ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مەۋلۇت ئوقۇش قانداق ئەمەل؟ سۈننەتمۇ؟ مەۋلۇتنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ مەۋلۇت قانداق كېلىپ چىققان؟ مەۋلۇتنى قانداق يەردە ئوقۇيمىز؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
1- مەۋلۇت ئوقۇش ئاللاھ تەئالا بۇيرۇمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسەتمىگەن ئەمەل.
2 – مەۋلۇت ئوقۇش بىدئەت.
3 – مەۋلۇت مەلۇم ۋەزىنلەردە يېزىلغان نەزملەر بولۇپ، مەزمۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىنى، ئەخلاقىنى، خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋە ئاللاھنى قويۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامدىن تەلەپ قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ.
4 – مەۋلۇت ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىردە پەيدا بولغان.
5 – مەۋلۇتنى ھېچبىر يەردە ئوقۇمايمىز! تۆۋەندە بۇ توغرىلاردا قىسقىچە توختىلىمەن:
«مەۋلۇت» نىڭ لۇغەت مەنىسى
تۇغماق، تۇغقان ۋە تۇغۇلغان ۋاقىت، تۇغقان ۋە تۇغۇلغان ئورۇن دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان مەۋلۇت «مەۋلىد» كەلمىسى دەسلەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى، سۈپەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا يېزىلغان نەزملەرگە «مەۋلۇت» دېيىلگەن. – (شامىل ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى ۋە ئىقرائ ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى).
مەۋلۇت ئوقۇش ئادىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىردە فاتمىيىلاردا باشلانغان. فاتىمىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرلىكتە ئەلى، فاتىمە، ھەسەن، ھۈسەين ۋە خەلىپىلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) نىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەۋلۇت ئوقۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزەتتى.
(فاتىمىيىلار مىلادىيىنىڭ 909 – 1171 يىللىرى ئارىسىدا (ھىجرىيىنىڭ 297 ـ (567 ھۆكۈم سۈرگەن ئەرەب خەلىپىلىرى بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادى دەپ ھېسابلايدۇ. بۇلار دەسلەپتە شىمالىي ئافرىقىدا، كېيىن مىسىردا ھۆكۈمرانلىق قىلغان).
مەۋلۇت ئوقۇش ئادىتى فاتىمىيىلاردىن مەغرىب رايونلىرىغا، ئەرەبىستانغا ۋە ئوسمانلى دۆلىتىگە كىرگەن. ئاندىن كېيىن پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا تارقالغان. ـ (تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى).
مەۋلۇت ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇشنىڭ شەرئىي ھۆكمى
مەۋلۇت ئوقۇش بىدئەتتۇر؛ ئوقۇغۇچى بىدئەت ئىش قىلغان بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى بىدئەتكە ياردەملەشكەن بولىدۇ. چۈنكى:
1- مەۋلۇت ئوقۇش ۋە مەۋلۇت ئوقۇتۇش قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىسلەردە ئاساسى يوق ئىشتۇر. قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىپلەردە ئاساسى بولمىغان دىنى ئىش بىدئەت ھېسابلىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى، كېيىن پەيدا قىلىنغان ئىشتۇر»– (مۇسلىم، جۈمە 43).
«كېيىن پەيدا قىلىنغان ھەر ئىش بىدئەتتۇر»– (نەسەئى، ئەلئىيدەين 22؛ ئىبنى ماجە، مۇقەددىمە 7).
«ھەر بىدئەت زالالەتتۇر، ھەر زالالەت دوزاختىدۇر»– (مۇسلىم، جۈمە 43؛ ئەبۇ داۋۇد، سۈننەت 6).
2- مەۋلۇتنىڭ ئىچىدە شېرىك ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن سۆزلەر بار. بۇ سۆزلەرنى ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلاپ تەستىقلىغۇچى مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئوقۇلىدىغان مەۋلۇتلاردا تۆۋەندىكى سۆزلەر بار:
«يا رەسۇلەللاھى يا خەيرە كۇللىل ئەنبىيا، نەججىنا مىن ھاۋىيە يا ھەبىبى يا رەسۇل»
ئەرەبچىسى:
يَا رَسُولَ اللهِ يَا خَيْرَ كُلِّ الأَنْبِيَاءِ نَجِّنَا مِنْ هَاوِيَةٍ يَا حَبِيْبِيْ يَا رَسُولِ
تەرجىمىسى:
«ئى خۇدانىڭ ئەلچىسى! پەيغەمبەرلەر ياخشىسى!
قۇتقاز بىزنى دوزاختىن، يا ھەبىبى يا رەسۇل!».
مەۋلۇت ئوقۇش مۇراسىمىدا يۇقىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەرەبچىسىمۇ ئوقۇلىدۇ، ئۇيغۇرچىسىمۇ ئوقۇلىدۇ. ئىنساندىن ۋە جىندىن بولغان شەيتانلار مۇسۇلمانلارنى مانا بۇ شەكىلدە مۇشرىك قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى بىزنى دوزاختىن خۇدانىڭ ئەلچىسى ئەمەس، خۇدانىڭ (ئاللاھنىڭ) ئۆزى قۇتقۇزىدۇ. خۇدانىڭ قۇتقۇزۇشى بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادا خۇدانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇشىمىزغا باغلىقتۇر. دېمەك، بىچارە ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمانلار ساۋابلىق ئىش قىلدۇق دەپ گۇناھ قىلىدۇ
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە بىزنى ئەقلىمىزنى ئىشلىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ھەر ئىشتا بىر ئىشلەتكەن ئەقلىمىزنى، دىن ئىشىدا مىڭ ئىشلىتىشىمىز كېرەك! بولمىسا ئىمانىمىزنى شەيتانلار ئېلىۋېلىپ، بىزگە شېرىك ۋە بىدئەتلەرنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ
شۇنىڭدەك مەۋلۇت ئوقۇش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا «مەھەللى قىيام» دەپ بىر يەر بار. مەۋلۇت بۇ يەرگە كەلگەندە شۇ سورۇندا بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرىدۇ. چۈنكى مەۋلۇت ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سورۇنغا، شۇ چاغدا كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
شۇڭا بۇ چاغدا «مەرھابا يا مەرھەبا، مەرھەبا جەددەلھۈسەينى مەرھەبا» دېگەن نەزملەر ئوقۇلىدۇ. مانا بۇ مۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. چۈنكى قىيام (ئورنىدىن تۇرۇپ تەزىم قىلىش) ئىبادەتتۇر، ئىبادەت پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا مەۋلۇت ئوقۇش، خرىستىئانلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولغان. دېمەك بۇ بىر بىدئەت ئىشتۇر.