باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

2.      مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ھۆكمى

مۇھىتنى ئاسراش پەرزدۇر. چۈنكى كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى مۇھىتنىڭ تەبىئىي ھالىتى بىلەن قېلىشىغا باغلىقتۇر. قۇرئان كەرىمدىكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن مەنئى قىلىدىغان، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئەيىبلەيدىغان ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ[1].

بۇ پەرزگە رىئايە قىلماسلىق، يەنى مۇھىتنى بۇلغاش ئۆزىنى خەتەرگە ئاتقانلىق بولۇپلا قالماستىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىگىمۇ چېقىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى مۇھىتنى بۇلغىغانلارغا بېرىلىدىغان ئىلاھىي جازا ئومۇمىي بولۇپ، بۇ جازانىڭ زىيىنىنى پۈتۈن مەخلۇقات تارتىدۇ[2].

3.      مۇھىتنى ئاسراشنىڭ يوللىرى

1)     ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش

ئىنساننىڭ تىنچ ۋە بىخەتەر مۇھىتتا ياشىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېمىتىدۇر. بۇ نېمەت تەبىئەت قانۇنلىرىغا رىئايە قىلغاندا، يەنى مۇھىتنى ئاسرىغان ۋە تەبىئەتنى قوغدىغان چاغدىلا ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلۡأَرۡضَ مَدَدۡنَٰهَا وَأَلۡقَيۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ شَيۡءٖ مَّوۡزُونٖ  ١٩ وَجَعَلۡنَا لَكُمۡ فِيهَا مَعَٰيِشَ وَمَن لَّسۡتُمۡ لَهُۥ بِرَٰزِقِينَ  ٢٠ وَإِن مِّن شَيۡءٍ إِلَّا عِندَنَا خَزَآئِنُهُۥ وَمَا نُنَزِّلُهُۥٓ إِلَّا بِقَدَرٖ مَّعۡلُومٖ  ٢١ وَأَرۡسَلۡنَا ٱلرِّيَٰحَ لَوَٰقِحَ فَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَسۡقَيۡنَٰكُمُوهُ وَمَآ أَنتُمۡ لَهُۥ بِخَٰزِنِينَ  ٢٢﴾

«بىز زېمىننى سوزدۇق، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدۇق ۋە ئۇنىڭدا ئۆلچەملىك ھەر نەرسىدىن ئۈندۈردۇق، ھەمدە ئۇنىڭدا سىلەر ئۈچۈن ۋە رىزقىنى سىلەر بەرمىگەنلەر ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بار قىلدۇق. ھەر نەرسىنىڭ خەزىنىلىرى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدىدۇر. لېكىن بىز ئۇنى مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز.‏ بىز چاڭلاشتۇرغۇچى شاماللارنى ئەۋەتتۇق، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنى سۇغاردۇق. بولمىسا ئۇنى سىلەر ساقلىيالمايتتىڭلار»[3].

بۇ ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى نەرسىلەرنى ئۆزى خالىغان ئۆلچەم بىلەن ياراتقان ۋە مەۋجۇدىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۆزى بەلگىلىگەن ئىنتىزامغا باغلىغان. ھەر نەرسە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ، باشقىسىنىڭ بار بولۇش ۋە بارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىگە دەخلى قىلمايدۇ، ھوقۇقىغا چېقىلمايدۇ. نەتىجىدە ئۇ نەرسىلەر ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مىقدار ۋە نىسبەتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئەجىلى توشقۇچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ[4]. ئىنسان بۇ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بىلەن ماسلىشىشى كېرەك، بولمىسا ئۇ خاراب قىلىش ۋە نابۇت قىلىش قورالىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، يەر يۈزىدە خاتىرجەم ياشاش نېمىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. چۈنكى ھارامغا يېقىنلىشىش مەھرۇملۇققا ئېلىپ بارىدۇ.

2)     زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن يىراق تۇرۇش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ وَلَا تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ بَعۡدَ إِصۡلَٰحِهَاۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ  ٨٥﴾

«ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. ئەنە شۇلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار»[5].

‎‏ يەنى ئاللاھ تائالا زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىل، لايىق مىقدار ۋە مۇۋاپىق نىسبەتلەردە يارىتىپ، ئۇنى ھاياتلىققا ئۇيغۇن ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنى بۇزماڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ بەختلىك ياشىشىڭلار ئۇنىڭ تەبىئىي ھالىتىنىڭ داۋاملىشىشغا باغلىقتۇر. ئەگەر ئۇنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى بۇزساڭلار ھاياتىڭلار تەبىئىي ھالەتتە داۋاملاشمايدۇ.

3)     ئىسراپتىن ساقلىنىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمۡ عِندَ كُلِّ مَسۡجِدٖ وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ٣١﴾

«ئى ئادەم ئەۋلادى! ھەر ناماز ئۆتەيدىغان چېغىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار. يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە ئىسراپ قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[6].

ئىسراپ – تېگىشلىك بولغان مىقداردىن ئارتۇق سەرپ قىلىش، بىھۇدە چىقىم قىلىش، ئورۇنسىز زايە قىلىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[7]. بىر نەرسىنى ئىسراپ قىلىش ئۇنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسىگە بولغان ئېھتىياج ۋە تەلەپ كۆپىيىدۇ، نەتىجىدە كرىزىس يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن:

تاماقنى ئىسراپ قىلىش ئاشلىق، ئوتياش ۋە گۆش – ماي قاتارلىق خام ئەشيالارنىڭ باھالىرىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەتچىلەر بۇ ئەشيالارنى سۈپەتسىز، ھورمونلۇق ۋە ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى تۆۋەن ھالدا ئىشلەپ چىقىرىپ، بازارلارغا سالىدۇ. ئېتىزلىق، يايلاق ۋە باغ – بوستانلارنىڭ تەبىئىتى بۇزۇلىدۇ. سۇنى ئىسراپ قىلىش سۇ مەنبەلىرىگە ئارتۇقچە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ – دە، مەنبەلەر ئۆزلىرىنى يېڭىلاش كۈچىنى يوقىتىدۇ ۋە بارغانسېرى قۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك، سۇنى بۇلغايدۇ، ئېرىق – ئۆستەڭ، كۆل – قۇدۇق ۋە سۇ ئامبىرى قاتارلىق مەنبەلەرنىڭ ئەتراپىنى مەينەتلەشتۈرۋېتىدۇ. ئەگەر سۇ ئىسراپى زىرائەت مەھسۇلاتىنى ئارتۇقچە سۇغىرىش ئارقىلىق بولسا، بۇ ئۇ زىرائەتكە زىيانلىق بولىدۇ. پۈتۈن بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە مۇھىت بۇلغىنىدۇ، تەبىئەت بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىسراپتىن توسقان[8].

ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى ئىسراپ قىلماستىن يەپ – ئىچىش بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بەلكىدە ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېمەك – ئىچمىكىنى قانۇنلۇق يوللاردىن ھاسىل قىلىشقا تىرىشىشى، بۇ ساھەدىكى تەرەققىياتقا ماسلىشىشى ۋە ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَإِذَا قُضِيَتِ ٱلصَّلَوٰةُ فَٱنتَشِرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ  ١٠﴾

«ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[9].

4)     سۇنى قوغداش

بۇ، ئىنسانلارنى ھەر تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملىرى ۋە يېڭى گۆشلەر بىلەن تەمىنلەۋاتقان، قىتئەدىن قىتئەگە سەپەر قىلىش ۋە مال يۆتكەش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇۋاتقان دېڭىز – ئوكيان سۇلىرىنى، ئۆزلىرى ۋە ھايۋانلىرى ئىچىۋاتقان، يەرلىرىنى سۇغىرىۋاتقان ۋە كۈندىلىك ھاياتىدا ئىشلىتىۋاتقان تاتلىق سۇلارنى (دەريا، كۆل، يامغۇر ۋە بۇلاق سۇلىرىنى…) كۆرسىتىدۇ. سۇ يارىتىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ھاياتلىقنىڭ شەرتىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَجَعَلۡنَا مِنَ ٱلۡمَآءِ كُلَّ شَيۡءٍ حَيٍّۚ أَفَلَا يُؤۡمِنُونَ  ٣٠﴾

«بىز ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ياراتتۇق»[10].

﴿وَهُوَ ٱلَّذِي سَخَّرَ ٱلۡبَحۡرَ لِتَأۡكُلُواْ مِنۡهُ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُواْ مِنۡهُ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٤﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دېڭىزنىمۇ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن يېڭى گۆش يېيىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن – سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن – ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى»[11].

﴿وَءَايَةٞ لَّهُمُ ٱلۡأَرۡضُ ٱلۡمَيۡتَةُ أَحۡيَيۡنَٰهَا وَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهَا حَبّٗا فَمِنۡهُ يَأۡكُلُونَ  ٣٣ وَجَعَلۡنَا فِيهَا جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ وَفَجَّرۡنَا فِيهَا مِنَ ٱلۡعُيُونِ  ٣٤ لِيَأۡكُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦ وَمَا عَمِلَتۡهُ أَيۡدِيهِمۡۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ  ٣٥﴾

«ئۇلار ئۈچۈن بىر دەلىل ئۆلۈك زېمىندۇر. بىز ئۇنى تىرىلدۈردۇق ۋە ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقاردۇق. ئۇلار ئەنە شۇ ئاشلىقتىن يەيدۇ.‏ بىز ئۇ زېمىندا خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردۇق، ئۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق.‏ بىز ئۇلارنى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىدىن ۋە ئۆز قوللىرى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەردىن يېسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟»[12].

﴿هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗۖ لَّكُم مِّنۡهُ شَرَابٞ وَمِنۡهُ شَجَرٞ فِيهِ تُسِيمُونَ  ١٠ يُنۢبِتُ لَكُم بِهِ ٱلزَّرۡعَ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلنَّخِيلَ وَٱلۡأَعۡنَٰبَ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ١١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. سىلەر ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر، ماللىرىڭلارنى ئوتلىغىلى قويۇۋېتىدىغان ئوتلاقلىرىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىلەر ئۈچۈن ئېكىنلەر، زەيتۇنلار، خورمىلار، ئۈزۈملەر ۋە خىلمۇخىل مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرمەكتە. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»[13].

سۇنى قوغداش ئۇنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ساقلاشتۇر.

5)     ھاۋانى قوغداش

ھاۋا ئىنسان ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ نەپەس ئېلىشى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈنۈش ۋە ئۆسۈشى، كېمىلەرنىڭ مېڭىشى ۋە قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى قاتارلىقلار ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان نەرسىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ھاۋا رىياھ (رياح) دېگەن كەلىمە بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسى شامال دېگەن بولىدۇ. شامال ھاۋانىڭ ئاقما ھەرىكىتىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱلۡفُلۡكِ ٱلَّتِي تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِمَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن مَّآءٖ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٖ وَتَصۡرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ وَٱلسَّحَابِ ٱلۡمُسَخَّرِ بَيۡنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ  ١٦٤﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[14].

﴿وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن رِّزۡقٖ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَا وَتَصۡرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ ءَايَٰتٞ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ  ٥﴾

«كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن رىزىقتا ۋە ئاللاھنىڭ شاماللارنى پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىرىشىدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[15].

﴿وَأَرۡسَلۡنَا ٱلرِّيَٰحَ لَوَٰقِحَ فَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَسۡقَيۡنَٰكُمُوهُ وَمَآ أَنتُمۡ لَهُۥ بِخَٰزِنِينَ  ٢٢﴾

«بىز چاڭلاشتۇرغۇچى شاماللارنى ئەۋەتتۇق، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنى سۇغاردۇق. بولمىسا ئۇنى سىلەر ساقلىيالمايتتىڭلار»[16].

﴿أَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلطَّيۡرِ مُسَخَّرَٰتٖ فِي جَوِّ ٱلسَّمَآءِ مَا يُمۡسِكُهُنَّ إِلَّا ٱللَّهُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ  ٧٩﴾

«ئۇلار ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچۇش ئىمكانىيىتى بېرىلگەن ئۇچارقاناتلارنى كۆرمەمدۇ؟ ئۇلارنى ھاۋا بوشلۇقىدا پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[17].

﴿أَوَ لَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلطَّيۡرِ فَوۡقَهُمۡ صَٰٓفَّٰتٖ وَيَقۡبِضۡنَۚ مَا يُمۡسِكُهُنَّ إِلَّا ٱلرَّحۡمَٰنُۚ ٱلرَّحۡمَٰنُۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءِۢ بَصِيرٌ  ١٩﴾

«ئۇلار ئۇچارقاناتلارغا قارىمامدۇ؟ ئۇچارقاناتلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايغان ھالەتتە تۇرىدۇ ۋە قاناتلىرىنى يىغىدۇ. ئۇلارنى ھاۋادا رەھماندىن باشقىسى تۇتمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[18].

﴿فَمَن يُرِدِ ٱللَّهُ أَن يَهۡدِيَهُۥ يَشۡرَحۡ صَدۡرَهُۥ لِلۡإِسۡلَٰمِۖ وَمَن يُرِدۡ أَن يُضِلَّهُۥ يَجۡعَلۡ صَدۡرَهُۥ ضَيِّقًا حَرَجٗا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِي ٱلسَّمَآءِۚ كَذَٰلِكَ يَجۡعَلُ ٱللَّهُ ٱلرِّجۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ  ١٢٥﴾

«ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ. كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىدۇ ۋە سىقىدۇ. ئۇ گويا ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك بولىدۇ. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ ئۈستىدە مانا مۇشۇنداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ»[19].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە گۇمراھ ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە[20]، تەبىئەتنىڭ بىر قانۇنىغىمۇ ئىشارەت قىلغان. چۈنكى ئاسمانغا ئۆرلىگەنسېرى ھاۋا بېسىمى تۆۋەنلىگەنلىكى ئۈچۈن نەپەس ئېلىشمۇ ئۇ نىسبەتتە قىيىنلىشىدۇ.

ئەنە شۇ ئايەتلەر ھاۋانىڭ كائىناتتىكى ۋەزىپىسىنى بىلدۈرىدۇ. ھاۋا ئىنساننىڭ ۋە جانلىقلارنىڭ نەپەس ئېلىشى ئۈچۈنمۇ بىردىنبىر ئامىلدۇر.

ئىنسان، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك قاتارلىق جانلىقلارنىڭ ئۆز ھاياتىنى تەبىئىي ھالدا داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ھاۋانىڭ پاك تۇرۇشى لازىم. تاماكا چېكىش، زاۋۇت – فابرىكىلارنىڭ زەھەرلىك گاز ۋە تۈتۈنلىرىنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىش، مەينەت سۇلارنى قالايمىقان ئېقىتىۋېتىش، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆلچەمسىز ئىس – تۈتەكلىرى قاتارلىق ئىشلار بىلەن ھاۋانىڭ تەبىئىي ھالىتى يوقىلىدۇ، شۇنداقلا بۇلغانغان بولىدۇ.

6)     مۇھىتنى ياخشىلاش

مۇھىتنى ئاسراشنىڭ بىر يولى مۇھىتنى ياخشىلاش بولۇپ، بۇ تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

(1)    يەرنى كۆكەرتىش

بۇ تېرىلغۇ يەرلەرنى تېرىش، ئېكىنلەرنى پەرۋىش قىلىش، سۇغىرىش، ئۆسۈملۈكلەرنى ئوتاش، كېرەكسىز شاخ – شۇمبىلىرىنى پۇتاش، مۇناسىپ يەرلەرگە كۆچەت تىكىش، ئورمان يەتكۈزۈش، دەرەخلەرنىڭ ھارام شاخلىرىنى چاتاش ۋە بەزى مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ ياخشى ئۆسۈشىنى ۋە مول ھۇسۇل بېرىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّمَا مَثَلُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَآءٍ أَنزَلۡنَٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخۡتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلۡأَرۡضِ مِمَّا يَأۡكُلُ ٱلنَّاسُ وَٱلۡأَنۡعَٰمُ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذَتِ ٱلۡأَرۡضُ زُخۡرُفَهَا وَٱزَّيَّنَتۡ وَظَنَّ أَهۡلُهَآ أَنَّهُمۡ قَٰدِرُونَ عَلَيۡهَآ أَتَىٰهَآ أَمۡرُنَا لَيۡلًا أَوۡ نَهَارٗا فَجَعَلۡنَٰهَا حَصِيدٗا كَأَن لَّمۡ تَغۡنَ بِٱلۡأَمۡسِۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ٢٤﴾

«دۇنيا ھاياتىنىڭ مىسالى بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار يەيدىغان ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرى زېمىن ياسىنىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەن ۋە ئىگىلىرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يىغىشقا ئۆزلىرىنىڭ قادىر ئىكەنلىكىنى ئويلاۋاتقان بىر ئەسنادا، بۇيرۇقىمىز ئۇنىڭغا كېچىدە ياكى كۈندۈزدە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ يەرنى زىرائەتلىرى ئورۇلغان ئاق يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتمىز. خۇددى ئۇ گۈزەل مەنزىرە بىر كۈن ئاۋۋال ئۇ يەردە يوقتىكىدەك بولۇپ كېتىدۇ. بىز تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز»[21].

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ١٤١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[22].

دېمەككى، زېمىندا ئۈنۈپ چىققان نەرسىلەر زېمىننىڭ زىننىتى ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇ زىننەتنىڭ ئىنسانلارنى ئاشلىق، ئوتياش ۋە مېۋە – چېۋە قاتارلىق رىزىقلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىرىنى ئىنسانلار ئۆزلىرى تېرىيدۇ، پەرۋىش قىلىدۇ ۋە ھۇسۇل ئالىدۇ[23]، شۇنداقلا مۇھىتنى ئاسراشقا ناھايىتى چوڭ ھەسسە قوشقان بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك بەزى رىۋايەتلەر:

  • ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«بىرىڭلار قولىدا بىر كۆچەت تۇتۇپ تۇرغان ئەسنادا قىيامەت قايىم بولسا، ئۇ كۆچەتنى تىكسۇن»[24].

«مۇسۇلمان بىر كۆچەت تىكسە ياكى بىر ئېكىننى تېرىسا، ئاندىن ئۇلاردىن بىرەر قۇش ياكى بىرەر ئىنسان ۋە ياكى بىرەر ھايۋان يېسە، ھەر بىرىنىڭ يېگىنى ئۇ مۇسۇلمان ئۈچۈن بىر سەدىقە بولىدۇ»[25].

  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۆلەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بوز يەر ئاچقانلار توغرىسىدا «كىم بىرەر ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرسە، ئۇ زېمىن ئۇ كىشىنىڭ بولىدۇ» دەپ بوز يەر ئېچىشقا تەشۋىق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[26].
  • جابىر ئىبنى ئابدىللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام «كىمنىڭ ئارتۇق يېرى بولسا تېرىسۇن ياكى قېرىندىشىغا تېرىتسۇن» دېگەن[27].
  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رافىئـ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە مەدىنە ئاھالىسى خورما دەرەخلىرىنى ئۇلايتتى ۋە بۇ ئىش چاڭلاشتۇرىدۇ دەيتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: بىز مۇشۇنداق قىلىپ كەلگەن دېدى. رەسۇلۇللاھ: «بەلكى قىلمىساڭلار ياخشى بولار ئىدى» دېدى. ئۇلار بۇ ئىشنى تەرك ئەتكەن ئىدى، خورما مەھسۇلاتى كەملەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھقا مەلۇم قىلدى. رەسۇلۇللاھ: «مەن پەقەتلا بىر ئىنسانمەن. سىلەرنى دىنىڭلاردىن بىرەر ئىشقا بۇيرۇسام ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار. ئۆز رايىمدىن بىرەر ئىشقا بۇيرۇسام، بىلىڭلاركى مەن پەقەتلا بىر ئىنسانمەن»[28].
(2)    قۇرۇلۇشنى ئىسلاھ قىلىش

ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشى بىلەن ياكى ئىنسانلارنىڭ بەرپا قىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن مۇھىتنى قوغداش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكىدە ئۇنى ياخشىلاش، مۇستەھكەملەش، زۆرۈر تېپىلسا يېڭىسىنى سېلىش ۋە بۇزۇلغاننى تېخىمۇ ئوبدىنى بىلەن تولۇقلاش كېرەك. مەسىلەن:

ئۆي – ئىمارەت، يول – كۆۋرۈك ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ئاسراش، تارىخىي ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ قۇرۇلۇش شەكلىنى ساقلاش، بۇزۇلغانلىرىنى ياساش قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە تەلەپنىڭ ئارتىشىغا ئاساسەن، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا يېڭى شەھەر ۋە مەھەللىلەرنى بەرپا قىلىش، يول ۋە ئېرىق ئۆستەڭ بويلىرىغا جىرىم سېلىپ دەرەخ يېتىشتۈرۈش، ئېھتىياجقا قاراپ بالىلار باغچىسى، ياشانغانلار باغچىسى ۋە خانىملار باغچىسى دېگەندەك باغچىلارنى بىنا قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرغانلىق بولىدۇ، زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر.

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمۡ صَٰلِحٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ هُوَ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ وَٱسۡتَعۡمَرَكُمۡ فِيهَا فَٱسۡتَغۡفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٞ مُّجِيبٞ  ٦١﴾

«بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى ۋە سىلەردىن ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، رەببىم يېقىندۇر، ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»[29].

بۇ ئايەتتىكى «زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش» يۇقىرىدىكى ئىسلاھات ئىشلىرىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.

(3)    ئۆينى پاك تۇتۇش

مۇسۇلماننىڭ ئۆيى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن مۇھىتى بولۇپ، ھەر مۇسۇلمان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ يېقىن مۇھىتىنى پاك تۇتۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي «ئارامگاھ»تۇر. بىر تۇرالغۇ جاينىڭ ئارامگاھ بولۇشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى قامدايدىغان ھالەتتە بولغاننىڭ سىرتىدا پاك – پاكىز بولۇشى كېرەك.  

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  

﴿وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۢ بُيُوتِكُمۡ سَكَنٗا …  ٨٠﴾

«ئاللاھ ئۆيلىرىڭلارنى سىلەرگە ئارامگاھ قىلىپ بەردى…»[30].

يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلماننىڭ ئۆيى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ نامازگاھىدۇر. چۈنكى ئۇ نامازلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆيىدە ئادا قىلىدۇ. نامازگاھنىڭ پاكىز بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَعَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِ‍ۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡعَٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ  ١٢٥﴾

«… بىز ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: ‹ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار› دەپ تاپىلىغان ئىدۇق»[31].

﴿وَإِذۡ بَوَّأۡنَا لِإِبۡرَٰهِ‍ۧمَ مَكَانَ ٱلۡبَيۡتِ أَن لَّا تُشۡرِكۡ بِي شَيۡئًا وَطَهِّرۡ بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡقَآئِمِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ  ٢٦﴾

«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدۇق: ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ – سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن»[32].

بۇ ئايەتلەر ناماز ئوقۇلىدىغان جاي (مەسچىت، جامە ۋە باشقا نامازگاھلار)نى پاك تۇتۇشنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئۆيىنى پاك تۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقىغىمۇ دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ئۆيى ھېچقاچان نامازدىن خالىي بولمايدۇ. دەرۋەقە، مۇسۇلماننىڭ ئۆيىدە نەپلە نامازلار، تەھەججۇد ۋە رەۋاتىپ سۈننەتلەر (بەش ۋاخ نامازنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەت نامازلار) [33]، ھەتتا زۆرۈر تېپىلسا پەرز نامازلار ئۆتىلىدۇ[34].

(4)    يول ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنى پاك تۇتۇش

يول ۋە ئاممىۋى سورۇننىڭ پاكىزلىقى يولۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە كۆڭۈل ھۇزۇرى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، مۇھىتنى پاك تۇتۇش قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 

﴿… لَّمَسۡجِدٌ أُسِّسَ عَلَى ٱلتَّقۡوَىٰ مِنۡ أَوَّلِ يَوۡمٍ أَحَقُّ أَن تَقُومَ فِيهِۚ فِيهِ رِجَالٞ يُحِبُّونَ أَن يَتَطَهَّرُواْۚ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُطَّهِّرِينَ  ١٠٨﴾

«تۇنجى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد، سېنىڭ ناماز ئۆتىشىڭگە ئەڭ لايىقتۇر. ئۇنىڭدا پاك بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ»[35].

 ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پاك بولغۇچىلارنى مەدھىيەلەيدۇ ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 5 – سۈرە مائىدىنىڭ 6 – ئايىتىدە ناماز ئۆتىمەكچى بولغانلار ھاجىتىنى ئادا قىلغان بولسا تاھارەت ئېلىشقا، جۇنۇپ بولسا غۇسۇل قىلىشقا، ئۇلاردىن قادىر بولالمىغانلارنى تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن «ئاللاھ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ[36].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرى، تەلەپ قىلىنغان«پاكلىق»نىڭ ئومۇمىي ئىكەنلىكىنى، تاھارەت، غۇسۇل ۋە تەيەممۇم بىلەن ھاسىل بولغىنى ئۇ «پاكلىق»نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ھەر جەھەتتىن پاك بولۇشىنىڭ، جۈملىدىن يول ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىمۇ پاكىز تۇتۇشىنىڭ لازىملىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۈچ رىۋايەت:

  • مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «لەنەتكە قېلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولىدىغان ئۈچ قىلىقتىن يەنى سۇنىڭ لىۋىگە، يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا، دەرەخ سايىسىغا ھاجەت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار»[37].
  • ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان يەتمىش نەچچە شاختۇر. ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى لائىلاھە ئىللەللاھ دېيىشتۇر، ئەڭ تۆۋىنى يولدىن ئەزىيەتنى يىراق قىلىشتۇر»[38].
  • ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «يوللاردا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن ئىدى، يېنىدىكىلەر: بىزگە ئامال يوق، چۈنكى يوللار بىزنىڭ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان يەرلىرىمىز دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا يولنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار» دېدى، ئۇلار: يولنىڭ ھەققى نېمە؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: «كۆزنى يۇمۇش، ئەزىيەتتىن ساقلىنىش، سالامنى ئىلىك ئېلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش» دېدى[39].

يول ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنى پاكىز تۇتۇش تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

① مەنىۋى جەھەتتىن پاك تۇتۇش

بۇ، يول ۋە سورۇنلاردا قالايمىقان ئاۋاز چىقىرىش، ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئۈنلۈك گەپ قىلىش، گۈلدۈر – گۇپپاڭ قىلىش، ۋارقىراپ – جارقىراش، ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش بىلەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَٱقۡصِدۡ فِي مَشۡيِكَ وَٱغۡضُضۡ مِن صَوۡتِكَۚ إِنَّ أَنكَرَ ٱلۡأَصۡوَٰتِ لَصَوۡتُ ٱلۡحَمِيرِ  ١٩﴾

«مېڭىشىڭدا تەبىئىي بولغىن، ئاۋازىڭنى‎ ‎بىرئاز پەسەيتكىن، چۈنكى ئەڭ يامان ئاۋاز ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»[40].

②ماددى جەھەتتىن پاك تۇتۇش

بۇ تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچىسى يول، كوچا – كوي ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا سۇ قويۇپ بېرىش، كولاپ قويۇش، ھاجەت قىلىش، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، قالايمىقان نەرسە ۋە ئەخلەت – چاۋارلارنى تاشلاش… قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش بىلەن بولىدۇ.

ئىككىنچىسى يولدا ھەر كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن يەردە مېڭىشى، سورۇندا ئۆزى ئۈچۈن ئايرىلغان يەردە ئولتۇرۇشى، يەنى سورۇننىڭ  تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى ۋە يولنىڭ تۈزۈمىگە بويسۇنۇشى (قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى) بىلەن بولىدۇ. چۈنكى سورۇننىڭ تەرتىپى ۋە قاتناش قائىدىلىرى سورۇنغا يىغىلغانلارنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ ئارامى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەقلى بىلەن بەلگىلەنگەن ۋە تۈزۈلگەن قائىدە – تۈزۈملەردۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَأُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنكُمۡۖ فَإِن تَنَٰزَعۡتُمۡ فِي شَيۡءٖ فَرُدُّوهُ إِلَى ٱللَّهِ وَٱلرَّسُولِ إِن كُنتُمۡ تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ وَأَحۡسَنُ تَأۡوِيلًا  ٥٩﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىرەر نەرسىدە تالاش – تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار. ئەنە شۇ خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجىسى ياخشىدۇر»[41].

ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ ياخشى ئىش بولۇشى كېرەك. بىر ئىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى شەرىئەت ياكى ئەقىل ئايرىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ئۇلار بىلەن قانداق بىر ئىش توغرىسىدا تالاش – تارتىش قىلىنسا قۇرئان – سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ قۇرئان – سۈننەتتە ئەمر قىلىنغان ياكى تەشۋىق قىلىنغان ۋە ياكى تەۋسىيە قىلىنغان ئىش بولسا، ئۇلارغا بۇ ئىشتا ئىتائەت قىلىش كېرەك. ئەگەر قۇرئان – سۈننەتتە ئۇ توغرۇلۇق ئوچۇق بىرەر يوليورۇق يوق، لېكىن ئۇ ياخشى ئىش بولسا يەنە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش كېرەك. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن ئىشلاردا «مەئرۇف»نى ئاساس قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەئرۇف – ياخشىلىقى شەرىئەت بىلەن ياكى ئەقىل بىلەن تونۇلغان ئىش – ھەرىكەت دېگەن بولىدۇ[42].

ئىسلامدا كىمگە ئىتائەت قىلىش ئەمەس، نېمىدە ئىتائەت قىلىش ئاساستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىتائەت پەقەت ياخشى ئىشتىلا بولىدۇ»[43]. قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇز ئالتە يەردە ئۆتكەن ۋە يۇقىرىدا ئېنىقلىما بېرىلگەن «مەئرۇف» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ[44]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇيرۇغان ئىش ياخشى ئىشلا بولىدىكەن ئۇ قۇرئان – سۈننەت بۇيرۇغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىغان بولسا ئىجتىمائىي ھاياتتىكى مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلەر، ئادەمگەرچىلىك ۋە باردى – كەلدىلەرنىڭ ھېچبىرى يۈرۈمىگەن بولاتتى. دەرۋەقە، بىرەر توي – تۆكۈندە سورۇنغا مەسئۇل كىشى كەلگەن مېھمانلارنى سورۇننىڭ مۇئەييەن بىر يېرىگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلسا، ئۇلار ساڭا ئىتائەت قىلمايمىز، ئۆزىمىز چاغلاپ ئولتۇرىمىز دېسە ياكى باشتىلا باغاق ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بىز بۇ باغاقتا يېزىلغان تارىخ ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تويغا بارساق مەخلۇققا ئىتائەت قىلغان بولۇپ، مۇشرىك بولۇپ كېتىمىز، شۇڭا بىز بۇ تويغا ئۆزىمىز خالىغان كۈندە ۋە ئۆزىمىز چاغلىغان ۋاقىتتا بارىمىز دېسە، شۇنداقلا مۇشۇ بويىچە تويغا كەلسە، باشقا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرمۇ مۇشۇنداق بولسا، جەمئىيەتتە ھېچقانداق ئىش يۈرۈمىگەن بولاتتى. يولنىڭ  ئوڭ تەرىپىدە مېڭىڭ، كېسىپ ئۆتكەن يېرىگە كەلگەندە توختاپ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆتۈش ھەققىنى كۆرستىدىغان يېشىل چىراقتا ئۆتۈڭ دېگەن بەلگىلىمىلەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىشتۇر.

بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ دېڭىز ئوۋچىلىقىنى ياز ئايلىرىدا ۋاقىتلىق چەكلىشى، يوللاردا ماڭىدىغان ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتىگە چەكلىمە قويۇشى، يول ئىشارەتلىرى ۋە كېسىشىپ ئۆتكەن يوللاردىكى قاتناش چىراقلىرىنى بېكىتىشى ئەنە شۇ مەئرۇف (ياخشى) ئىشتۇر. چۈنكى بۇ خىل تەدبىرلەر پايدا كەلتۈرىدۇ، زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەسىلەن:

ياز ئايلىرى بېلىقلار كۆپىيىدىغان ئايلاردۇر. بۇ ئايلاردا بېلىق تۇتماسلىق بېلىق مەھسۇلاتىنىڭ كۆپىيىشىگە، بازارلاردا باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش قاتناش ھادىسىسى چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. نەتىجىدە كۆپلىگەن كىشى مېيىپ بولۇشتىن ياكى ئۆلۈپ كېتىشتىن، نۇرغۇنلىغان ئائىلە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ لازىملىقىغا باشقا بىر دەلىل شۇكى، يوللار ئومۇمنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇنى پارچىلاپ ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئايرىپ ئىشلىتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈلەشمەك لازىم. بۇنىڭغا سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزە تۆگىسى بىلەن قەۋمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇنىڭ بىر كۈندىن نۆۋەتلەشتۈرۈلگەنلىكى مىسال ۋە دەلىل بولىدۇ[45].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 346 – 364.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 27 – ، 60 – ۋە 205 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 56 – ، 74 – ۋە 85 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 85 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 25 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 152 – ۋە 183 – ئايەتلەر؛ 27 – سۈرە نەمل، 48 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 77 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 36 – ئايەت؛ 47 – سۈرە مۇھەممەد 22 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 30 – سۈرە رۇم، 41 – ئايەت.

[3] 15 – سۈرە ھىجر، 19 ~ 22 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 25 – سۈرە فۇرقان، 2 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 8 – ئايەت؛ 54 – سۈرە قەمەر، 49 – ئايەت.

[5] 7 – سۈرە ئەئراف، 85 – ئايەت.

[6] 7 – سۈرە ئەئراف، 31 – ئايەت.

[7] ئىبنى فارىس، «ئىسراف»، 3: 153؛ ئىبنى مەنزۇر، «ئىسراف»، 9: 148؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «ئىسراف» 147.

[8] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 31 – ئايەت.

[9] 62 – سۈرە جۇمۇئە ، 10 – ئايەت.

[10] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 30 – ئايەت.

[11] 16 – سۈرە نەھل، 14 – ئايەت.

[12] 36 – سۈرە ياسىن، 33 ~ 35 – ئايەتلەر.

[13] 16 – سۈرە نەھل، 10 ~ 11 – ئايەتلەر.

[14] 2 – سۈرە بەقەرە، 164- ئايەت.

[15] 45 – سۈرە جاسىيە، 5 – ئايەت.

[16] 15 – سۈرە ھىجر، 22 – ئايەت.

[17]  16 – سۈرە نەھل، 79 – ئايەت.

[18] 67 – سۈرە مۈلك، 19 – ئايەت.

[19] سۈرە ئەنئام، 125 – ئايەت.

[20] چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىسلامغا كىرمىگەنلەرنىڭ كۆكسلىرىنىڭ ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك تار ۋە بىئارام بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.‏

[21] 10 – سۈرە يۇنۇس، 24 – ئايەت.

[22]  6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت.

[23] قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 47 ~ 49 – ئايەتلەر؛ 48 – سۈرە فەتھ، 29 – ئايەت.

[24] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 20: 251.

[25] مۇسلىم، «مۇساقات»، 10.

[26] ئىمام مالىك، «ئەقدىيە»، 27.

[27] مۇسلىم، «بۇيۇئـ»، 88.

[28] مۇسلىم، «فەزائىل»، 140.

[29] ‏11 – سۈرە ھۇد، 61 – ئايەت.

[30] 16 – سۈرە نەھل، 80 – ئايەت.

[31] 2 – سۈرە بەقەرە، 125 – ئايەت.

[32] 22 – سۈرە ھەج، 26 – ئايەت.

[33] بۇ نامازلارنىڭ ئۆيدە ئوقۇلۇشى توغرۇلۇق قاراڭ: ئەنەس ئالىم، قۇرئان – سۈننەتتە ناماز، 149 ~ 158، 208 ~ 220.

[34] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 87 – ئايەت.

[35] 9 – سۈرە تەۋبە، 108 – ئايەت.

[36] 5 – سۈرە مائىدە ، 6 – ئايەت.

[37] ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 14؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 21؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 4 :449.

[38] مۇسلىم، «ئىمان»، 58؛ ئەبۇ داۋۇد، «سۈننەت»، 15؛ تىرمىزى، «ئىمان»، 6؛ نەسەئى،  «ئىمان»، 16؛ ئىبنى ماجە، «ئىفتىتاھۇل كىتاب»، 9؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 15: 212، 466.

[39] بۇخارى، «مەزالىم»، 22؛ مۇسلىم، «لىباس ۋە زىننەت»، 114، «سالام»، 3؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 13؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 17: 411، 18: 27، 131.

[40] 31 – سۈرە لۇقمان، 19 – ئايەت.

[41] 4 – سۈرە نىسا ، 59 – ئايەت.

[42] راغىب ئىسفەھانى، «عرف»، 561.

[43] بۇخارى، «ئەخبارۇل ئاھاد»، 1؛ مۇسلىم، «ئىمارەت»، 39، 40؛ ئەبۇ داۋۇد، «جىھاد»، 94؛ نەسەئى، «بەيئەت»، 34؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 2: 57، 128، 297.

[44] مەئرۇف «معروف» كەلىمىسى ئۆتكەن ئايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 178 – ، 180 – ، 228 ~229، 231 ~ 236، 240 ~241، 263 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 – ، 110 – ، 114 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 5 – ، 6، 8 – ، 19 – ، 25 – ، 114 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 67 – ، 71 – ، 112 – ئايەتلەر ؛ 22 – سۈرە ھەج، 41 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 53 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 15 – ۋە 17 – ئايەتلەر؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 6 – ۋە 32 – ئايەتلەر؛ 47 – سۈرە مۇھەممەد، 21 – ئايەت؛ 60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 12 – ئايەت؛ 65 – سۈرە تالاق، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 7 – سۈرە ئەئرافنىڭ 199 – ئايىتىدە ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇرف «العرف» كەلىمىسى ئۆتمەكتە.     

[45] قاراڭ: 26 – سۈرە شۇئەرا، 155 – ئايەت؛ 54 – سۈرە قەمەر، 28 – ئايەت؛ 91 – سۈرە شەمس، 13 – ئايەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ