باش بەت > مىراس > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

5) باشقا ۋارىسلار

ئاللاھ تائالا مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مېيىتنىڭ بىۋاسىتە ئاتا – ئانىسى، بالىلىرى ۋە جۈپتى (ئېرى ياكى ئايالى) قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۈلۈش بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئانىسى ۋە بالىسى بولمىغان مېيىت (ئانا تەرەپتىن كەلالە)، ئاتىسى ۋە بالىسى بولمىغان مېيىت (ئاتا تەرەپتىن كەلالە)لارنىڭ مىراسىنىڭ تەقسىماتى ھەققىدە تەلىمات بېرىپ، بىرىنچى دەرىجىدىكى ۋارىسلاردىن ھايات بولمىغانلارنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىدىن كېيىنكى دەرىجىدە بولغان باشقا تۇغقانلارنىڭ ئۆتۈپ، ۋارىس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، ئۇلارمۇ ھايات بولمىغان ئەھۋالدا كېيىنكى دەرىجىدە بولغان تۇغقانلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، ۋارىس بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئۆز مەنىلىرىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرلىكتە ۋارىسلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ تەرتىپكىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ:

﴿حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمۡ أُمَّهَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُكُمۡ وَأَخَوَٰتُكُمۡ وَعَمَّٰتُكُمۡ وَخَٰلَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُ ٱلۡأَخِ وَبَنَاتُ ٱلۡأُخۡتِ …  ٢٣﴾

«سىلەرگە ئانىلىرىڭلار، قىزلىرىڭلار، ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى، ھەمشىرەڭلەرنىڭ قىزلىرى… ھارام قىلىندى»[1].

﴿… وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوۡ ءَابَآئِهِنَّ أَوۡ ءَابَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآئِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ إِخۡوَٰنِهِنَّ  أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ…  ٣١﴾

«مۇئمىن ئاياللار زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئۆز ئاتىلىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئاتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن…. باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن»[2].

﴿… مِنۢ بُيُوتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ ءَابَآئِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أُمَّهَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ إِخۡوَٰنِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخَوَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَعۡمَٰمِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ عَمَّٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخۡوَٰلِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ خَٰلَٰتِكُمۡ …  ٦١﴾

«ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن»[3].

بۇ ئۈچ ئايەتتە بايان قىلىنغان كىشىلەرنى تۆۋەندىكىدەك تەرتىپلەشكە بولىدۇ: ئاتا – ئانىلار، بالىلار، جۈپلەر، قېرىنداش – ھەمشىرىلەر، بوۋا – مومىلار، تاغا – ھاممىلار ۋە جىيەنلەر.

مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۆلگەن كىشىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىدىكى يېقىنلىرى ۋە ئۈلۈشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا كېيىنكىلەرنىڭ مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ ئۈلۈش ئالالايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1) بوۋا – مومىلار

(1) بوۋا – مومىنىڭ ئېنىقلىمىسى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لِّلرِّجَالِ نَصِيبٞ مِّمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٞ مِّمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنْهُ أَوْ كَثُرَ نَصِيبًا مَّفۡرُوضٗا  ٧﴾

«ئەرلەر ئۈچۈن ئاتا – ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئاتا – ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن نېسىۋىسى بار»[4].

ئايەتتە مىراس قالدۇرغانلار «ۋالىدانى» ﴿الْوَالِدَانِ﴾ ۋە «ئەقرەبۇنە» ﴿وَالأَقْرَبُونَ﴾ دېگەن كەلىمىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ۋالىدانى» دېگەن سۆز تۇغماق مەنىسىدىكى ۋىلادەت (وِلادَةً) سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئېنىق سۈپەتداش (ئىسمى فائىل) نىڭ ئىككىلىك شەكلى (تەسنىيەسى) بولۇپ، بۇ ئىككىلىك شەكىل تۇغقۇچى ئايال دېگەن مەنىدىكى «ۋالىدە/ۋالىد» بىلەن تۇغۇلغان بالىنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا سەۋەبچى بولغۇچى ئەر، بالىسى بولغان ئەر دېگەن مەنىدىكى ئېنىق سۈپەتداش «ۋالىد»نىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان. بۇ كەلىمىنىڭ يىلتىزىدا تۇغۇش مەنىسى بولغانلىقى ۋە ئېنىق ئىسىم (مەئرىفە) بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن مەنىسى مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ياكى مېيىتنىڭ بىۋاسىتە ئاتا – ئانىسى دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئايەتلەردە بۇ «ۋالىدەين» كەلىمىسى كەلگەن[5].

«ئەقرەبۇنە» دېگەن كەلىمە يېقىنلاشماق مەنىسىدىكى قۇربەتەن (قُرْبَةً) سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئاشۇرما سۈپەتداش (ئىسمى تەفدىل) بولۇپ، مەنىسى «ئەڭ يېقىن» دېگەن بولىدۇ. بۇ كەلىمىمۇ  ئايەتتە ئېنىق ئىسىم (مەئرىفە) بولغانلىقى ئۈچۈن ۋارىس بولىدىغان كىشىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار مېيىتنىڭ يۇقىرىدا تونۇتۇلغان بىۋاسىتە ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرلىكتە بىرىنچى قېتىمدا مىراستىن ئۈلۈش ئېلىش ھەققىگە ئىگە بولغان يېقىنلىرى بولۇپ، مېيىتنىڭ بالىلىرىنى ۋە جۈپتىنى (ئېرىنى ياكى ئايالىنى) كۆرسىتىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە «ئاتا» مەنىسىدە باشقا بىر كەلىمىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ كەلىمە ئەب «أب» بولۇپ، مەنىسى ئۆز ئاتا، بوۋا، بوۋىنىڭ ئاتىسى، تاغا ۋە ئەجداد دېگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ «ئەب»ى ئىكەنلىكى[6]، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن مۇئمىن، مۇسۇلمانلارنىڭ «ئەب»ى ئىكەنلىكى[7] بىلدۈرۈلگەن. تۆۋەندىكى ئايەتلەردە «ئەب» كەلىمىسى ئاتا، بوۋا، تاغا ۋە ئەجداد ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن:

﴿وَكَذَٰلِكَ يَجۡتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكَ وَعَلَىٰٓ ءَالِ يَعۡقُوبَ كَمَآ أَتَمَّهَا عَلَىٰٓ أَبَوَيۡكَ مِن قَبۡلُ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٞ  ٦﴾

«چۈشۈڭدە كۆرگىنىڭدەك رەببىڭ سېنى تاللايدۇ، ساڭا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگىتىدۇ، بۇرۇن ئىككى ئاتاڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا نېمىتىنى تاماملىغاندەك، ساڭىمۇ ۋە يەئقۇبنىڭ ئەۋلادىغىمۇ نېمىتىنى تاماملايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[8].

﴿وَٱتَّبَعۡتُ مِلَّةَ ءَابَآءِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۚ مَا كَانَ لَنَآ أَن نُّشۡرِكَ بِٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۚ ذَٰلِكَ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ عَلَيۡنَا وَعَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ  ٣٨﴾

«يۇسۇف ئېيتتى: ئاتىلىرىم ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىڭ يولىغا ئەگەشتىم. ئاللاھقا بىرەر نەرسە شېرىك قىلىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان پەزلىدىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ»[9].‏

﴿أَمۡ كُنتُمۡ شُهَدَآءَ إِذۡ حَضَرَ يَعۡقُوبَ ٱلۡمَوۡتُ إِذۡ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعۡبُدُونَ مِنۢ بَعۡدِيۖ قَالُواْ نَعۡبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ ءَابَآئِكَ إِبۡرَٰهِ‍ۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗا وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ  ١٣٣﴾

«ياكى سىلەر يەئقۇبقا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟! ئۇ بالىلىرىغا: ‹مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر كىمگە چوقۇنىسىلەر؟‹ دېگەندە، ئۇلار: ‹سېنىڭ ئىلاھىڭ بولغان، ئاتىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئىلاھقا چوقۇنىمىز، بىز پەقەت ئۇنىڭغىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز‹ دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى»[10].‏

قۇرئان كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تىلەش توغرىسىدا ۋەدە قىلغانلىقى، كېيىن مەغپىرەت تىلىگەنلىكى، لېكىن بۇ ئاتىسىنىڭ ئاللاھ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئادا – جۇدا بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿قَالَ سَلَٰمٌ عَلَيۡكَۖ سَأَسۡتَغۡفِرُ لَكَ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ كَانَ بِي حَفِيّٗا  ٤٧﴾

«ئىبراھىم مۇنداق دېدى: خوش ئەمىسە ئاتا! سەن ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئۇ ماڭا بەك مەرھەمەتلىكتۇر»[11].

﴿وَٱغۡفِرۡ لِأَبِيٓ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ  ٨٦﴾

«ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى ئۇ ئازغۇنلاردىندۇر»[12].‏

﴿وَمَا كَانَ ٱسۡتِغۡفَارُ إِبۡرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَن مَّوۡعِدَةٖ وَعَدَهَآ إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥٓ أَنَّهُۥ عَدُوّٞ لِّلَّهِ تَبَرَّأَ مِنۡهُۚ إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ لَأَوَّٰهٌ حَلِيمٞ  ١١٤﴾

«ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، پەقەت ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈن ئىدى. كېيىن ئىبراھىمغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇنىڭدىن ئادا – جۇدا بولدى. چۈنكى ئىبراھىم ئاللاھتىن بەك قورققۇچى، سەۋرچان كىشى ئىدى»[13].‏

شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمائىل ۋە ئىسھاق دېگەن بالىلىرى دۇنياغا كېلىپ بولغان ۋە ئۆزى ياشانغان چاغدا ئاتا – ئانىسىغا مەغپىرەت تىلىگەنلىكىمۇ بايان قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى ٱلۡكِبَرِ إِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَۚ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ  ٣٩ رَبِّ ٱجۡعَلۡنِي مُقِيمَ ٱلصَّلَوٰةِ وَمِن ذُرِّيَّتِيۚ رَبَّنَا وَتَقَبَّلۡ دُعَآءِ  ٤٠ رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيَّ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ يَوۡمَ يَقُومُ ٱلۡحِسَابُ  ٤١﴾

«ياشىنىپ قالغان چېغىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۈبھىىسزكى، مېنىڭ رەببىم دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.‏ رەببىم! مېنى نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى قىلغىن، نەسلىمدىنمۇ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەر چىقارغىن. رەببىمىز! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن. رەببىمىز! ھېساب ئېلىنىدىغان كۈندە ماڭا، ئاتا – ئانامغا ۋە مۇئمىنلارغا مەغپىرەت قىلغىن»[14].‏

‏شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ باشتا مەغپىرەت تىلەپ، كېيىن ئادا – جۇدا بولغان ئاتىسى باشقا، «ۋالىد» كەلىمىسىنى ئىككىلىك شەكلىدە تىلغا ئېلىپ، ئانىسى بىلەن بىرلىكتە مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ، مەغپىرەت تىلىگەن ئاتىسى باشقىدۇر. چۈنكى بىر ئىنساننىڭ بىر مۇئەييەن ۋە مەلۇم «ۋالىد»ى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشقا ھاجەت يوق. لېكىن بىر ئىنساننىڭ بىرقانچە «ئەب»ى بولىدۇ، قايسىسىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە «ئىككى ئاتاڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاق»[15]، «ئاتىلىرىڭ، ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئىسھاق»[16] دەپ «ئەبلەر»نىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ زىكىر قىلىنغان. جۈملىدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ باشتا مەغپىرەت تىلەپ، كېيىن ئادا – جۇدا بولغان ئاتىسى «ئازەر»[17] دېگەن ئىسمى بىلەن زىكىر قىلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەغپىرەت تىلىگەن ئاتىسىنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنمىغان[18].

«ئەب» كەلىمىسى «بوۋا» مەنىسىدە كەلگەندە بۇ كەلىمىنىڭ ئىككىلىك شەكلى «بوۋا – موما» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى بىلەن مېيىتنىڭ ئارىسىدىكى يېقىنلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ۋاسىتىسى بولغان بالىلىرى يەنى مېيىتنىڭ بىۋاسىتە ئاتا – ئانىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ (ھاياتتا بولغان تەقدىردە ئالىدىغان) ئۈلۈشىنى ئالىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېيىتنىڭ ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مېيىتنىڭ «ئەڭ يېقىن»ى قاتارىغا ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى (ئەبەۋەينى) ھېسابلىنىدۇ.

بوۋا – مومىلار ھەر نەقەدەر «ئەبەۋەين» ھېسابلانسىمۇ مىراس تەقسىماتى ھەققىدىكى ئايەتلەر ئۇلارنىڭ «ئۈچىنچى دەرىجىدە ۋارىس» بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مىراس تەقسىماتى ھەققىدىكى  ئايەتلەر بىۋاسىتە ئاتا – ئانىنىڭ بالا بىلەن بىرلىكتە ۋارىس بولىدىغانلىقىنى، بالا بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئاتا – ئانىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى، ئاتا – ئانا بىلەن بالا بولمىغاندا بىر تۇغقانلارنىڭ ۋارىس بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى، تاغا ۋە ھاممىلارنىڭ ئۈلۈش ئېلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ يەنى مېيىتنىڭ بوۋا – مومىسىنىڭ ھايات بولماسلىقى شەرتتۇر. شۇڭلاشقا بوۋا – مومىلارنىڭ ۋارىسلىق دەرىجىسى بىر تۇغقانلارنىڭ دەرىجىسىدىن كېيىن تاغا – ھاممىلارنىڭ دەرىجىسىدىن ئىلگىرىكى دەرىجىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن «ۋارىسلارنىڭ تەرتىپى»گە ئىشارەت قىلغان ئايەتلەردە «بوۋا – مومىلار» ئاشكارا زىكىر قىلىنمىغان. چۈنكى نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنىڭ بېشىدىكى «ئانىلار»[19] مومىلارنىمۇ، ئاياللارغا زىننىتىنى ئاشكارىلاشقا رۇخسەت بېرىلگەن ئەرلەرنىڭ قاتارىدىكى «ئاتىلار»[20] بوۋىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەمداستىخان بولۇش دائىرىسىنى بايان قىلىدىغان ئايەتتە[21] ئاتا تەرەپ تاغا – ھاممىلارنىڭ بىر تۇغقانلاردىن كېيىن زىكىر قىلىنىشى «بوۋا – مومىلار»نىڭ ۋارىسلىق دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.

بوۋا – مومىلار ئاتا تەرەپتىن ۋە ئانا تەرەپتىن بولۇپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.  ئۇلارنىڭ ھەر تۈرى ئۆزلىرى بىلەن مېيىتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ۋارىسنىڭ ئۈلۈشىنى ئېلىپ بۆلىشىدۇ.

2) بوۋا – مومىلارنىڭ ئۈلۈشلىرى

 (1) ئاتا تەرەپتىن بوۋا – مومىلار. بۇلار مېيىتنىڭ بىۋاسىتە ئاتىسى، بالىسى ۋە قېرىنداش – ھەمشىرىلىرى بولمىغان تەقدىردىلا  مېيىتنىڭ بىۋاسىتە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈلۈشىنى ئالىدۇ. خۇددى مېيىتنىڭ بىۋاستە ئاتا – ئانىسىدەك، بوۋىسى ئۈچتە ئىككىنى، مومىسى ئۈچتە بىرىنى ئالىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئاتا تەرەپتىن تاغا – ھاممىلىرى بولسا مومىسى ئالتىدىن بىرىنى، بوۋىسى ئالتىدىن بەشنى ئالىدۇ. بۇ يەردىكى تەقسىمات مېيىتنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ، مېيىتنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان ۋە بولمىغان چاغدىكى تەقسىماتقا ئوخشاشتۇر.

(2) ئانا تەرەپتىن بوۋا – مومىلار. بۇلار مېيىتنىڭ بىۋاسىتە ئانىسى، بالىسى ۋە قېرىنداش – ھەمشىرىلىرى بولمىغان تەقدىردىلا مېيىتنىڭ بىۋاسىتە ئانىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈلۈشىنى ئالىدۇ. ئاندىن بۇ ئۈلۈشنى ئۆز ئارىسىدا ئوخشاش مىقداردا بۆلىشىدۇ. چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئۇنىڭ ئانىسى تەرەپتىن يېقىنلىشىدۇ. ئۈلۈشلەرنىڭ مىقدارى مېيىت بىلەن ۋارىسنىڭ ئارىسىدىكى مەنپەئەتكە قارىتا ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، شۇنداقلا ئانا تەرەپكە مۇشۇنداق ئۈلۈش تەقسىم قىلىنغان.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 419 – 426.

[1] 4 – سۈرە نىسا ، 23 – ئايەت.

[2] 24 – سۈرە نۇر، 31 – ئايەت.

[3] 24 – سۈرە نۇر ، 61 – ئايەت.

[4] 4 – سۈرە نىسا، 7 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 83 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 15 – ئايەت.

[6] 7 – سۈرە ئەئراف، 27 – ئايەت.

[7] 22 – سۈرە ھەج، 78 – ئايەت.

[8] 12 – سۈرە يۇسۇف، 6 – ئايەت.

[9] 12 – سۈرە يۇسۇف، 38 – ئايەت.

[10] 2 – سۈرە بەقەرە، 133 – ئايەت.

[11] 19 – سۈرە مەريەم، 47 – ئايەت.

[12] 26 – سۈرە شۇئەرا، 86 – ئايەت.

[13] 9 – سۈرە تەۋبە، 114 – ئايەت.

[14] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 39 ~ 41 – ئايەتلەر.

[15] قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 6 – ئايەت.

[16] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 133 – ئايەت.

 [17]قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 74 – ئايەت.

[18] قاراڭ: 14 – سۈرە ئىبراھىم، 41 – ئايەت.

[19] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 23 – ئايەت.

[20] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 31 – ئايەت.

[21] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 61 – ئايەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ