مۇسۇلمانلار تورى

«ناھەق يول» لار

«ناھەق يول» لار
مۇقەددىمە
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَأْكُلُواْ أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلاَّ أَن تَكُونَ تِجَارَةً عَن تَرَاضٍ مِّنكُمْ وَلاَ تَقْتُلُواْ أَنفُسَكُمْ إِنَّ اللّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيماً»
«ئى مۇئمىنلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. لېكىن ئۇ ماللارنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ. ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە مېھرىباندۇر»- نىسا 4/29.
بۇ ئايەتتە «ناھەق يوق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز باتىل الْبَاطِلِ») دۇر. باتىل دېگەن سۆز يالغان، ناھەق، ناتوغرا، ساختا، ئاساسسىز، ئويدۇرما، پايدىسىز دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ باتىل دېگەن سۆز بۇ ئايەتتە مەئرىفە (ئېنىق) ئىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ باتىل (ناھەق يول) نى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. ئۇ «ناھەق يول» لار تۆۋەندىكىچە:
1- قۇرئاننىڭ مەنىسىنى يوشۇرۇش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنزَلَ اللّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِثَمَناً قَلِيلاًأُولَـئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلاَّ النَّارَ وَلاَ يُكَلِّمُهُمُ اللّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلاَ يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ. أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَى وَالْعَذَابَ بِالْمَغْفِرَةِ فَمَا أَصْبَرَهُمْ عَلَى النَّارِ. ذَلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ نَزَّلَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِي الْكِتَابِ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ»
«ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار بارغۇ، ئەنە شۇلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىر بىر ئازاب بار.
ئەنە شۇلار زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى مەغپىرەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە!
شۇنداق، چۈنكى ئاللاھ كىتابنى ھەق بىلەن نازىل قىلغان. ئۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ»- بەقەرە 2/174-176.
2- پارىخورلۇق قىلىش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ وَتُدْلُوا بِهَا إِلَى الْحُكَّامِ لِتَأْكُلُوا فَرِيقًا مِنْ أَمْوَالِ النَّاسِ بِالْإِثْمِ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ»
«بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار»- بەقەرە 2/188.
3- جازانىخورلۇق قىلىش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ. يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ. إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ.فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ. وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ. وَاتَّقُوا يَوْمًا تُرْجَعُونَ فِيهِ إِلَى اللَّهِ ثُمَّ تُوَفَّى كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ»
«ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ: ‹سودا-سېتىق خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر›، دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى ئاللاھ سودا-سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.
ئاللاھ ئۆسۈمنى يوقىتىپ سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكار ۋە تۇز كورنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغان ۋە زاكاتنى بەرگەنلەر بولسا، ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ.
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار.
ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر.
ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋاتقىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ»- بەقەرە 2/275-281.
4- ئوغرىلىق قىلىش ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَالسَّارِقُ وَالسَّارِقَةُ فَاقْطَعُوا أَيْدِيَهُمَا جَزَاءً بِمَا كَسَبَا نَكَالًا مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ»
«ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەر ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار. بۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى جازالاش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- مائىدە 5/38.
ئەسكەرتىش:
بۇ ئايەتتە ئوغرىلىق قىلىشنىڭ مەنئى قىلىنىشى بۇلاڭچىلىق قىلىشنىڭمۇ مەنئى قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئوغرىلىق قىلىش باشقىسىنىڭ مېلىنى مەخپىي ئېلىۋېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش باشقىسىنىڭ مېلىنى ئاشكارا ئېلىۋېلىش دېگەن بولىدۇ. بىر ئىشنىڭ تۆۋەن تەرىپىنىڭ مەنئى قىلىنىشى ئۇ ئىشنىڭ يۇقىرى تەرىپىنىڭمۇ مەنئى قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
5- قىمار ئويناش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَآمَنُواْإِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالأَنصَابُ وَالأَزْلاَمُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش پاسكىنا قىلىقلاردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، بەختكە ئېرىشەلەيسىلەر»- مائىدە 5/90.
6- دىنى قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئاللاھنىڭ يولىغا توسقۇنلۇق قىلىش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْإِنَّ كَثِيراً مِّنَ الأَحْبَارِ وَالرُّهْبَانِ لَيَأْكُلُون َأَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللّهِ…»
«ئى مۇئمىنلار! نۇرغۇن ھاخام ۋە راھىبلار ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ناھەق يول بىلەن يەيدۇ ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ»- تەۋبە 9/34.
ئەسكەرتىش:
ھاخام يەھۇدىيلارنىڭ موللىسى، راھىب خرىستىئانلارنىڭ موللىسىدۇر. ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە ئۇ موللىلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ موللىلىرىنى ئۇ موللىلاردەك بولماسلىققا بۇيرۇيدۇ. سۈرە ئال ئىمراننىڭ 105- ئايىتىدىمۇ مۇسۇلمانلار يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئوخشاپ قېلىشتىن مەنئى قىلىنغان.
7- ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بېرىش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَيْلٌ لِلْمُطَفِّفِينَ. الَّذِينَ إِذَا اكْتَالُوا عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ. وَإِذَا كَالُوهُمْ أَوْ وَزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ»
«ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلاردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغلىرىدا تولۇق ئۆلچەيدۇ، ئىنسانلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغلىرىدا كەم ئۆلچەيدۇ ۋە كەم تارتىدۇ»- مۇتەففىفىن 83/1-3.
ئەنە شۇ يوللارنىڭ بىرى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن نەرسە ھارامدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر