باش بەت > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
3- دارىل ھەربتە ئۆسۈم
مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلار «دارىل ئىسلام- ئىسلام رايونى»، غەيرىي مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلار «دارىل ھەرب-ئۇرۇش رايونى» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكەن رايونلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «دارىل سۇلھى- سۈلھى رايونى» ياكى «دارىل ئەھدى- ئەھدە رايونى» دېگەن ئاتالغۇلار ئىشلىتىلىدۇ.
ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام مۇھەممەد (ر.ھ)نىڭ كۆزقارىشىغا ئاساسەن، دارىل ھەربتە بولغان بىر مۇسۇلمان ئۇ يەرنىڭ پۇقراسى بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان ئۇ يەردە ئىسلامغا كىرگەن ۋە تېخىچە ئىسلام رايونىغا كۆچمىگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلسا بولۇۋېرىدۇ.
ئەبۇ يۈسۈف (ر.ھ) بۇ كۆزقاراشتا ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭچە بېرىلگەن ئامانلىق بىلەن ئىسلام رايونىدا تۇرۇۋاتقان بىر غەيرىي مۇسۇلماننىڭ بۇ يەردە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلىشى توغرا بولمىغاندەك، بىر مۇسۇلماننىڭمۇ دارىل ھەربتە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلىشى توغرا بولمايدۇ. مالىكى، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەپلىرىدىمۇ ئۆسۈم ھەر يەردە چەكلىنىدۇ. چۈنكى ئۆسۈمنى چەكلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەردە رايون پەرقى يوق.
بىر مۇسۇلمان ئۆزى يالغۇز قالسىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كۆزقاراشلار توغرىدۇر.
دارىل ھەرب ئاھالىسىگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشى (يەپ ئادەتلەنگەن بولسا) ۋە چوشقا سېتىش ۋە ئۇلار بىلەن قىمار ئويناش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئەينى ئىختىلاپ بار. ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مۇھەممەدنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ.
 ئا ـ دەلىللەر
1 ھەدىس
ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مۇھەممەدنىڭ ئېيتىشىچە رەسۇلۇللاھ (ر.س) مۇنداق دېگەن:
«دارىل ھەربتە مۇسۇلمان بىلەن ئۇ يەرنىڭ پۇقراسى ئوتتۇرىسىدا ئۆسۈم يوق» دېگەن ئىدى.
كامالۇددىن ئىبىن ھۇمام بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ غەرب بىر ھەدىس»[1]. بۇنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)دىن مەكھۇلنىڭ رىۋايەت قىلغانلىقى بىلىنىدۇ. ئىمام شافىئىي ئەبۇ يۈسۈفنىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقىل قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئەبۇ ھەنىفە بۇ سۆزنى قىلدى، چۈنكى  ئۇستازلارنىڭ بەزىسى بىزگە مەكھۇلنىڭ رەسۇلۇللاھ(ئە.س)دىن: ‹دارىل ھەرب خەلقى ئارىسىدا ئۆسۈم يوق› دېگەن سۆزنى نەقىل قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. مەكھۇل رەسۇلۇللاھ(ئە.س)نىڭ ‹ۋە مۇسۇلمان خەلق› دېگەنلىكىنى گۇمان قىلىمەن، دېدى». بەيھەقىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئىمام شافىئىي: «بۇ ھەدىس سابىت ئەمەس، بۇنىڭ دەلىل بولغۇدەك بىر تەرىپى يوق» دېگەن.
مەبسۇت ناملىق كىتابتا «بۇ ھەدىس مۇرسەلدۇر، مەكھۇل ئىشەنچلىك (سىقە) بىر كىشىدۇر. بۇنداقلارنىڭ مۇرسەلى قوبۇل قىلىنىدۇ» دېيىلگەن[2].
جەئفەرىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچىمۇ دارىل ھەربتە مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇ يەرنىڭ خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئۆسۈم بولمايدۇ. ئۇلار بۇ كۆزقاراشنى ئۆزلىرى ئەلى (ر.ز)دىن نەقىل قىلغان مۇنۇ رىۋايەتكە ئاساسلاندۇرىدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«بىزگە قارشى ئۇرۇش ھالىتىدە بولغانلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆسۈم بولمايدۇ. بىز ئۇلاردىن بىر دىرھەمگە مىڭ دىرھەم ئالىمىز. بىز ئۇلاردىن ئالىمىز، لېكىن ئۇلارغا بەرمەيمىز»[3].
2- ۋىدا خۇتبىسى 
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«جاھىلىيەت ئۆسۈمى بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۆسۈمىمىز يەنى تاغام ئابباس ئىبىن ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئۆسۈمىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. ئۇنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدۇ».[4]
مالىكىيىلاردىن ئىبىن رۇشد (ۋاپاتى: 595/1198) بۇ توغرىدا مۇنداق بىر مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ:
بۇ ھەدىستە دارىل ھەربتە ئۇنىڭ پۇقراسى بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت بار. بۇ ئەبۇ ھەنىفە بىلەن مۇھەممەدنىڭ پىكىرىگە ماس كېلىدۇ. چۈنكى مەككە ئىلگىرى دارىل ھەرب ئىدى، ئابباس (ر.ز) ئۇ يەردە ياشايتتى. ئەبۇ ئىسھاقنىڭ ئېيتىشىچە ئابباس بەدىر ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان. بەدىر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندا رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇنى فىدىيە تۆلەپ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇپ كېتىشكە بۇيرۇغان. ئۇ بولسا «مەن ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانمەن، ئۇرۇشقا باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن قېتىلىپ قالدىم» دەپ ئۆزرە بايان قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇنىڭغا: «كۆرۈنۈشتە سەن بىزگە قارشىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن فىدىيە تۆلەپ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغىن» دېگەن.
بۇ رىۋايەتقوبۇل قىلىنمىسا ئىبىن ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭچە ھەججاج ئىبىن ئەللات ئابباسنىڭ خەيبەرنىڭ فەتھىدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۆسۈم بولسا، خەيبەرنىڭ فەتھى ئەسناسىدا ھارام قىلىنغان. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئەس)غا خەيبەردە غەنىمەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئالتۇن ۋە مارجان ئارىلاش بىر بۇلاپكا كەلتۈرۈلگەن. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇ بۇلاپكىدىكى ئالتۇننى چىقىرىشقا بۇيرۇغان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئالتۇنغا ئالتۇن ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ بولۇشى كېرەك».
ۋىدا خۇتبىسىدا رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ ئابباس (ر.ز)نىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن باشلاپ ئالغان پۈتۈن ئۆسۈملىرىنى ئەمەس، مەككىدىن جاھىلىيەت قالدۇقلىرىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن تېخىچە يىغىۋالمىغان ئۆسۈملىرىنى بىكار قىلىشى ئۇنىڭ دارىل ھەربتە ئۆسۈمگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ»[5].
3– ئەبۇبەكىر (ر.ز)نىڭ قول باغلىشىشى
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مەككىدىكى چاغدا رىملىقلار فىرسىيەلىكلەرگە يېڭىلىپ قالغان ئىدى. رۇم سۈرىسىنىڭ بېشىدا بۇ ھادىسە ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ رىملىقلارنىڭ تەكرار غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن ئىدى. ئايەت مۇنداق:
{الم. غُلِبَتِ الرُّومُ. فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُمْ مِنْ بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ. فِي بِضْعِ سِنِينَ…}
«رۇملۇقلار مەغلۇپ بولدى، ئەڭ يېقىن يەردە. ئۇلار بۇ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن يېقىندا غالىب كېلىدۇ، بىرقانچە يىل ئىچىدە…»- رۇم 30/2-4.
قۇرەيشلىكلەر ئەبۇبەكىر (ر.ز)گە: سىلەر رۇملۇقلارنى غالىب كېلىدۇ، دەپ قارايسىلەر، شۇنداققۇ؟ دېيىشتى. ئەبۇ بەكىر: ھەئە، دېدى. ئۇلاردىن بىرى: بىز بىلەن قول باغلىشالامسەن؟ دېدى. ئۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ ئۇلار بىلەن قول باغلاشتى ۋە بۇنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئەبۇبەكىر (ر.ز)غا : ماڭ، ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ تىكىشكەن مالنىڭ مىقدارىنى ئارتتۇرغىن» دېدى. ئەبۇ بەكىر (ر.ز) شۇنداق قىلدى. رۇملۇقلار فىرىسىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلغاندا ئەبۇ بەكىر تىكىشكەن مالنى ئالدى. مانا بۇ ئەبۇ بەكىر (ر.ز) مەككە مۇشرىكلىرى بىلەن ئوينىغان قىمار ئىدى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بۇنى ماقۇللىغان ئىدى، ئۇ چاغدا مەككە شېرىك يۇرتى ئىدى[6].
4- غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىنىڭ مۇباھلىقى
دارىل ھەرپ خەلقىنىڭ ماللىرى ئاساسەن مۇباھتۇر (مۇسۇلمانلارغا ھالالدۇر). ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ ئوچۇق ئىپادىلىرى ھارام قىلىنغان ماللار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن بىر كېلىشىم تۈزۈلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ. كېلىشىمگە خىلاپ بولمىسا خالىغانچە ئېلىشقا بولىدۇ[7].
دارىل ھەربكە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك بەلگىسى (ۋىزىسى) بىلەن كىرگەن كىشى بەلگىنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىم. بەلگە بۇ كىشىنىڭ ئۇ دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ھەقسىز ھېسابلىنىدىغان بىر يول بىلەن ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە تەگمەيدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆسۈم ھەقسىز پايدا ھېسابلانمايدىغان بىر دۆلەتكە ۋىزا بىلەن كىرگەن بىر مۇسۇلمان ئۇلارنىڭ مېلىنى ئۆسۈملۈك مۇئامىلە (جازانىخورلۇق) يولى بىلەن ئالسا بۇ ۋىزا شەرتىگە خىلاپ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆسۈمنى ئۆز رازىلىقى بىلەن بېرىدۇ.
بىزدىن ۋىزا ئېلىپ دۆلىتىمىزگە كەلگەن دارىل ھەربلىكلەر ئۇنداق ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆسۈملۈك مۇئامىلە يولى بىلەن ئالالمايمىز. چۈنكى بىز بەرگەن ۋىزا ئۇلارنىڭ ماللىرىنى چېقىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بىزنىڭچە قانۇنسىز يول بىلەن ئۇلارنىڭ مېلىنى ئالغان كىشى ۋىزا شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.
زىنا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھالال بولمايدۇ. لېكىن بىر مال، ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھالال بولىدۇ[8].
ئە ـ دەلىللەرنىڭ تەنقىدى
دارىل ھەربتە ئۇ يەرنىڭ يەرلىك خەلقىدىن ئۆسۈم ئېلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆزقاراشلار تەنقىد قىلىنغان. بۇ يەردە بىرى ھەنەفىي مەزھىپى ئىچىدىن يەنە بىرى تېشىدىن بولۇپ، ئىككى تەنقىد ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
1- كامالۇددىن ئىبىن ھۇمامنىڭ تەنقىدى
ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ نوپۇزلۇق فەقىھلىرىدىن كامالۇددىن ئىبىن ھۇمام[9] بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«جازانىخورلۇقنى چەكلەيدىغان ئايەتلەر مۇتلەقتۇر، يەنى ئۇلار بىر زامان ياكى بىر ماكان بىلەن چەكلىك بولماستىن، بەلكى ھەر زاماندا ۋە ھەر ماكاندا كۈچكە ئىگىدۇر. مەكھۇل رىۋايەت قىلغان ھەدىس دەلىل بولالايدىغانلىقى ئىسپاتلانمىسا بىر مەنە ئىپادىلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ  ھەدىس بۇ مۇتلەقلىككە خىلاپ كېلىدۇ. ئۇ ھەدىسنىڭ دەلىل بولالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ يەنە بىر مەنە ئىپادىلىمەيدۇ، چۈنكى بىر كىشىنىڭ خەۋىرى (خەبىرى ۋاھىد)[10] بىلەن قۇرئانغا بىر نەرسە قوشۇش جايىز بولمايدۇ. ئايەتلەرنىڭ «ئۆسۈم يېمەڭلار» دېگەن ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ھۆكۈملىرى ئۆسۈم چەكلىمىسىگە بىر چەك قويمىغان تۇرۇقلۇق «دارىل ھەربتە ئۆسۈم يېيىشكە بولىدۇ» دېيىش ئايەتكە زىيادە قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ توغرا بولمايدۇ.
دارىل ھەربتە ئۆسۈمنى ھارام دەپ قارىمايدىغانلار ئۆزلىرىنى مۇنداق ئاقلىشى مۇمكىن: جازانىخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىگە چەك قويمىغان ھۆكۈملەر، ئىگىسىنىڭ ھەققى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلىشقا بولمايدىغان ماللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر دارىل ھەربلىكنىڭ مېلى بىر كېلىشىم بىلەن ھىمايە ئاستىغا ئېلىنمىغان بولسا ئېلىشقا بولمايدىغان مال ئەمەستۇر، يەنى دارىل ھەربلىكنىڭ مېلىنى ئېلىش تۈزۈلگەن كېلىشىمگە رىئايە قىلىش ئۈچۈنلا چەكلىنىدۇ.
ئەسلىدە بۇ ئىزاھات دىققەت بىلەن تەتقىق قىلىنسا مەكھۇلنىڭ خەۋىرى كەلمىگەن تەقدىردىمۇ يۇقىرىدىكى كۆزقاراشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. لېكىن بۇ ئۆسۈمنى مۇسۇلمان ئالسا، ئۆسۈملۈك مۇئامىلە كېلىشىمى تۈزۈش توغرا بولىدۇ. ئەگەر ئۆسۈمنى دارىل ھەربلىك ئالىدىغان بولسا، كېلىشىم تۈزۈش توغرا بولمايدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. ھالبۇكى، «ئۆسۈم» سۆزى ئومۇمىيلىق ئىپادىلەيدىغان بىر سۆز بولۇپ، كاپىرنىڭ ئالغىنى بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئالغىنىنى ئوخشاش ھالدا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىمارمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇتۇۋالسا ئوتتۇرىدىكى مالنى كاپىرمۇ ئالالايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، «دارىل ھەربتە ئۆسۈم ھالال» دېگەن سۆز دارىل ھەربتە ئۆسۈمنى مۇسۇلمان ئالسا ھالال، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ساۋاقداشلار دەرستە ئىللەتكە قاراپ دارىل ھەربتە ئۆسۈم بىلەن قىمارنى ھالال دەپ قارايدىغانلارنىڭ مەقسىتىنىڭ مۇسۇلماننىڭ ئېلىشى ۋە ئۇتۇۋېلىشى بولغانلىقىنى بېكىتىپ چىقتى، لېكىن ئۇ پەتىۋانىڭ مۇتلەق بولۇشى يەنى ئۇنىڭدا بۇنداق بىر چەك قويۇلماسلىقى بۇنىڭغا خىلاپ كېلىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ[11]
2- ئابدۇللاھ ئىبىن ئەھمەد ئىبىن قۇدامەنىڭ تەنقىدى
ھەنبەلىي مەزھىپى فەقىھلىرىدىن ئىبىن قۇدامە (ۋاپاتى: 620 ھ) بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:
«جازانىخورلۇق دارىل ئىسلامدا ھارام بولغاندەك دارىل ھەربتىمۇ ھارامدۇر. مالىك، ئەۋزائى[12]، ئەبۇ يۈسۈپ، شافىئىي ۋە ئىسھاق[13] بۇ كۆزقاراشتا.
ئەبۇ ھەنىفە: «دارىل ھەربتە مۇسۇلمان بىلەن دارىل ھەربلىك ئارىسىدا ئۆسۈم يوق» دەيدۇ. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكىمۇ نەقىل قىلىنىدۇ: «دارىل ھەربتە ئىسلامغا كىرگەن ئىككى مۇسۇلمان ئارىسىدىمۇ ئۆسۈم يوق. چۈنكى مەكھۇلنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س)مۇنداق دېگەن: ‹دارىل ھەربتە مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇ يەرنىڭ خەلقى ئارىسىدا ئۆسۈم يوق›. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ماللىرى مۇباھتۇر[14]. دارىل ئىسلامدا ئۇ ماللارنى بىزگە ھارام قىلغان نەرسە بىز ئۇلارغا بەرگەن بىخەتەرلىك بەلگە، يەنى ۋىزادۇر. ئۇنداق بىر بەلگە بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ماللىرى بىزگە مۇباھ بولغان بولىدۇ».
بىزنىڭ دەلىلىمىز بولسا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايەتلىرىدۇر:
{الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لاَ يَقُومُونَ إِلاَّ كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُواْ إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا}
«ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ‹ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاش›، دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان»- بەقەرە 2/275.
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ}
«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار»- بەقەرە 2/278.
ھەدىسلەرمۇ ئارتۇقلۇقنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دەيدۇ:
«كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، ئۆسۈمگە كىرگەن بولىدۇ».
باشقا ھەدىسلەردىكى چەكلىمىمۇ ئومۇمىيلىقنى ئىپادىلەيدۇ.
بىزنىڭ باشقا بىر دەلىلىمىز شۇكى، دارىل ئىسلامدا ھارام بولغان نەرسە دارىل ھەربتىمۇ ھارام بولىدۇ. بۇ خۇددى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆسۈمنىڭ ھارام بولغىنىغا ئوخشاش. ھاراملىقى قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجما (ئالىملارنىڭ پىكىر بىرلىكى) بىلەن ئىسپاتلانغان بىر ھۆكۈمنى، سەھىھ ياكى مۇسنەد ۋە ياكى باشقا ئىشەنچلىك ھەدىس كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنمىغان مەجھۇل بىر ھەدىسكە تايىنىپ تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەدىس مۇرسەلدۇر[15]، يەنە كېلىپ ئۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ دارىل ھەربتە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. چۈنكى «ئۆسۈم يوق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، «ئۆسۈم ھارام» دېگەن بولۇشقا ئېھتىمالى بار. مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ:
{فَلاَ رَفَثَ وَلاَ فُسُوقَ وَلاَ جِدَالَ فِي الْحَجِّ}
«ھەج ئەسناسىدا ناشايان سۆز قىلىش، گۇناھ قىلىش ۋە جېدەللىشىش يوق» (بەقەرە 2/197) دېگەن سۆزى، ھەج ئىبادىتى ئەسناسىدا بۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ[16].
بىزنىڭچىمۇ توغرىسى مۇشۇ، چۈنكى ھەنەفىيلەرنىڭ دەلىل كەلتۈرگەن ھەدىسى مەجھۇل ھەدىستۇر. ئۇ ھەدىس سەھىھ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا تايىنىپ بۇنداق بىر ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنداقتا ھەدىس ئايەتنى مەنسۇخ قىلغان بولىدۇ. سۈننەت قۇرئانغا تابىئ (ئەگەشكۈچى) بولغانلىقى ئۈچۈن سۈننەتنىڭ ئايەتنى مەنسۇخ قىلىپ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.

[1]– غەرىب ھەدىس رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى نۇرغۇنلىغان كىشى تەرىپىدىن توپلانغان مەشھۇر ھەدىس راۋىيلىرىدىن يالغۇز بىر راۋىي رىۋايەت قىلغان ھەدىس.   
[2]– ئىبىن ھۇمام، فەتھۇلقەدىر 7/38-39.
[3]– ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبىن ھەسەن تۇسى (ۋاپاتى: 460 ھ)، ئىستىبسار، تېھران 1390، 2/70.
[4]مۇسلىم، سەھىھ، ھەج 19، 147 (1218)؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 57، ھەدىس نومۇرى: 1905، بۇيۇئ 5، ھەدىس نومۇرى: 3334؛ تىرمىزى، سۇنەن، تەۋبە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى، ھەدىس نومۇرى: 3087؛ دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 3، مەناسىك 34.
[5]– ئىبىن رۇشد، مۇقەددىمات 3/28-29.
[6]– ھىدايە ۋە فەتھۇلقەدىر 5/300-301.
[7]– ئىبىن ھۇمام، فەتھۇلقەدىر 7/39.
[8]– ئىبىن ھۇمام، فەتھۇلقەدىر 7/39.
[9]– كامالۇددىن ئىبىن ھۇمام 788 ھ/1396 م، دە تۇغۇلغان سىۋاسلىق مەشھۇر ھەنەفىي فەقىھى بولۇپ، بۇ كىشى ئۆز مەزھىپىگە تەرەپبازلىق قىلمايدىغان، ھەتتا مەزھىپىنىڭ ئۆزى خاتا كۆرگەن كۆزقاراشلىرىنىڭ خاتالىقىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغان بىر ئالىمدۇر. بۇ كىشىنىڭ فەتھۇلقەدىر ناملىق ئەسىرى (ھىدايە دېگەن كىتابقا يازغان شەرھى)، كۈنىمىزدە يەنىلا ھەنەفىي مەزھىپى ئالىملىرى ئىشەنچ قىلىدىغان ۋە قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان كىتابتۇر. 861 ھ/1457 م، تارىخىدا ۋاپات بولغان.
[10]– خەبىرى ۋاھىد مۇتەۋاتىر بولمىغان ھەدىس، دېمەكتۇر. مۇتەۋاتىر ھەدىس سەنەد تەبىقىلىرىدىن ھەر بىرىدە ئادەتتە يالغانغا بىرلىشىۋېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر توپ كىشىلەر ئۆزىگە ئوخشاش بىر توپ كىشىلەردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس، دېگەن بولىدۇ.
[11]ئىبىن ھۇمام، فەتھۇلقەدىر 7/39.
[12]– ئابدۇرراھمان ئەۋزائى تەبەئى تابىئىندىن بىر فەقىھ بولۇپ، 88 – ھىجرىيە يىلىدا بەئلىبەككىدە تۇغۇلغان، 157- ھىجرىيىدە بېيرۇتتا ۋاپات بولغان- ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى، 1/362.
[13]– ئىسھاق ئىبىن راھەۋەيھ بۈيۈك بىر فەقىھ ۋە مۇھەندىس بولۇپ، 237- ھىجرىيىدە نىسابۇردا ۋاپات بولغان.- ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى، 1/419-420.
[14]– يەنى ئۇلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھالال بولۇپ، كۆڭلىمىزگە شەك چۈشمەستىن قولىمىزغا ئۆتكۈزۈۋېلىشقا بولىدىغان ماللاردۇر.
[15]مۇرسەل ھەدىس تابىئىندىن بىر زات ساھابە ئىسمى زىكىر قىلماستىن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)دىن بىۋاسىتە نەقىل رىۋايەت قىلغان ھەدىستۇر. يۇقىرىدىكى ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)دىن مەكھۇل ئىبىن زەيد رىۋايەت قىلغان. بۇ زات تابىئىندىندۇر، يەنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نى ئەمەس، ئۇنى ساھابىلىرىنى كۆرگەنلەردىندۇر. ھەنەفىي مەزھىپى تابىئىندىن ئىشەنچلىك كىشىنىڭ مۇرسەل ھەدىسىنى دەلىل ھېسابلايدۇ. (قاراڭ: ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى، 1/140.
[16]– ئىبىن قۇدامە، مۇغنى 4/176-177.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ