باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! سىز «بىز نامازنى باشلاش ئۇچۇن تەكبىر ئىيتقاندىمۇ ئىككى كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئىككى قۇلىقىنىڭ ئىچىگە تىقىپ تۇرۇپ ئڭقۇمدۇق ياكى . تىقمىساقمۇ بولامدۇ ؟» دېگەن سوئالىڭىزدىكى تەكبىردىن قايسى تەكبىرنى دېمەكچى؟ مۇئەززىن ئېيتىدىغان تەكبىرنىمۇ؟ ياكى ھەر ناماز ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان «ئاللاھۇ ئەكبەر» نىمۇ؟

بىز «ناماز ھەققىدە ساۋاتا قۇلقىغىچە كوتۇرۇش» دېگەن بولساق، بۇ يەردىكى «قۇلىقىغىچە كۆتۈرۈش» نىڭ ئالدى كەينىدە باشقا سۆزلەرمۇ بارغۇ؟ سىز بىز يازغان ئۇزۇن بىر ئەسەردىن بىر كەلىمىنى ئېلىپلا مۇنداق «دەپ سىلارغۇ» دېسىڭىز، بىز سىزگە نېمە دەيمىز. سوئال دېگەن ئۇنداق تومتاقلا سورىلامدۇ؟!

«2ـقولىمىزنى كوكرىكىمىزگىچە كۇتۇرشۇش دىيىش ئىككى كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئىككى قۇلىقىنىڭ تۇۋىگگ تەككۇزۇشنى كورسىتەمدۇ؟»

ياق، كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازغا باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرۈدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىدىن بۇ كۆتۈرۈشنىڭ شەكلىنىڭ مۇنداق ئىكەنلىكى چىقىدۇ:

ئىككى ئالقان ئىككى مۈرىنىڭ ئۇدۇلىدا، ئىككى باش بارماق ئىككى قۇلاقنىڭ يۇمشىقىنىڭ ئۇدۇلىدا، ئىككى قولنىڭ بارماق ئۇچلىرى ئىككى قۇلاقنىڭ ئۈستىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بولىدۇ.

«ناماز ئوقۇش قائىسىدە ئىككى قولىمىزنى كىندىكىمىزنىنڭ ئاسىتىغا قۇيۇپ ناماز ئوقۇش دەپتۇ قانداق قىلساق توغىرا بولىدۇ»

كامالىددىن ئىبنى ھۇمام مۇنداق دەيدۇ: ئوڭ قول سول قولنىڭ ئۈستىدە قويۇلغاندىن كېيىن ئىككى قولنى كىندىكنىڭ ئاستىدا قويامدۇ، كىندىكنىڭ ئۈستىدە قويامدۇ، ياكى كۆكرەك ئاستىدا قويامدۇ، بۇ توغرىدا سەھىھ بىر ھەدىس يوقتۇر. ھەنەفىيە مەزھىپى كىندىك ئاستىدا، شافىئىيە مەزھىپى كۆكرەك ئاستىدا قويۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. توغرىسى قەيەردە قويسا ئوخشاشتۇر.

تىرمىزى، ساھەبە ۋە تابىئىن ئالىملىرىنىڭ بەزىسىنىڭ كىندىك ئاستىدا قويۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى، بەزىسىنىڭ كىندىك ئۈستىدە قويۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى، قىسقىسى ساھابە ۋە تابىئىن ئالىملىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردە قويىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىدە قويغاندىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆكرىكىنىڭ ئۈستىدە قويغانلىقىنى كۆرستىدىغان رىۋايەتلەرمۇ بار. بۇنى ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلىدۇ.

قېرىندىشىم! يىغىپ ئېيتقاندا بۇ، نامازنىڭ مۇستەھەبلىرىدىن بىرىدۇر. يەنى بۇ، ئۇنچىۋالا «كاللا كاتۇرۇپ» كەتكۈدەك، ياكى ئۇ قەدەر جىددىيلىشىپ كەتكۈدەك ۋە ياكى ئىمام ئاخۇنۇم بىلەن ئىختىلاپلاشقۇدەك ئىش ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتنىڭ ئىمامى قانداق قويسا، ياكى سىز ياشاۋاتقان جايدىكى مۇسۇلمانلار قانداق قويۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، سىزمۇ شۇ شەكىلدە قويسىڭىز بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى ئۈستىدە قويىدىغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەتلەر بولسىمۇ ساھابە ۋە تابىئىن ئۆلىمالىرىنىڭ پەرقلىق شەكىللەردە قويۇشى، بۇ ئىشنىڭ بەك مۇھىم ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

«نامىزىڭىزنى ئاشۇ ناماز ئوقۇش قائىدىسىدە كۆرسىتىلگەندەك ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.
دەپسىز بۇلار نىنڭ ئەممىسى مەنزەپ قارىشىچە كەن. مەن مەززەپنى بۇسۇپ تاشلاپ پەيغەمبەر ئەلىكسالام قانداق ئوقۇغان بولسا شۇنداق ئوقۇياي دىگگن بۇنداق دىگىنىنڭىز مەنسەپكە بويسۇنىنڭ دىڭىنىڭىز ئەمەسمۇ چىچىلماي جاۋاپ بىرەسىز».

قېرىندىشىم! سىز مەزھەپ قارىشىكەن دەپ ھەممىنى بىراقلا تاشلىۋىتەلمەيسىز. چۈنكى مەزھەپ قاراشلىرىنىڭ ھەممىسى بىر پۈتۈن ھالدا خاتا ئەمەس. بۇنى ھېچكىم دەۋا قىلالمايدۇ. كىمنىڭ قارىشى بولسا بولسۇن بىز، قۇرئان ۋە ھەدىسىنىڭ ھۆكمىگە ئوچۇقتىن ـ ئوچۇق خىلاپ كەلگەن، ئىنساننى كاپىر قىلىۋىتىدىغان ياكى گۇناھكار قىلىدىغان قاراشلاردىن ساقلانساق بولىدۇ.

سىز قوپۇپ ئىمام ئاخۇنۇم بىلەن ئەۋزەل بىلەن رۇخسەتنى، مۇستەھەب بىلەن مۇباھنى تالىشىپ ئولتۇرسىڭىز قاملاشمىغان ئىش قىلغان بولىسىز. مانا بۇ، سىزنىڭ جاھىللىقىڭىزغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ، سۈننەتكە ئەمەل قىلغانلىق ئەمەس، ساراڭلىقتۇر.

ئەگەر ئەمەل ـ ئىبادەتلىرىڭىزنى قىلغاندىن باشقا يەنە ساۋاب بولىدىغان ئىش قىلسام بولاتتى دېسىڭىز، ناماز ئوقۇمايدىغانلارنى ناماز ئوقۇشقا دەۋەت قىلىڭ. جەمئىيەتتە گۇناھ پاتقاقلىرىغا پېتىپ كەتكەن مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىنى تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرىڭ. مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى جامائەتنىڭ زەنىنى ئېلىشتۇرماي مەسچىتكە كىرمىگەنلەرنى مەسچىتكە كىرىشكە دەۋەت قىلىڭ. مانا بۇ، تەبلىغدۇر. مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىدۇر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ