بىرىنىڭ ئۆيلىنىش تەكلىپى قويمىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېچكىم قېرىندىشى مېلىنى ساتماقچى بولغان كىشىگە مېلىنى ساتمىسۇن ۋە قېرىندىشى توي قىلىش تەكىلىپى قويغان قىز/ئايالغا توي قىلىش تەكىلىپى قويمىسۇن» دېگەن. بۇ ھەدىس (بۇخارى نىكاھ، مۇسلىم نىكاھ، تىرمىزى نىكاھ، نەسەئى نىكاھ، ئىبنى ماجە نىكاھ) زىكىر قىلىنىدۇ.

5- نىكاھلىنىش تەكىلىپى قويۇلماقچى بولغان ئايال ئىددەت ئىچىدە بولماسلىقى لازىم. يەنى ئېرى ئۆلۈپ قالغانلىقى ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويۇشقا بولمايدۇ. (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 228- ۋە 235- ئايەتلىرى، تالاق سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتى بۇنى بايان قىلىدۇ).

6- ئەر تەرەپتىن قىز/ئايال تەرەپكە نىكاھلىنىش تەكلىپى قويۇلغاندىن كېيىن قىز/ئايال ھېچقانداق بېسىم ئاستىدا قالماستىن ماقۇل ياكى ياق دەيدۇ. ئەگەر ماقۇل دېگەن تەقدىردە بۇ نىكاھنىڭ شەرىئەت ئەھكامىغا ۋە ئۆرپ – ئادەتكە ئۇيغۇن بولۇپ بولمىغانلىقىنى قىز/ئايالنىڭ ۋەلىيىسى (دادىسى ياكى قېرىنداشلىرى ياكى تاغىلىلىرى) كونترول قىلىدۇ. ئەگەر بولار نىكاھنىڭ شەرىئەت ئەھكامىغا ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقىغا قانائەت قىلسا رۇخسەت قىلىدۇ.

ئىش بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، (توي خېتى ئېلىپ) ئاندىن ئەل – يۇرتنى چاقىرىپ توي قىلىدۇ. يەنى ئۇ ئەر شۇ ئايال بىلەن، ئۇ ئايالمۇ شۇ ئەر بىلەن نىكاھلانغانلىقىنى ئەل ـ يۇرتقا ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئەر ـ خوتۇن بولغان بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش لازىمكى، ھازىر جەمئىيىتىمزدە «توي خېتى ئېلىپ توي قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ كەڭ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرىدىغان بىر سۆز بار. بۇ ھېچقانداق ئاساسى يوق گەپ. بۇنداق يالغان – ياۋىداق گەپلەرگە ئالدانماسلىق كېرەك. بۇ سۆزنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ياكى قەستەن چىقىرىۋاتقانلاردىن سوراپ باقايلى:

توي خېتى ئالماي نىكاھلانغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ قايسىسىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ؟ بالىلارنىڭ نوپۇسى، ئائىلىنىڭ رەسمىيلىشىشى قانداق بولىدۇ؟ نىكاھنىڭ يۇقارقى شەرتلىرىدىن بىرىگە رىئايە قىلىنمىسا نىكاھ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇ شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلىش ئۈچۈن توي خېتى ئېلىش زۆرۈر ھېسابلانماسمۇ؟

ئەسلىدە بۇ ئىش ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن پاسپورت ئېلىشقا، مۇناسىۋەتلىك كۇنسۇلدىن ۋىزا ئېلىشقا، ئاندىن ئىنسانلار بەلگىلىگەن ماكاندا، ئىنسانلار بەلگىلىگەن زاماندا، ئىنسانلار ياسىغان قانتاش ۋاسىتىلىرىغا چىقىپ مەككىگە بېرىشقا ئوخشايدۇ. ئەگەر توي خېتى ئېلىپ توي قىلىشقا بولمايدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن يۇقىرىدىكى شەكىلدە ھەرەمگە بېرىشقا بولىدۇ؟ نېمىشقا ھەر ھەرەمگە بارماقچى بولغان كىشى ئېشىكىگە مېنىپ ئۇدۇللا ھەرەم تەرەپكە ماڭمايدۇ؟

بۇ ئىش يەنە ئىنسانلار تۈزۈپ قويغان يوللاردا، ئىنسانلار رۇخسەت قىلغان بويىچە مېڭىشقا ئوخشايدۇ، ھەتتا ھەر كۈن بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت ـ جامەلەرگە ئىنسانلار تۈزۈپ قويغان يولدا، ئىنسانلار بەلگىلىگەن بويىچە مېڭىپ بېرىشقا ئوخشايدۇ.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا توي قىلماقچى بولغانلار چوقۇم ياشاۋاتقان رايۇن ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىدىن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ ئائىلە قۇرۇشلىرى لازىم. باشقا شەكىلدە بولغاندا دىنىمىزنىڭ نىكاھلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىنمايدۇ.

بۇنداق بىر نىكاھ شەرئەن كۈچكە ئىگە ھېساپلانمايدۇ. شەرئەن كۈچكە ئېگە بولمىغان نىكاھ بىلەن «توي قىلدۇق» دەپ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغانلار ئۆزىنى ئۆزىنى ئالدىغان بولىدۇ. بۇ ئىش، دىنىمىز ھارام قىلغان بىر نەرسىنى «بىسمىللاھ…» دەۋىتىپ يەپ – ئىچكەنگە ئوخشايدۇ.

تويلۇقنىڭ ئۆلچىمىگە كەلسەك، ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر نىكاھىڭلارغا ئالماقچى بولغان ئاياللارغا مەھرىلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوغا قىلىپ بېرىڭلار» (نىسا، 4- ئايەت)

بۇ ئايەتكە ئاساسەن تويدا ئەر، ئايالغا تويلۇق بېرىشى لازىم. بۇنىڭ مىقدارى شۇ ئايال ياشاۋاتقان رايوندا، شۇ ئايالغا ياش، چىراي – شەكىل ۋە جەمىيەتتىكى ئېتىبارى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش كېلىدىغان ئايالنىڭ تويلۇقى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك بولىدۇ. بۇ مىقدار مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ۋە فىقىھ كىتابلىرىدا ”مەھرى مىسلى“ دەپ ئىپادىلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە تويلۇقنى بۇ مىقداردىن ئاز بېرىشكە بولمايدۇ. لېكىن نىسا سۈرىسىنىڭ 20- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تويلۇقنى يۇقىرىدىكى مىقداردىن ئارتۇق بېرىشكە بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر